-
باي دادا بىرىنجى باپ 11~13.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-19
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35406490.html
باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن
ئەسلى ئاپتورى: روبېرت كىيوساكى(ئامېرىكا)
نەشىرىيات: نەنخەي نەشىرىيات شىركىتى نەشىرىياتى
بىرىنجى باپ ئون بىرىنجى قىسىم
نامراتلار پۇل مەسلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ
نامرات كىشىلەرنى تىلغا ئالغىنىمىزدا، باي دادام مۇنداق دەيدۇ: «نامرات ئادەملەر پۇل مەسلىنى پەقەت مەسىلە دەپلا قارايدۇ. نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئۇلارنى پۇلنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار دەپ قارايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنى بىردىنبىر پۇل مەسىلىسى بار ئادەم دەپ قارايدۇ. ئۇلار تېخىمۇ كۆپ پۇل بولسىلا پۇل مەسلىسى مەۋجۇت بولمايىتتى، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇمەسلىسنى ھەل قىلىش ياكى مەسلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئېلىپ كېتىدىغان ئىقتىدارى يوق بولۇپ، پەقەت پۇل مەسىلسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ، شۇنداقلا مەسلىنى تېخىمۇ ئېغىر قىلىۋىتىدۇ. ئۇلار تېخىمۇ باي بولۇپ كەتمەستىن، بەلكى تېخىمۇ نامراتلىشىپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي قابىلىيتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە ئېرىشەلمەيدۇ، بىردىنبىر يۇقىرى كۆتۈرىلىدىغان نەرسە ئۇلارنىڭ مالىيە مەسىللىرى.»
بىرىنجى باپ ئون ئىككىنجى قىسىم
ئوتتۇرا بۇرۇژئازىيدىكىلەر پۇل مەسلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ
نامراتلار پۇلنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار بولسا، ئوتتۇرا بۇرۇژئازىيدىكىلەر پۇلنىڭ مەھبۇسى. ئوتتۇرا بۇرۇژئازىيەنى تىلغا ئالغاندا باي دادام مۇنداق دەيدۇ: «ئوتتۇرا بۇرۇژئازىيدىكىلەر باشقا بىر خىل ئۇسۇل ئارقىلىق پۇل مەسلىسىنى ھەل قىلىدۇ، ئۇلار ئامال قىلىپ پۇل مەسلىسىنى ھەل قىلىشنى ئويلاشماسىتىن، بەلكى ئۆزىنىڭ ئەقلى ئۈستۈن چاغلاپ، پۇل ئۈستىدىن غالىپ كېلىمىز دەپ ئويلايدۇ. ئوتتۇرا بۇرۇژئازىيدىكىلەر پۇل تۆلەش ئارقىلىق ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، بىر كىشىلىك كاپالەتكە ئىگە خىزمەتكە ئېرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ناھايىتى ئەقىللىق، پۇل تاپالايدۇ، شۇنداقلا ئۇلار پۇل مەسىلسى ئوتتۇرىسىدا بىخەتەرلىك توسىقى– بۇففېرلاش رايونىنى قۇرىدۇ. ئۇلار ئۆي سېتىۋالىدۇ. ۋاقتىدا ئىشقا چىقىپ چۈشىدۇ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرىدۇ، شىركەتتە سالماق قەدەم بىلەن يۇقىرىغا يامىشىدۇ، ئۇلار يەنە پايچېك، زايوم ۋە فوند سېتىۋىلىپ پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىنلىك ئامانىتى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ كۆرگەن مائارىپ تەربىيسىنىڭ پۇل دۇنياسىدىكى رەھىمسىز سىناق ۋە ئازابلىق مۇئامىلە قىلىشلارغا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىغا يېتەرلىك ئىكەنلىكىدىن شەكلەنمەيدۇ.»
«50 ياشقا كىرگەندە، » دەيدۇ باي دادا ،«نۇرغۇن ئوتتۇرا بۇرۇژئازىيدىكىلەر شۇنى بايقايدۇكى، ئۇلار ئۆز ئىشخانىسىنىڭ مەھبۇسىغا ئايلانغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كۆپ قىسىملىقلىرى ئەتىۋارلىنىشقا ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ كەسپى بىلىمى بار، يېتەرلىك پۇل تاپالايدۇ، شۇنداقلا يېتەرلىك ھالدىكى خىزمەت ئۈستىدىكى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بار. گەرچە ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىقتىساد مەسلىسى تەرىپىدىن باغلانغانلىقىنى بىلسىمۇ، بىراق ئۇلاردا ئىشخانىدىن قېچىپ چىقىدىغان مالىيە پاراسىتى كەمچىل. 65 يېشىدا ئۇلار پىنسىيەگە چىقىدۇ، يەنە 15 يىل ، ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئېنىقكى ئۇلار تېخىمۇ تەپسىلىي ھېسابات قىلىپ كۈنلىرىنى ئەپلەپ– سەپلەپ ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ.»
باي دادام شۇنداق دەيدۇكى: «ئوتتۇرا بۇرۇژئازىيدىكىلەر ئىلىم– پەن ۋە كەسىپىي بىلىم جەھەتتىكى ئەقىللىقلىقى بىلەن پۇل مەسلىسىدىن غالىپ كېلىشنى ئويلايدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئىقتىسا قابىلىيتى مائارىپ تەربىيسى كۆرمىگەن بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭى مالىيە بىخەتەرلىكىگە زىيدە كۆڭۈل بۆلۈپ مال– دۇنيا رىقابىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئاتلانماسلىقىنىڭ سەۋەبى. ئوتتۇرا بۇرۇژئازىدىكىلەر كارخانىچى بولۇشنى ئويلىمايدۇ، بەلكى كارخانىچىلارغا ياللىنىپ ئىشلەشنى خالايدۇ؛ ئۇلار مەبلەغ سالمايدۇ، بەلكى پۇللىرىنى مالىيە مۇتەخەسىسىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىقتىساد قابىلىتىدە ئىلگىرىلەش كۆرۈلمەيدۇ، بەلكى داۋاملىق ئىشخانىغا بېكىنىۋېلىپ ئالدىراشچىلىققا بەنت بولۇپ ئۆتىدۇ.»بىرىنجى باپ ئون ئۈچىنجى قىسىم
بايلار پۇل مەسلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ
مالىيە پاراسىتىنى تەپسىلىي كۆزىتىپ باقساق ناھايىتى ئاسانلا شۇنى بايقايمىزكى، بىر ئادەم باي بولۇشنى ئويلىسا، چوقۇم 5 تۈرلۈك يادرولۇق ئەقىلگە ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇ كىتابتا سۆزلەنگىنى دەل مۇشۇ 5 خىل مالىيە پاراسىتىدۇر.
بۇ كىتاب يەنە «بىجىرىم» لىك مەسلىسىنى تىلغا ئالغان. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ سۆزنى تىلغا ئالغاندا، بىر نەزىرىيۋى ئۇقۇمنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ھەرگىز بۇ ئەمەس. بۇ يەردە كۆرسىتىلىگىنى مۇكەممەل، كۆپ تەرەپلىمە دىگەن مەنىدە. «ۋېيشى چوڭ لۇغىتى» دىكى چۈشەندۈرۈلۈشى مۇنداق: «مۇكەممەل ياكى ئايرىلالمايدىغان خاراكتېر ياكى ھالەت.» ئەگەر سىز بۇ كىتابتا تىلغا ئېلىنغان بەش تۈرلۈك مالىيە پاراسىتىنى ئىگەللىۋالسىڭىز، سىز دەل بىجىرىم بولغان مالىيە كاپالىتىگە ئىگە بولغان بولىسىز.
باي كىشلەر پۇل مەسلىسىگە يولۇققاندا، ئۇلارنىڭ مالىيەسى بىجىرىم بولغانلىقى ئۈچۈن مەسىللەرنى ئاسانلا ھەل قىلىۋېتەلەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ كۆپ يىللاردىن بېرى مالىيە پاراسىتى ئارقىلىق مەسىللەرگە يۈزلىنىپ ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىپ كېلىشتىن يېتىشتۈرۈپ چىققان ئىقتىدارى. ئەگەر بايلار پۇل مەسلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئامالىنى بىلمىگىنىدە، ئۇلار ئاسانلىقچە مەغلۇب بولغاندا تىرىشچانلىقتىن ۋاز كەچمىگەن بولاتتى. ئۇلار پۇل مەسلىسىنى ھەل قىلىدىغان مۇتەخەسىسىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. بۇ جەرياندا، ئۇلار مالىيە مەسىلسىنى ھەل قىلىش تەرەپتىن تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇپ كېتىدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېينكى مەسىللەرنى ھەل قىلىشقا بولغان ئىقتىدارى تېخىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. بايلار ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ، ئۇلار ئۈزلۈكسىز ئۆگېنىدۇ، شۇنداقلا ئۆگېنشىتىن كېيىن تېخىمۇ باي بولۇپ كېتىدۇ.ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
历史上的今天:
ئانا تىلىم- ئۇيغۇر تىلى 2009-02-19باي دادا ئىككىنجى باپ 1.قىسىم 2009-02-19باي دادا ئىككىنجى باپ 2009-02-19بىرىنجى باپتىن قىسىقىچە خۇلاسە 2009-02-19باي دادا بىرىنجى باپ 15.قىسىم 2009-02-19
收藏到:Del.icio.us
