<<  باي دادا بىرىنجى باپ 15.قىسىم | باش بەت | باي دادا ئىككىنجى باپ  >>
  • بىرىنجى باپتىن قىسىقىچە خۇلاسە - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]

    2009-02-19

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35406560.html

    باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن

    ئەسلى ئاپتورى: روبېرت كىيوساكى(ئامېرىكا)

    نەشىرىيات: نەنخەي نەشىرىيات شىركىتى نەشىرىياتى

    بىرىنجى باپتىن قىسقىچە خۇلاسە

    قىسقىچە خۇلاسە

         1971.يىلى ۋە 1974.يىلى پۇل قائىدىسى ئىككى قېتىملىق چوڭ تىپتىكى ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈردى.  بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر دۇنيا مىقياسىدا نۇرۇغۇنلىغان مالىيە مەسىللىرىنى قوزغىدى، بۇ مەسىللەرنى تېخىمۇ كۆپ مالىيە پاراسىتى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بەخىتكە قارشى، بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز ۋە مەكتىپىمىز بۇ ئۆزگىرىشلەرگە توغرا قاراپ مەسىللەرنى ئويلىشىپ بېقىشقا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ، شۇڭلاشقا، بۈگۈنكى مالىيە مەسلىسى شۇنچە جىددىي ھالغا چۈشۈپ قالدى. مېنىڭ كۆرگىنىم، ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتتىن قەرزى ئەڭ كۆپ بولغان چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى.
    نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ مالىيە مەسىللىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىراق ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىشتىمۇ ئامالسىز قالغان ھالەتتە ئۇلارنىڭ قانداقلارچە سىزگە ياردەم قىلالايدىغانلىقى مېنىڭ ھېچ كاللامدىن ئۆتمەيدۇ. مېنىڭچە، ئۆزىنىڭ مەسلىسىنى يەنىلا شۇ كىشىنىڭ ئۆزى ھەل قىلغان تۈزۈك. ياخشى تەرەتىپ ئېتىقاندا: ئەگەر سىز پۇل مەسلىسىنى ھەل قىلىسىڭىز، سىز تېخىمۇ ئەقىللىق ۋە باي بولۇپ كېتىسىز.
    بىرىنجى باپتا، سىز ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك نەرسە، مەيلى باي بولسۇن ياكى نامرات بولسۇن، ئوخشاشلا پۇل مەسىلىسىگە دۇچار بولىدۇ. تېخىمۇ باي بولۇش، ئىقتىساد قابىلىيتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ بىرلا ئامالى بار، ئۇ بولسىمۇ ئاكتىپ ھالدا پۇل مەسىللىرىنى ھەل قىلىش.
    نامراتلار ۋە ئوتتۇرا بۇرۇژئازىيدىكىلەر كۆپىنچە ھالدا ئۆزىنى پۇل مەسلىسىدىن قاچۇرىدۇ ياكى پۇل مەسلىسى يوقتەك بولىۋالىدۇ. بۇ خىل ھالەت ئۇلاردا پۇل مەسلسىنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىشىنىڭ تۈپكى مەنبەسى، ئەگەر راستىنلا مۇشۇنداق بولسا ئۇلارنىڭ مالىيە پاراسىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ناھايىتى ئاستا بولىدۇ، بەلكىم قەتئىي ئاشماسلىقى مۇمكىن.
    بايلار مالىيە مەسىللىرىگە ئاكتىپ تاقابىل تۇرىدۇ. ئۇلار شۇنى بىلىدۇكى، مالىيە مەسىللەرنى ھەل قىلىشى ئۇلارنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ ئىقتىساد قابىلىيتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بايلار ئۆزىنى ھەقىقىي بايلىققا ئېرىشتۈرىدىغان نەرسىنىڭ پۇل ئەمەس بەلكى مالىيە پاراسىتى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. نامراتلار ۋە ئوتتۇرا بۇرۇژئازىيدىكىلەرنىڭ مەسلىسى ئۇلاردا يېتەرلىك پۇل بولماسلىقى بولسا، بايلارنىڭ مەسىلىسى پۇلنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكىدۇر. يۇقىرىقى ئىككىلا مەسىلە رىئال تۇرمۇشقا مۇناسىپتۇر. ئەڭ مۇھىمى، سىز بۇ ئىككى مەسلىنىڭ قايسىسىنى ئېلىشنى خالايسىز؟ ئەگەر سىز ئى ككىنجى مەسلىنى تالللىسىڭىز ئۇنداقتا داۋاملىق داۋامىنى ئوقۇڭ.

    ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!


    收藏到:Del.icio.us





Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى