<<  باي دادا بىرىنجى باپ 3.قىسىم | باش بەت | باي دادا بىرىنجى باپ 5.قىسىم  >>
  • باي دادا بىرىنجى باپ 4.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]

    2009-02-18

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35379898.html

    باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن

    ئەسلى ئاپتورى: روبېرت كىيوساكى(ئامېرىكا)

    نەشىرىيات: نەنخەي نەشىرىيات شىركىتى نەشىرىياتى

    بىرىنجى باپ تۆتىنجى قىسىم

    پۇلنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىش

      نېمە پۇلنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلالايدۇ
    مالىيە باشقۇرۇش پاراسىتى پۇلنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلالايدۇ. ئاددى قىلىپ ئېيىتقاندا، مالىيە پاراسىتى دەل بىزنىڭ مالىيە مەسىللەرنى ھەل قىلىدىغان ئەقىل– پاراسىتىمىزدۇر، بىزنىڭ پۈتكۈل ئەقىل– پاراسىتىمىزنىڭ بىر قىسمى. تۆۋەندىكىسى بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان پۇل مەسىللىرى:
    1. « مەن يېتەرلىك كۆپ پۇل تاپالمىدىم.»
    2.«مەن قات– قات قەرزگە بوغۇلۇپ كەتتىم.»
    3.«مېنىڭ ئۆي ئېلىشقا قۇربىم يەتمەيدۇ.»
    4.«مېنىڭ ماشىنام بۇزۇلۇپ قالدى، بىراق مەن قەيەردىن پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىپ ئۇنى .ئوڭشىتىمەن؟»
    5.«مېنىڭدە ئون مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بار، بىراق قەيەرگە مەبلەغ سالسام ياخشىراق بولار؟»
    6.«بالىمىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماقچى، لېكىن بىزنىڭ ئۇنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلىگۈدەك ئىقتىسادىمىز يوق.»
    7.«مەن پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئىشلىتىدىغانغا يېتەرلىك پۇل ئاجرىتىپ قويالمىغۇدەكمەن.»
    8.«مەن ھازىرقى خىزمىتىمنى ياخشى كۆرمەيمەن، بىراق ئىستىپا بەرگۈممۇ يوق.»
    9.«مەن پىنسىيەگە چىقتىم، لېكىن قويغان ئامانەت پۇللىرىمنى خەجلەپ بولايلا دەپ قالدىم.»
    10.«مەن ئوپىراتسىيە پۇلىنى تۆلەشكە ئامالسىزمەن.»
    مالىيە باشقۇرۇش پاراسىتى يۇقىرىقى مەسىللەرنى شۇنداقلا پۇلغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسىللەرنى ھەل قىلالايدۇ. بەخىتكە قارشى، ئەگەر مېنىڭ مالىيە باشقۇرۇش پاراسىتىم يېتەرلىك تەربىيلەشكە ئېرىشەلمىسە يۇقىرىقى مەسىللەرنى ھەل قىلالمايمەن، ئۇنداقتا بۇ مەسىللەر ئىزچىل ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ، ئۇلار يوقىمايدۇ. يەنە كېلىپ كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا ئۇلار تېخىمۇ ئوساللىشىپ تېخىمۇ كۆپلىگەن پۇل مەسىللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. مەسىلەن، مىليونلىغان ئادەملەر پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن خىراجەت پۇلىنى ئېشىنچە قىلىپ قويالمايدۇ. ئۇلار بۇ مەسلىنى ھەل قىلمىسا، ئەھۋال تېخىمۇ يامانلىشىپ ياشنىڭ چوڭىيىشغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ داۋالاش سۇغۇرتىسىغا تېخىمۇ كۆپ پۇل تۆلىشىگە توغرا كېلىدۇ. سىز ياقتۇرۇڭ، ياكى ياقتۇرماڭ پۇل ئوخشاشلا سىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىز ۋە تۇرمۇش سۈپىتىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. پۇل يەنە ئۆز نۆۋىتىدە تۇرمۇشىڭىزغا نۇرغۇن قولايلىق ۋە بىر پونكىتلىق مۇلازىمەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.  ئۇلنىڭ تەمىنلىگەن تاللاشتىكى ئەركىنچىلىك سىزنىڭ سىرتقا چىققاندا ئۆزىڭىز خالىغانچە تاكسى توسۇش ياكى ئاپتۇبۇز،....، ياكى شەخسىي ئايروپىلاندا ئولتۇرۇشنى تاللىيالىشىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.

    ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!


    收藏到:Del.icio.us





Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى