<<  باي دادا بىرىنجى باپ 6.قىسىم | باش بەت | باي دادا بىرىنجى باپ 8.قىسىم  >>
  • باي دادا بىرىنجى باپ 7.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]

    2009-02-18

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35383061.html

    باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن

    ئەسلى ئاپتورى: روبېرت كىيوساكى(ئامېرىكا)

    نەشىرىيات: نەنخەي نەشىرىيات شىركىتى نەشىرىياتى

    بىرىنجى باپ يەتتىنجى قىسىم

    پۇلنىڭ پىرىنسىپى

        پۇلنىڭ قائىدىسىدە ئاللىبۇرۇن ئۆزگىرىش بولدى
    1971.يىلى، نىكسون زۇڭتۇڭ پۇلنى ئاساس قىلىدىغان تۈزۈمنى قالدۇرىۋەتتى، بۇ پالاكەت باسقان سىياسەت پۇلنىڭ پىرىنسپىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. بۇ دۇنيا تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئەڭ چوڭ مالىيە ئۆزگىرىشى، بىراق ناھايىتى ئاز سانلىق كىشىلەرلا بۇ ئۆزگىرىشنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئىقتىسادقا بولغان تەسىرىنى تونۇپ يەتتى. نېمە ئۈچۈن تا ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ يەنىلا پۇل ئۈچۈن كۆرەش قىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى دەل نېكسوننىڭ مۇشۇ نۇتىقى سەۋەبىدىن.
        1971. يىلى ئامېرىكا دوللىرى ئۆلدى، چۈنكى ئۇ ئەمدى پۇل بولالماي قالدى
    ––ئۇ بىر خىل ئورتاق ئوبورۇتقا ئىشلىرىلىدىغان پۇلغا ئايلاندى. پۇل ۋە ئوبورۇت قىلىشقا ئىشلىتىدىغان پۇلنىڭ پەرقى چوڭ.
    «ئوبوروت» قىلىنىدىغان (كۇررىنسىي)پۇلدىكى «ئېقىم، ئاقما»(كۇررىنىت) دىگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، خۇددى ئېلىكتىر ئېقىمى ۋە دېڭىز سۈيىنىڭ ئېقىشىغا ئوخشايدۇ. بۇ سۆز ھەرىكەتلىنىشتىن دىرەك بېرىدۇ. ئاددى قىلىپ ئېيىتقاندا، ئوبوروت قىلىنىدىغان پۇل ئۇدا ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. ئەگەر ھەرىكىتىنى توختىتىدىكەن، ئۇ ناھايىتى تېزلا قىممىتىنى يوقىتىدۇ. ئەگەر يوقاتقان قىممىتى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، كىشىلەر ئۇنى قايتا قوبۇل كۆرمەيدۇ. ئەگەر كىشىلەر ئۇنى قايتا قوبۇل كۆرمىسە، ئوبورۇت سوممىسىنىڭ قىممىتى تۈز سىزىقنى بويلاپ نۆلگە كېلىپ توختىغىچە چۈشۈپ كېتىدۇ. بىراق 1971.يىلىدىن كېيىن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى نۆلگە قاراپ چۈشۈشكە باشلىدى.
    تارىخقا نەزەر سالساق بارلىق ئوبوروت سوممىلىرىنىڭ قىممىتى ئەڭ ئاخىرىدا نۆل بولۇپ قالغان. پۈتۈن تارىخنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسەك نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى قەغەز پۇل تارقىتىپ باققان. مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «چوڭ قۇرۇقلۇق ئاقچىسى»  دەپ ئاتىلىدىغان قەغەز پۇلنى تارقاتتى. بىراق ئۇزۇنغا بارمايلا، بۇ خىل پۇلنىڭ قىممىتى نۆلگە چۈشۈپ قالدى.
    بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىر خىل پۇلنى بېسىپ تارقىتىپ قەرز قايتۇرۇرپ ئامېرىكا ئاقما ماللىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. گېرمانىيە ئوتتۇرا بۇرۇژئازىيسىنىڭ ئامانەت پۇلى كەينىدىنلا يوق بولۇپ كەتتى. 1933.يىلى، نۇرغۇنلىغان گىرمانىيلىكلەرنىڭ يانچۇقىدا بىر تىيىنمۇ قالمىغان، روھى سۇنغان ھالدا گېتلىرنى تەخىتكە چىقىرىپ ئۇنىڭ ئىقتىساد مەسلىسىنى ھەل قىلىشىغا ئۈمىد باغلىدى. ئوخشاشلا يەنە 1933.يىلى ، فىرانكىلىن. رۇكفېللىر جەمئىيەت پاراۋانلىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ ئامېرىكىلىقلارنىڭ پۇل مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. گەرچە جەمئىيەت پاراۋانلىق ۋە تىببىي سۇغۇرتا قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئىقتىسادىي بالايىئاپەتلەر بولۇپ تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي مەسىللەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپ «ساختا پۇل» يەنى قەغەز پۇل بېسىپ، جەمئىيەت پاراۋانلىقى ۋە تىببىي سۇغۇرتىدىن ئىبارە بۇ ئىككى چوڭ مەسلىنى ھەل قىلىمەن دەيدىكەن، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈشى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ، ئىقتىسادىي مەسلە تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ پەقەت كەلگۈسىدىلا يۈز بېرىدىغان مەسىلە ئەمەس. ئۇ مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يۈز بېرىۋاتىدۇ. پېڭبو مەسلىھەتچىلىكنىڭ يېقىنقى تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، 2001.يىلى 1. ئايدا كىچىك ئامېرىكىغا زۇڭتۇڭ بولغاندىن باشلاپ ئامېرىكا دوللىرنىڭ سېتىلىش كۈچى 13.2 پىرسەنىت چۈشتى.
        نىكسوننىڭ ئامېرىكا دوللىرى تەرەپكە ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىش سەۋەبىنىڭ بىرى كۆپلىگەن ئاممىنىڭ قات– قات قەرزگە بوغۇلۇپ كېتىشىگە، ھەم شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سىرتتىن قەرز ئېلىشغا ئېلىپ بېرىلدى. 1971. يىلى پۇلنىڭ پىرىنسىپىدا ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن ئامانەت قويغۇچىلارمۇ مەغلۇبىيەتچىلەرگە ئايلاندى، قەرزدارلار بولسا غالىبىيەتچىلەرگە ئايلاندى. بىر خىل يېڭى كاپىتالىزم تۈزۈمى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۈگۈن، بىز بەزى كىشىلەرنىڭ «سەن ئەسلى ئامانەت قويساڭ بولاتتى» ياكى «پىسىيەگە چىقىشىڭ ئۈچۈن ئازراق پۇل يىغىپ قوي» دىگىنىنى ئاڭلىغىنىمدا، مەن ئۇلارنىڭ پۇلنىڭ پىرىنسىپىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىگە گۇمانلىنىمەن.
        1. ساختا پۇل (فاننى مانى) قەغەز پۇل پەقەت پۇلنىڭ بەلگىسى خالاس، ئۇنىڭ ئەمەلىي قىممىتى ئادەتتە ئۇ ۋەكىللىك قىلىدىغان قىممەتتىن كۆپ تۆۋەن تۇرىدۇ.
    2.دۇنياۋىلەشكەن ئۇچۇر، خەۋەر ۋە ئاخبارات مۇلازىمىتى تەمىنلەيدىغان بىر شىركەت
    كونا كاپىتالىزىم تۈزۈمىدە ، پۇلنى ئامانەت قويۇش ئاقىلانىلىق. بىراق يېڭى كاپىتالىزم تۈزۈمى ئاستىدا، پۇل ئامانەت قويۇش پەقەت ھاماقەتلەرچە ئېلىپ بېرىلغان مالىيە قىلمىشى. پۇلنى ئاقمىچانلىقتىن توختۇتۇپ قويۇش ئۇنىڭ مەنىسىنى يوقىتىدۇ. پۇل خۇددى توك ئېقىمىغا ئوخشاش چوقۇم تېزلىكتە بىر كاپىتالدىن يەنە بىر كاپىتالغا ئالمىشىشى كېرەك. پۇلنىڭ مۇددىئاسى كاپىتالغا ئېرىشىش، كاپىتالنىڭ يا قىممىتى كۆتۈرۈلىدۇ، يا بولمىسا نەق پۇل ئاقمىسى ھاسىل قىلىدۇ. پۇل چوقۇم تېز سۈرئەتتە ھەقىقىي قىممىتى بىلەن ئىشلىتىلىپ ھەقىقىي كاپىتالغا ئېرىشىشى كېرەك، چۈنكى پۇلنىڭ ئەسلىدىن قىممىتىنىڭ چۈشۈش سۈرئىتى ناھايىتى تېز. رىئال كاپىتاللار بولغان ئالتۇن، نېفىت، كۈمۈش، ئۆي ۋە پايچىك قاتارلىقلارنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسۈشى دەل پۇل قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىگەندىكىدىن. رىئال مال– مۈلۈكلەرنىڭ قىممىتى ھەرگىزمۇ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي كاپىتالغا ئېرىشىشنىڭ پۇل سانىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىدا.
      گېلىيشىن قانۇنى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى: «ئەگەر قىممىتى يېتىشمىگەن تەڭگە پۇللار ئاقما رايونىغا كىرسە كىشىلەر قىممىتى يېتەرلىك بولغان تەڭگە پۇللارنى ساقلىۋالىدۇ.» 1971.يىلى، ئامېرىكا پۈتۈن دۇنياغا «ساختا پۇل» – ناچار پۇلنى يۆتكەشكە باشلىدى. يېڭى كاپىتالىزىم تۈزۈمى ئاستىدا بۇ بۈگۈن پۇل قەرز ئېلىپ ئەتە تېخىمۇ ئەرزان بولغان پۇل ئارقىلىق بۇنى قايتۇرۇشتىن دېرەك بېرەتتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنداق قىلغان ئىكەن، بىزمۇ نىمىشقا مۇشۇنداق قىلمايمىز؟ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قات– قات قەرزلەرگە بوغۇلغان، نېمىشقا بىزمۇ پاسسىپ قەرزگە بوغۇلمايمىز؟  ئەگەر سەن بىر سېستىمىنى ئۆزگەرتەلىمىسەڭ، بىردىنبىر غەلىبە قازىنىش ئۇسۇلى ئۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت.
        1971. يىلىدىكى پۇلنىڭ پىرىنسىپىدىكى ئۆزگىرىش ئامېرىكا دوللىرىنىڭ سېتىۋېلىش قىممىتىنى يۇقىرى نىسبەتتە چۈشۈرىۋەتتى. پايچىك بازىرى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۆز قولىدىكى ئامېرىكا دوللىرىغا بىخەتەرلىك رايونى ئىزدەپ يۈرگەنلىكىدىن قىززىپ كەتكەن. گەرچە ئىقتىسادشۇناسلار بۇنى ئوبورۇتتىكى پۇلنىڭ كېڭىيىشى دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە پۇل پاخاللىشىۋاتاتتى. ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئۆي ئىگىلىرىنى تېخىمۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى، چانكى ئۇلار ئۆينىڭ قىممىتى ئېشىۋاتىدۇ دەپ قارايتتى. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۆينىڭ باھاسى قارىماققا ئاشقاندەك قىلغان بىلەن، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى تۆۋەنلەۋاتاتتى. يۇقىرى سوممىلىق ئۆي باھاسى ۋە تۆۋەن مۇئاشلىق ياشلارنىڭ مۇئاش پۇلى ئۇلارنىڭ تۇنجى ئۆيىنى سېتىۋىلىشىنى بەسى مۈشكۈل قىلىپ قوياتتى. ئەگەر ياشلار پۇلنىڭ قىممىتنىڭ ئۆزگىرىشىنى تونۇپ يېتەلمىسە، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ داۋاملىق پاخاللىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇلار ئاتا– ئانىسىدىنمۇ نامرات كۈنگە قالىدۇ.

    ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!


    收藏到:Del.icio.us





Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى