-
باي دادا بىرىنجى باپ 6.قىسىم - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-18
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35382991.html
باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن
ئەسلى ئاپتورى: روبېرت كىيوساكى(ئامېرىكا)
نەشىرىيات: نەنخەي نەشىرىيات شىركىتى نەشىرىياتى
بىرىنجى باپ ئالتىنجى قىسىم
نامراتلىقنىڭ سەۋەبى
نامراتلىقنىڭ سەۋەبى
ئاتالمىش نامراتلىق يۈز بەرگەن مەسىللەر ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن بىر ھالەت، خالاس. نامراتلىققا ئېلىپ بارىدىغان سەۋەب، ئادەملەرنىڭ مەسىللەرنى ھەل قىلماي، مەسىللەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىشى. ھەرگىزمۇ بارلىق نامراتلىق يالغۇز مالىيە مەسلىسى سەۋەبىدىن بولمايدۇ. نامراتلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ھەرتۈرلۈك بولىدۇ، مەسىلەن، زەھەر چېكىش، لايىقنى خاتا تېپىپ قېلىش، ئامانلىقى ناچار رايوندا تۇرمۇش كەچۈرۈق قېلىش، خىزمەت ئىقتىدارى بولماسلىق، خىزمەتكە بارىدىغان قاتناش ۋاستىسى بولماسلىق ياكى تىببى ساغلاملىق پۇلىنى تۆلىيەلمەسلىك قاتارلىقلار.
بۈگۈن بىر قىسىم مالىيە مەسىللىرى ، مەسىلەن پاسسىپ قەرز بەك كۆپ بولۇپ كېتىش ۋە مۇئاش ئاز بولۇش قاتارلىقلار شەخسىيلەرنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارىدىن ھالقىپ كەتكەن، بۇ مەسىللەر تېخىمۇ كۆپ تەرەپتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئىقتىسادىي چوڭ مۇھىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
مىسال ئېلىپ سۆزلىسەم، تۆۋەن مۇئاشلىق بولۇپ قېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ بىرى ، نۆۋەتتە يۇقىرى مۇئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كەسپى سىرتقى دۆلەتلەرگە قاراپ كۆچتى. بۈگۈن بىزنىڭ ناھايىتى كۆپ خىزمەت تېپىش پۇرسىتىمىز بار، بىراق بۇلار مۇلازىمەت خاراكتېرلىك بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك ئەمەس. مەن تېخى كىچىك بالا ۋاقتىمدا، ئاممىباپ ماشىنىلىرى شىركىتى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ياللىغۇچى ئىدى. لېكىن بۈگۈن ۋوئېرما ئەڭ چوڭ ياللىغۇچى بولۇپ بولۇپ قالدى. ھەممىمىز بىلىمىزكى، ۋوئېرما ھەرگىزمۇ يۇقىرى مۇئاشلىق خىزمەت ۋە يۇقىرى كاپالەتكە ئىگە پىنسىيە مۇئاشى بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ.
50 يىل ئىلگىرى، ئىشلەپچىقىرىش كەسپى كارخانىلىرى تىببىي ساغلاملىق ۋە پىنسىيە پاراۋانلىق پۇلى تەمىن ئېتەتتى. لېكىن ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە مىليۇنلىغان ئىشچىلارنىڭ تاپقان پۇلى بارغانسېرى ئاز بولماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا تېخىمۇ كۆپ پۇل بىلەن تىببىي چىقىمنى تۆلەشكە ۋە پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى تۇرمۇشى ئۈچۈن پۇل يىغىپ قويۇشقا مەجبۇر بولىۋاتىدۇ. بۇ مەسىللەر ھەل بولمايلا قالماستىن، ئەكسىچە كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسى دۆلەتلىك چوڭ بىر مەسىلە، ئادەمنىڭ ئىقتىدارى بىلەن قىمىرلاتىقىلى بولىدىغان مەسىلە ئەمەس. بۇ مەسىللەرنىڭ تۈپكى سەۋەبى راسىت– يالغاننى ئايرىشنى قويۇپ قويىدىغان ئىقتىسادىي سىياسەت ۋە ھەممىلا ئادەم ئۆز يېقىنلىرىنىڭ نەپسىگە چوغ تارتىدىغان ناچار سىياسەت.ئالاھىيدە ئەسكەرتىش: تەرجىمە ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
历史上的今天:
باي دادا بىرىنجى باپ 9.قىسىم 2009-02-18باي دادا بىرىنجى باپ 8.قىسىم 2009-02-18باي دادا بىرىنجى باپ 7.قىسىم 2009-02-18باي دادا بىرىنجى باپ 5.قىسىم 2009-02-18باي دادا بىرىنجى باپ 4.قىسىم 2009-02-18
收藏到:Del.icio.us
