-
بلوگنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىپ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشى مۇنداق ئىككى تەرەپلىمە مەسلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى، ئۆزىگە قارىتا باشقۇرۇشنى قانداق قىلىپ كۈچەيتىش؛ يەنە بىرى، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قانداق تاللاپ چىقىش. بەزىلەر بلوگدا ھەرقانداق ئادەم تېما يوللايدىغان بولغانلىقىدىن ئەنسىزلىك ھېس قىلىپ، بلوگلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان كۆپلىگەن تېمىلار تۈپەيلىدىن بلوگنى يېڭى ئۇچۇر ئەخلاتخانىسى بولۇپ قالارمۇ دەپ ئويلىغان. تۆۋەن دەسمايىلىك بلوگنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى بلوگنى يەنە قانچە ئۇزاق مەزگىل تەرەققىي قىلىشقا تۇتۇپ تۇرالايدۇ؟
بلوگنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىش قىلالماسلىقى شۇ بلوگنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدە– تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىقىپ شۇنىڭغا رىئايە قىلىپ مېڭىش ياكى ماڭالماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.