• كورلا_ئۇيغۇرچە مەنىسى«نەزەر تاشلىماق»

     بايىنبۇلاق_موڭغۇلچە مەنىسى«كەڭرى يايلاق». خۇشۇت_مۇڭغۇلچە«خېخىتې»نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ،قەبىلىنىڭ نامى.

     باغراش_مۇڭغۇلچە مەنىسى «قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇش».

     ئاقسۇ_ئۇيغۇرچە مەنىسى «ئاق رەڭلىك سۇ».

    كۇچا_ئۇيغۇرچە«تار كۇچا،خاڭ يولى»قاتارلىق مەنىلەرگەئىگە.

  • دۇنيادىكى تىللارنىڭ دەرىجىسى:

    53- ئۆزبېك تىلى ،قوللىنىدىغان ئادەم سانى 18مىليۇن 466مىڭ. قوللىنىدىغان رايۇن ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەت تىلى.

    54-مالاي تىلى ،قوللىنىدىغان ئادەم سانى 17مىليۇن 600مىڭ ،قوللىنىدىغان رايۇن ،مالايسىيە،ھېندۇنېزىيە،شەرقى تېمۇر قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت تىلى، سىنگاپور دا خەنزۇتىلى بىلەن تەڭ باراۋەر قوللىنلىدۇ.

     55- ئامخار تىلى ،قوللىنىدىغان ئادەم سانى 17مىليۇن413مىڭ، قوللىنىدىغان رايۇن ئېفئوفىيە.

    56-ھىندۇنېزىيە تىلى،(بۇ ھېندۇنېزىيە مالاي تىلىنى كۆرسىتىدۇ )،قوللىنىدىغان ئادەم سانى 17مىليۇن 50مىڭ ،قوللىنىدىغان رايۇن ھېندۇنېزىيە.

  • ئالىملار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئۆز ئاناتىلىغا بولغان ئىنكاسىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە قىزىقارلىق بىر تەجرىبە ئىشلەپتۇ:
    بوۋاققا بىر دانە ئالاھىيدە ئىمىزگە بېرىلىپتۇ. بۇ ئىمىزگە ئالاھىيدە بىر خىل ئېمىزگە بولۇپ، يەنە بىر ئۇچى مەلۇم ئېلېكتىرونلۇق قۇرۇلما ئارقىلىق ئاۋاز كۈچەيتكۈچكە ئۇلىنىپ، بوۋاقنىڭ ئېمىزگە ئەمگەن ئاۋازىنى ناھايىتى ئوچۇق ئاڭلىتىپ بېرەلەيدىكەن. بۇ ئېمىزگە بوۋاققا ئەمدۈرۈلگەندىن كېيىن بىر قانچە ئايالنىڭ ئاۋازىنى لىنتىغا ئېلىپ بوۋاققا قويۇپ بېرىلىپتۇ. نەتىجىدە ئالىملار ناھايىتى ھەيران قاپتۇكى، بوۋاق ئۆز ئانىسىنىڭ ئاۋازى چىققاندا ئېمىزگىنى چىشلەپ جىم تۇرۇپ ئانىسىنىڭ ئاۋازىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلاپتۇ. باشقا ئاياللارنىڭ ئاۋازى چىققاندا بولسا ئېمىزگىنى پۈۋلەپ ئاۋاز چىقىرىپ بۇ ناتونۇش كىشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپتۇ. بۇ ئوخشاش تىللىق بىر قانچە ئايالنىڭ ئاۋازىدا ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبە، ئۇنداقتا ئوخشىمىغان دۆلەتتىكى ئاياللارنىڭ ئاۋازىغا بوۋاقنىڭ ئىنكاسى قانداق بولىدۇ؟

  • سەبورى تور بېكىتىنى قايتا رەتكە سالغاندىن كېيىن، ئىزچىل بىر بلوگ ماقالىلىرى توپلىمى، يەنى بلوگلار جەمگاھى سېستىمىسى ئۈچۈن بىر ئاز ئىزدىنىپ كۆرگۈم بار ئىدى، ئاللاھ خالاپ خېلى يامان ئەمەس بىر سېسىمىغا ئۇچراپ قالدىم، ۋە ناھايىتى قولايلىق ھالدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم. نۆۋەتتە 20 گە يېقىن بلوگ قوشۇپ قويۇلدى. بىراق كۆپ قىسىم بلوگلارنىڭ مەزمۇنى يېڭىلانمىغىلى خېلى بولۇپ قاپتۇ. ئىچكىرىكى ئۆلكىلەردە تۇرۇشلۇق، داۋاملىق بلوگ مەزمۇنىنى يېڭىلاپ تۇرىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويسا. شۇنداقلا بلوگلار جەمگاھىنى قوللاش يۈزىسىىدىن دوستانە ئۇلىنىش قىلىپ قويسا دىگەن ئۈمىدتىمەن.

    سەبورى ئۇيغۇرچە بلوگلار جەمگاھى ئادرىسى: http://sebori.cn/blog

  • م.ئە.سەبورى

    خىيالىي ئالەمنىڭ ئېگىز چوققىسى،
    ئالمىدەك يۈرەكنىڭ ئاجىز نالىسى.
    ساماۋى شەھەردە كۆرۈنگەن قۇياش،
    ئىزدىمە ھاياتلىق گېنىدىن مېنى.

  • ئۈچىنجى باپتىن

    قىسقىچە خۇلاسە

    تۆۋەندىكى رەسىمدىن سىز كۆپ پۇل تېپىشنىڭ سىرىنى بايقايسىز.


    باي بولۇش ئۈچۈن سىز چوقۇم مۇنداق بىر ئەمىلىيەتنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىڭىز كېرەك: مەسىلە ئەزەلدىن ئۆزلۈكىدىن ھەل بولمايدۇ. سىز بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئىگىلىگەندىن كىيىن، يېڭى بىر مەسىلىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقايسىز. مۇھىمى، سىز چوقۇم مەسىلىنى ھەل قىلىش جەريانى ھەقىقىي باي بولۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىڭىز كېرەك. سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالىسىڭىزلا ئاندىن باشقىلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالايسىز. سىزنىڭ كەلگۈسىڭىز توسالغۇسىز بولىدۇ .

  • ئۈچىنجى باپ يەتتىنجى قىسىم  

    نېمە ئۈچۈن بايلار تېخىمۇ باي بولۇپ كېتىدۇ؟

    تۆۋەندىكى رەسىمنى كۆرسىڭىزلا بايلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تېخىمۇ باي بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز

  • ئۈچىنجى باپ ئالتىنجى قىسىم  

    كۆپ پۇل تېپىش


    مالىيە ئەھۋالى ۋە نەق پۇلنىڭ ئايلىنىشى رەسىمىنى بىر يەرگە قويساق، سىز بەلكىم بىرىنچى ئىقتىساد قابىلىيەت «كۆپ پۇل تېپىش»قا نىسبەتەن ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىڭىز مۇمكىن.

  • ئۈچىنجى باپ بەشىنجى قىسىم  

    پۇلنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كېتىشى

    بۇ كىتابنىڭ باش قىسمىدا، مەن ئىككى خىل مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتكەن. يەنى، بىر مەسىلە: خەجلەشكە پۇل يوق؛ يەنە بىر مەسىلە: پۇل بەك كۆپ بولۇپ كېتىش. 1974-يىلى، مەن دېڭىز ئارمىيىسىدىن ئايرىلغاندا ئۆزۈمنىڭ چۇقۇم قايسى خىل پۇل مەسىلىسىنى تاللىشىم ھەققىدە كۆپ ئويلانغان. ئەگەر مەن خەجلەشكە پۇل يوق بولۇش مەسىلىسىنى تاللىسام، ئەلۋەتتە ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتىگە بېرىپ ئىلگىرىكى خىزمىتىمنى داۋاملاشتۇرسام بولىدۇ ياكى بىر ئۇچقۇچى بولسام بولىدۇ . ئەگەر مەن «پۇل بەك كۆپ بولۇپ كېتىش.» مەسىلىسىنى تاللىسام، مەن شىلې شىركىتى Xerox Corporation نىڭ تەمىنلىگەن ئىش ھەقىقىي بەك تۆۋەن بولسىمۇ يەنىلا شىلې شىركىتى Xerox Corporation دە خىزمەت قىلسام بولىدۇ . سىز كۆرگەندەك مەن ئەڭ ئاخىرى يەنىلا پۇل بەك كۆپ بولۇپ كېتىش مەسىلىسىنى تاللىدىم.

  • ئۈچىنجى باپ تۆتىنجى قىسىم  

    ھېسيات ئەقىل-پاراسىتى


    بۇ يەردىكى مۇھىم بىر نۇقتا ، سىز چوقۇم مالىيە ئەقىل-پاراسىتىنىڭمۇ بىر ھېسيات ئەقىل-پاراسىتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىڭىز كېرەك.

    دۇنيادىكى ئەڭ باي مەبلەغچى ۋارىن بافىت Warren E. Buffett مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھېسياتىنى باشقۇرالمىسڭىز، ئۇنداقتا پۇلىڭىزنى باشقۇرالمايسىز»، سىز باشتىن كەچۈرمەكچى بولغان جەريانمۇ ئوخشاش. مېنىڭ ئەڭ جاپالىق سەزگۈرەشتەم: چۈشكۈنلەشكەن ۋاقتىمدا چېكىنىپ چىقماي ھەم مەغلۇب بولغاندا ئىرادەمنى يوقاتماي ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانىدا داۋاملىق ئۆگىنىش.
    نۇرغۇن كىشىلەر بۇ جەرياندا مەغلۇب بۇلىشىدىكى بىر سەۋەب، ئۇلار بىر قېتىمدىلا رازى بولغىدەك ئۈنۈمگە ئىگە بولالمىسىلا چىدىيالمايدۇ. مەن ئىگىلىك تىكلەشتىن بۇرۇن تۆۋەن مائاشلىق خىزمەتنى قوبۇل قىلىشىمنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىشىمدىكى سەۋەب، ئاساسلىقى رازىمەنلىك ھېسياتىنى كىچىكتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈش. نۇرغۇن كىشىلەر بۈگۈنكى بىر نەچچە دوللار ئۈچۈن ئەتىكى تېخىمۇ كۆپ دوللارلىق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قۇيىدۇ. مەن 20~30 ياشلاردا ھەرگىزمۇ كۆپ پۇل تاپمىغان، ئەمما بۈگۈن مەن مىلياردېر بولدۇم.