-
ئېنگىلىزتىلىنى ياخشى ئۆگىنىشتىكى ئۇسۇللار - [سەبورى تور ئىنگلىز تىلى]
2009-01-27
1. جۈملە ئۆگېنىش سۆزلۈك يادلاشتىن مۇھىم .
لۇغەت ئۈستىدىكى سۆزلۈكنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى ئۆلۈك ھالەتتە بولۇپ ، پەقەت مەلۇم شارائىت ئىچىدىكى ئىپادىلىگەن مەنىلا بىزگە سۆزلۈكنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ .
ئەڭ ئىلمىي ئۇسۇل بىر سۆزنىڭ ئوقۇلۇش ، يېزىلىش ۋە ئىشلىتىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىپ كۆز ، ئېغىز ۋە مېڭىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەمكارلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىش ئارقىلىق سۆزنى جۈملە ئىچىدە ئۆگېنىشتۇر .
2. ئاڭلاپ چۈشىنەلمىگەندە زورلاپ ئاڭلاش .
چۈشەنمەي تۇرۇپ ئاڭلاۋېرىشمۇ بىر خىل ئۆگېنىش . سىز ئاڭلاپ چۈشىنەلمىگەن بولسىڭىزمۇ ، لېكىن ئاڭلىغان ۋاقتىڭىزدا قۇلاق پەردىڭىز يېڭى بىر خىل تىلغا لايىقلىشىشقا باشلاپ ، چوڭ مېڭىڭىز تەبئىي ھالدا چاستوتىسىنى تەڭشەپ ، يېڭى ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ . مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئاڭلاش مەشىقىدە ئىلگىرىلەشنىڭ بولغانلىقى . ۋاقتىڭىز بولسىلا رادىئو ، كۆپ ۋاستە قويغۇچ (م پ 3)، تېلىۋىزورلاردا ئېنگىلىزچە پىروگراممىلارنى قويۇپ قويۇڭ ، زەن قويۇپ ئاڭلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق .پەقەت ئەتراپىڭىزدىكى شۇ تىلنىڭ مۇھىتى بولسىلا ، ئاڭلاش ئىقتىدارىڭىز ئېشىپ مېڭىۋېرىدۇ -
سەبورى ئېنگىلىزتىلى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم - [سەبورى تور ئىنگلىز تىلى]
2009-01-27
ئەڭ ئاخىرىدا يېڭى شەرق ئېنگىلىزتىلى ئوقۇغۇچىلار قوللانمىسىدىكى بىر جۈملە سۆز بىلەن تېمامنى ئاخىرلاشتۇرىمەن :
بىز بۈگۈن توفىل (يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېنگىلىزتىلى دەرىجە ئىمتاھانى ، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ) غا بېرىش ئۈچۈن ئۆگېنىمىز ، مەقسەت جوڭگونى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇش ، دەل بىزنىڭ نەۋرە – چەۋرىللىرىمىزنىڭ قايتا توفىل بېرىمەن دەپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن . ئۇلار بىزگە ئوخشاش ياشلىق باھارى مەزگىلىدە ، خۇددى ئامېرىكىلىق بالىلارغا ئوخشاش ، بوغچىسىنى كۆتۈرۈپ دۇنيانى ئايلىنىپ ساياھەت قىلسۇن ، قۇياش نۇرىدىن ، گۈزەل قۇملۇقلاردىن بەھىرلەنسۇن ، ھاياتلىقنىڭ بارلىق گۈزەللىكلىرىدىن ھوزۇر ئالسۇن . ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئاتا– ئانىسىغا ئوخشاش ، شۇ قەدەر قىممەتلىك ياشلىق مەزگىلىنى ئەھمىيەتسىز توفىل ۋە ج ر ي (چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىدا باكلاۋۇرلۇق ئوقۇش ئۈچۈن بېرىش شەرت قىلىنىغان ئېنگىلىزتىلى ئىمتاھانى ) بېرىش ئۈچۈن سەرپ قىلمىسۇن .ئاخىرىدا سىلەرگە سوۋغا قىلىدىغان ئىككى ئېغىز سۆزۈم ، دەل مېنىڭ بۇ سىنىپتا سىلەرگە بولغان ئاخىرقى تىلىكىم ۋە ئارزۇيۇم : بالدۇر بېرىپ بالدۇر قايتىپ كېلىڭلار ! -
كىرىش سۆز: بىر دانە ئۆتكۈر قورال - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-01-25
مەن يەنە سىزنىڭ مېھرىبان ئانىڭىزنىڭ مېنىڭ ئانامغا ئوخشاش، يىراقتىكى يۇرتىمىزدا بىزنىڭ ئىسمىمىزنى چاقىرغان نىداسىنى كۆردۈم. ئانا، قەلبىمنىڭ تۆرىدىكى ئانا... مەن قانداق قىلىپ باققان ئەجرىڭىزنى قايتۇرىمەن؟ مەن يەنە نېمەم بىلەن ئۈمىدىڭىزنى ئاقلىيالايمەن؟ سىز ئۆز ھاياتىڭىز بىلەن مېنى بېقىپ قاتارغا قوشتىڭىز، بىراق مەن پەقەت ئاققۇزغان كۆز يېشىم ، تەرىم ۋە شۇ قەدەر مائاشى تۆۋەن خىزمىتىم بىلەن ئالدىڭىزغا بارامدىم. بىراق قۇرداشلىرىم بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ ھەقىقەتەنمۇ بەخىتتۇر، مەن ھەرۋاقىت ئۆزۈمگە سەۋىرچانلىق ۋە سەممىمىيەت بىلەن تەقدىرنىڭ تاللىشىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىرگە شۈكۈر قانائەت قىلىشنى ئەسكەرتىپ تۇرىمەن.
ئەگەر ، ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئىنسان ھاياتىدىكى ئۆتكۈنچى سېھىرلىك دەرەخ دەپ قارالسا، ئۇنداقتا ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ دەماللىققا خىزمەت ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىنى تاپالمىغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن، ئۇ پەقەت قىسقىغىنە قىش كېچىسى خالاس. ماڭا ئىشىنىڭ، چۈنكى بارلىق بۇ خىل كەچۈرمىشلەرنى مەنمۇ بېشىمدىن كەچۈرگەن، شۇنداقلا ئاقىۋەت بويسۇندۇرغان . دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ، مەن بۇنداق بىر كېچىدە ۋە بۇنىڭىدىن كېيىنكى قانچىلىغان ئۇيقۇسىز كېچىلەردە سىزگە نېمىلەرنىدۇ دېگىم كەلگەن، قەلىب سادايىڭىزغا تېنىچقىنە قۇلاق سېلىپ، روھىيتىمىزنى ئاستاغىنە ئۇچراشتۇرساق، بەلىكىم سىز ئۈچۈن بىر دانە ئۆتكۈر، قېيىن مۇھىتنى ھەل قىلالايدىغان قورالنى تەمىنلىشىم مۇمكىن.
-
ئىستىقبال تەرجىماندىن قىسقىچە سۆز - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-01-25
ئۇشبۇ كىتابتا ئاپتور ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتىللىرى ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ سېستىمىسىدىن تارتىپ تەھلىل قىلىشنى باشلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى تونۇپ يېتىش، ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىدىن باشلاپلا كەلگۈسىدىكى خىزمەت ئىشىنى قانداق پىلانلاش ھەققىدە ئەمەلىي ۋە زور قوللىنىش ئەھمىيتىگە ئىگە مىساللارنى نەقىل كەلتۈرگەن، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تەن ساغلاملىق ۋە مۇھەببەت قاتارلىق قىززىق نۇقتىلار ھەققىدىمۇ پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن. كىتابتا ئەڭ كۆپ سۆزلەنگىنى يەنىلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ھاياتى بىلەن كەلگۈسىدىكى خىزمەتنى قانداق تاللاش، قىسقىسى، قانداق قىلىپ ئىككىسىنى سىجىللىققا ئىگە قىلىپ كەلگۈسىدىكى ئىستىقبالىمىزنى قانداق قىلىپ ئۆز قولىمىزغا ئېلىشىمىزغا زور ئەھمىيتى بار ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئۇچۇر دەۋرىنىڭ كەسكىن رىقابىتى ئالدىدا بىز ھەرۋاقىت تەييار تۇرىشىمىز كېرەك .
بۇ ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشىشىنى ئويلىشىپ ئاناتىلىم بلوگىدا ئېلان قىلغاندىن سىرت سەلكىن مۇنبىىرىنىڭ سىتودېتنىلار سەھنىسى سەھىپىسدە «ئىستىقبال}ئىچكىرىدە ئوقۇيدىغان سىتودېنىتلار قوللانمىسى{» ناملىق تېما ئاستىدا ئېلان قىلىندى.
-
-
رۇجەك مەرىپەت كۇلۇبىنى ئەسلەيمەن - [كۆرگەن- بىلگەنلىرىمدىن]
2009-01-25
باشقا مۇنبەرلەردىن كۆچۈرۈپ چاپلىنىپ ئېلان قىلىنغان مۇنبەرلەرنى ئىزدەپ ئازابلىق كۆڭلۈمگە مەلھەم ئىزدەي دەپ ئۇيغۇرچە ئىزدىگۈچتىن سەبورى دەپ ئىزدىسەم ئاينۇرى ئېنگىلىزتىلى بلوگى چىقتى ، ھەي ھەجەپ ياخشىكىنا ، دېدىم ئىچىمدە، ئارتۇق ، تۆشۈك بىرمۇ گەپ يوق ، ھەممىسى پايدىلىق ئۇچۇر ، ھەممىسى بىلىم ، پاھ ، مۇشۇنداق بىر بلوگىم بولغان بولسا ھەجەپ ياخشى بولار ئىدى – ھە ! ؟ئىلگىرى ھەجەپ دىققەت قىلىپ قارىماپتىكەنمەن ما بلوگقا نەچچە كىرگەن بولمىسا ، بىر يەرلىرىمدە خوشال بولاتتىم ، چۈنكى مەن ئالدىنقى قېتىملاردا بۇ بلوگدىن تاپالمىغان بىر يېڭى نەرسىنى تېپىۋالغان ئىدىم ، ئۇ دەل بلوگ ياساشنىڭ ئۇرۇقى ئىدى ، ئۇنى قاچان پەرۋىش قىلىپ ، سۇغۇرۇپ ئۆستۈرىدىغىنىم ئۆزۈمگە نامەلۇم ، لېكىن چوقۇم بلوگىم بولىدۇ مېنىڭ
-
بلوگ يېزىشنى باشلىدىم - [كۆرگەن- بىلگەنلىرىمدىن]
2009-01-17
[本日志已设置加密]