-
سەبورى ئېنگىلىزتىلى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم - [سەبورى تور ئىنگلىز تىلى]
2009-01-27
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34359003.html
پىلانلاشتىكى ئاساسىي سەۋەب ۋە مەقسەت :
بىزدە تىل تەربىيلەش مەركەزلىرى تور بەتلىرى خېلى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن كۆپۈنچە ئېلان خاراكتېرىنى ئالغان بولۇپ ، ھەقىقىي بىر توردا ئۆگېنىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ، ئەتراپلىق يېتەكلەپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىدىغان بىر سورۇن ھازىرلىنىش جەھەتتە بوشلۇق ناھايىتى چوڭ . بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانىم ، ئۆزۈمنىڭ يېڭى شەرق ئېنگىلىزتىلى ۋە لىياڭ ساراڭ ئېنگىلىزتىلى ئۆگېنىش ۋە كۇرس جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارغا سىناق قىلىپ ئۆتۈپ يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان مەزمۇنلارنى تىل ئۆگېنىشتە قىينىلىۋاتقان كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىمىزنىڭ قىينالمايلا ئۆگېنەلىشى ئۈچۈن يېڭى بىر يول ئېچىپ ، ئاممىباپ ، چۈشىنىشلىك ھەم قوللىنىشچان دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى كۆپچىلىككە سۇنسامكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن.ئاساسىي ۋەزىپىسى :
1. ئەڭ ئىلغار ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دەپ قارىغان ئۆگېنىش ئۇسۇلى ۋە نادىر ئۆگېنىش ماتېرىياللىرىنى تونۇشتۇرۇش .
يالغۇز مەن بىر ئادەمنىڭ تەجىرىبە ساۋىقىغىلا چەكلىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن قەرەللىك تۈردە ئېنگىلىزتىلى ئۆگېنىشتە ئىلگىرلىشى تېز بولغان ساۋاقداشلىرىمدىن خاراكتېىرى ۋە ئۆگېنىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئۆگېنىش ئۇسۇلىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى رەتلەپ ، ھەرخىل مېجەزدىكى كىشلەرنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئۆگېنىش ئۇسۇلىنى تاللىۋېلىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىمەن . ئەلۋەتتە، سەبورى تور ئېنگىلىزتىلى دەپ ئىسىم قويۇلغان ئىكەن . ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا سېستىمىلاشقان ، بىر قەدەر مۇكەممەل ، بىر يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا سىلجىيدىغان ئەڭ كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلارغا ماس كېلىدىغان ئۆگېنىش يولى بولۇشى كېرەك . ئاددى مىسال كەلتۈرسەم ، ئۆز ئەتراپىمىزىدىكى مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇشقا ماس بىلىملەرنى ئۆگېنىشتە «قوش يۆنىلىشلىك ئېنگىلىزتىلى » نى ، ئىمتاھانغا تاقابىل تۇرۇشتا «يېڭى شەرق ئېنگىلىزتىلى » نى ، ئەمەلىي قوللىنىش، ئېغىز تىلىدا تېز ئىلگىرىلەشتە «لى ياڭ ساراڭ ئېنگىلىزتىلى» نى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىيدىلىكىنى قوبۇل قىلىپ بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ نەتىجىگە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىمىز .2.ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلىدىغان تور دەرسلىكى تۈزۈش .
مەسىلەن :ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بىر قەدەر قېيىن توختىغان ئېنگىلىزتىلىدىكى 16 زاماننى ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىنىڭ ئالاھىيدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇپ ئاسان ئۆگېنىش ئۇسۇلى « نىڭ قۇياش سېستىمىسىدىكى ساياھىتى » ، تەخمىنەن 6 قېتىملىق دەرس ، دەرس مەزمۇنى ، تاپشۇرۇق قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . قۇشۇمچە قىلىپ كۆپ ساقلانغان مەسىللەردىن يېتەكلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ .
يەنە مەسىلەن ، ماقالە يېزىش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرىدىغان يېڭى شەرق ئېنگىلىزتىلى تىل تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىملىرى ئالاھىيدە قايتىلاپ يادقا ئېلىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن لاھىيلىگەن 200جۈملنىڭ ئېنگىلىزچە – ئۇيغۇرچە نۇسخىسى تەرجىمە خىزمىتى ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدىكى ئەڭ مۇۋاپىق ئۆگېنىش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلىدۇ .3.كەڭ تورداشلارنىڭ مۇشۇ سەھىپىدىكى ئۆگېنىش ئۇسۇلىغان نىسبەتەن كۆز قاراش ،تولۇقلىما ۋە ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى مەسىللىرى ھەل قىلىنىدۇ .
بۇ ئۆگېنىش ئۇسۇللىرى دەسلەپكى سىناقتىن ئۆتكەن ، بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈم ياراتقان بولسىمۇ ، لېكىن يىراق مۇساپىدىن ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشىپ كۆپچىلىككە ھەققىي ياردىمى تېگىدىغان مۇكەممەل ، سېستىمىلىق ئۆگېنىش ئۇسۇلى يارىتىش يەنىلا بىر مەزگىللىك قېيىنچىلىقتىن كېيىن ۋۇجۇدقا چىقىدىغان نەرسە . بۇ جەرياندا تورداشلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ، ئاز بولسۇن ، كۆپ بولسۇن ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتىشى بۇ خىزمەتنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىشنىڭ كاتالىزاتورى .4. ھەرقايسى ئېنگىلىزتىلى دەرىجە ئىمتاھانلىرى ۋە چەتئەلگە چىقىش ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ، ئاساسىي مەقسەت ، تېخىمۇ كۆپ ئۆگېنىش ئۇسۇلى ، تېخىمۇ كۆپ ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئېتىش ئەمەس ، چۈنكى بىزنىڭ ۋاقتىمىز چەكلىك . تىل ئۆگېنىشكە ئوتتەك ئىشتىياق بىلەن كىرىپ ، ئۇزاققا قالماي سوۋۇپ كېتىدىغان قىزغىنلىقىمىزنى يوقىتىپ قويىدىغان ۋاقتىمىز تېخىمۇ قىسقا . شۇڭا ئاساسلىق مەقسەت ، ئۆز مىللىتىمىزگە ، ئۆز تۇرمۇش ئېھتىياجىمىزغا ماس كېلىدىغان ، ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ئەڭ كۆپ ئۈنۈم يارىتىدىغان ، ئەڭ كۆپ سانلىق ئادەمگە مۇۋاپىق كېلىدىغان مۇكەممەل ئۆگېنىش ئۇسۇلى يارىتىش ، بۇ ھەم مۇشۇ جەرياندا ئۆزلۈكىدىن ئۆگېنىش ئۈچۈن كېتىدىغان ئۆلچەملىك ماتېرىيال ، ئۆزلۈكىدىن ئورۇنداپ ئۆگېنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغان ئائىلە تاپشۇرۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
ئەڭ ئاخىرىدا يېڭى شەرق ئېنگىلىزتىلى ئوقۇغۇچىلار قوللانمىسىدىكى بىر جۈملە سۆز بىلەن تېمامنى ئاخىرلاشتۇرىمەن :
بىز بۈگۈن توفىل (يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېنگىلىزتىلى دەرىجە ئىمتاھانى ، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ) غا بېرىش ئۈچۈن ئۆگېنىمىز ، مەقسەت جوڭگونى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇش ، دەل بىزنىڭ نەۋرە – چەۋرىللىرىمىزنىڭ قايتا توفىل بېرىمەن دەپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن . ئۇلار بىزگە ئوخشاش ياشلىق باھارى مەزگىلىدە ، خۇددى ئامېرىكىلىق بالىلارغا ئوخشاش ، بوغچىسىنى كۆتۈرۈپ دۇنيانى ئايلىنىپ ساياھەت قىلسۇن ، قۇياش نۇرىدىن ، گۈزەل قۇملۇقلاردىن بەھىرلەنسۇن ، ھاياتلىقنىڭ بارلىق گۈزەللىكلىرىدىن ھوزۇر ئالسۇن . ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئاتا– ئانىسىغا ئوخشاش ، شۇ قەدەر قىممەتلىك ياشلىق مەزگىلىنى ئەھمىيەتسىز توفىل ۋە ج ر ي (چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىدا باكلاۋۇرلۇق ئوقۇش ئۈچۈن بېرىش شەرت قىلىنىغان ئېنگىلىزتىلى ئىمتاھانى ) بېرىش ئۈچۈن سەرپ قىلمىسۇن .ئاخىرىدا سىلەرگە سوۋغا قىلىدىغان ئىككى ئېغىز سۆزۈم ، دەل مېنىڭ بۇ سىنىپتا سىلەرگە بولغان ئاخىرقى تىلىكىم ۋە ئارزۇيۇم : بالدۇر بېرىپ بالدۇر قايتىپ كېلىڭلار !历史上的今天:
ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسلىمنامىسى 2009-01-27كۈز يامغۇرى 2009-01-27ئېنگىلىزتىلىنى ياخشى ئۆگىنىشتىكى ئۇسۇللار 2009-01-27
收藏到:Del.icio.us
