-
باي دادا : ئاپتورنىڭ سۆزى - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]
2009-02-18
پۇل جىنايەت ئەمەس
مائارىپ سىستېمىسىنىڭ چوڭ بىر مەغلۇبىيىتى ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي قابىلىيەت يېتىشتۈرۈش تەربىيىسى تەمىنلەپ بەرمىگەنلىكتە. مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار پۇلنى دىندىكى قارا داغ ياكى بىدئەت دىنغا ئوخشىتىدۇ، چۈنكى ئۇلار پۇلغا بولغان قىزغىن مۇھەببەتنىڭ بارچە جىنايەتلەرنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.
كۆپ سانلىق كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغىنىغا ئوخشاش پۇلغا بولغان قىزغىن مۇھەببەت ھەرگىزمۇ جىنايەت ئەمەس.
دەل ئەكسىچە، پۇلنىڭ كەملىكى جىنايەتكە ئېلىپ بارىدۇ، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمىتىمىزگە بولغان ئۆچمەنلىك بىزنى جىنايەتكە ئېلىپ بارىدۇ. بىز تىرىشىپ ئىشلەيمىز، بىراق ئائىلە كىشىلىرىمىزنى باقالمايمىز، بۇ جىنايەت ھېسابلانمامدۇ؟ بىر قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن قات-قات قەرزگە بوغۇلۇپ كېتىش جىنايەت، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن پۇل ئۈچۈن جىدەللىشىش جىنايەت، نەپسانىيەتچلىك جىنايەت. ئۇنىڭدىن باشقا پۇل ئۈچۈن قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچراش ياكى ۋىجدانىدىن ۋاز كېچىشكە پىسەنت قىلماسلىق جىنايەت. پۇل ئەسلىدىن جىنايەت ئەمەس، پۇل پەقەت پۇللا خالاس. -
سەبورى تور ئىنگلىز تىلى 5. لېكسىيە - [سەبورى تور ئىنگلىز تىلى]
2009-02-17
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ھالىتى، بەدەننى ئەركىن تۇتۇپ، دىققەتنى يىغقان بىر خىل ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدىكى يۈكسەك ھالەتتۇر، ئاممىباب قىلىپ ئېيىتساق بۇ دەل «ئۆگېنىپ كېتىش» تۇر.
ئادەتتىكى ئادەملەرگە نىسبەتەن كۆڭۈلدىكىدەك ئۆگىنىش ھالىتىگە كىرىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، چۈنكى باشقا نۇرغۇنلىغان ئۆگىنىشكە مۇناسىۋەتسىز ئوي– پىكىرلەر كاللىمىزنى چىرمىۋالغان بولىدۇ.
ئۇنداقتا دىققەتنى يىغىپ، بەدەننى ئەركىن تۇتقان ھالەتكە كىرىش ئۈچۈن قانداق قىلىسا ياخشى بولىدۇ؟
بىر خىل ئۇسۇلدا تېزلىكتە بۇ ھالەتكە كىرگىلى بولىدۇ، بۇ دەل «ئاپلېسىن دىققەتنى يىغىش ئۇسۇلى». بۇ چارە ناھايىتى ئاسان، پەقەت دىققىتىڭىزنى بىر نۇقتىغا يىغسىڭىزلا دەرھال ئۆگىنىش ھالىتىگە كىرىپ كېتىسىز.
«ئاپلېسىن دىققەتنى يىغىش ئۇسۇلى» دەل دىققەتنى مۇقىم ھالدا كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بەدەن ۋە كاللىمىزدا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە «دىققەت مەركەزلەشكەن ئەركىن ھالەت» نى شەكىللەندۈرىدۇ. -
The beautiful language - [ئۇيغۇر تىل-يېزىق مەدەنىيتى]
2009-02-15
This work to February 21st - International Mother Language Day.
Only staying in appreciation and understanding is not enough. we must experience and feel. Although my English is limited, But I always want to write something in English for my mother language , Uyghur language.
-
قارشى ئېلىنمايدىغان بلوگلار - [بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار]
2009-02-14
بۇ ماقالىدە بلوگ ھەۋەسكارى نۇقتىسىدا تۇرۇپ، قانداق بلوگلار بلوگ زىيارەتچىلىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنمايدىغانلىقى بلوگ باشقۇرغۇچىلىرىغا ئىپادىلەپ بېرىشكە تىرىشىپ كۆرۈلدى. قارشى ئېلىنمايدىغان بلوگلارنىڭ ئالاھىيدىلىكى تۆۋەندىكىچە:
-
ھەممە باسمىخانىلار ئۇيغۇرچە قوللىسۇن! - [تور بەت ياساش تېخنىكىلىرى]
2009-02-14
توردىكى بەزى نادىر ماقالىلەرنى ئۇچراتقىنىمىزدا ساقلاپ قويۇپ ئايرىم تەتقىق قىلغۇمىز كېلىدۇ . پېقىر ئىچىكىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغاچقا مەكتەپتىكى باسمىخانىلاردا ئۇيغۇرچە فونىتلار يوق . ئۇلارنىڭ كومپىيۇتېرىغا قاچىلاپ قوياي دېسە بەزى يولداشلار قوشۇلمايدۇ ، شۇڭا ھەممىلا باسمىخانىدا ياقتۇرىدىغان ماقالىلىرىمنى باستۇرۇپ ئېلىپ قويۇشۇم قولايلىق بولىدىغان بىر ئۇسۇلغا ئېھتىياجلىق بولغىنىمدا «كومپىيۇتېر مەستانىلىرى» ئېلىكىتىرونلۇق ژورنىلىدىن ئۆزۈمگە كېرەكلىك تېخنىكىنى تاپقان ئىدىم(ئۇنى كۆرگىنمگە ئۇزاق بولۇپ كەتكەچكە قانچىنجى سانىدىن كۆرگىنمنى ، كىم يازغان تېما ئىكەنلىكىنى ئەسلىيەلمىدىم ،ئەپۇ قىلغايسىلەر !) ، ھەم بىر يىل ئىلگىرى شىئەندە بىر سان چىقىرىپلا توختاپ قالغان «ياشلىق چەشمىلىرى» ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى گېزىتىنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق باسمىخانىدىكى باسما تىزىش يۇمتالىنىڭ ئۇيغۇرچە فونىتنى قەتئىي قوللىماسلىق قېيىنچىلىقىدىن ئۆتۈۋالغان ئىدۇق . بىر يېرىم يىلدىن بېرى بۇنى ئاز بولمىغان دوستلارغا ئۆگەتتىم ، تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قايتىدىن تېما قىلىپ يوللاپ قويۇشنى قارار قىلدىم . ئاۋۋال خەت نۇسخىسىنى ۋورد ھۆججىتىگە باغلىۋېتىش تېخنىكىسى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان .
... ... -
ئۇيغۇرچە خەتلەر رەتلىك كۆرۈنسۇن! - [تور بەت ياساش تېخنىكىلىرى]
2009-02-14
-
ئانا تىلىم! - [ئاناتىلنى ئۆگەيلىمەيلى]
2009-02-13
ئابدۇلخەمىد يۈسۈپ ھاجىم
ئەي تىلىم --- ئۇيغۇر تىلى، سەن ئانا تىل ئەلنىڭ تىلى،
سەن بۈيۈك تىل، سەن يېتۈك تىل --- بارچە تىللار سەرخىلى.
سەن گۈزەل تىل، سەن سۈزۈك تىل، سەن ھوزۇرۇم، تاتلىقىم،
سەن ياۋاش تىل ھەم ئاسان تىل، سەندە نۇسرەت، شاتلىقىم.
بۇ شېئىرنى شاھ ئۇيغۇر بلوگى ئىنكاس قالدۇرۇپ ئاناتىلىم بلوگىغا سوۋغا سۈپىتىدە سۇنغان ئىكەن، ئەسلى مەنبەسى:
-
قاردىكى ئايرىلىش - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]
2009-02-12
تونۇش ئاياق ئاۋازى ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىن بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلدى. قار ئاياق ئاستىدا ئېزىلگەندە چىقارغان غىچىلدىغان ئاۋاز ئۇنىڭغا شۇنچىلىك تونۇش بىلىنمەكتە ئىدى. ئاياغ ئاۋازى ئۇنىڭ ئارقىسىغا كېلىپ توختىدى. ئۇ بېشىنى ئىككى قولىنىڭ ئارىسىغا ئېلىۋېلىپ مۇز قاتقان دەرياغا قاراپ مىدىرلىماي ئولتۇراتتى. قىزنىڭ ئارقا تەرەپتە ئۆزىگە قاراپ تۇرغىنىنى بىلدىيۇ، لېكىن ئارقىسىغا ئۆرۈلمىدى. قىز سۈكۈت ئىچىدە خېلى ئۇزاق تۇرغاندىن كېيىن ئاخىرى ئېغىز ئاچتى:
_سەردار...... -
بلوگدا پۇل تېپىشنىڭ ھەقىقىي ماھىيتى - [كۆرگەن- بىلگەنلىرىمدىن]
2009-02-12
... ...
خۇلاسە: ئەمەلىيەتتە، بىر قىسىم بلوگلارنىڭ بەلگىلىك مىقداردا ئېلان كىرىمى قىلغانلىقى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانغان ھەقىقەت. مەسىلەن تەكلىماكان بلوگىنىڭ بىر يىل ئاۋۋالقى بلوگدا پۇل تېپىشنى تونۇشتۇرۇش دەرسلىكىدە، تەكلىماكان بلوگىغا بىر كۈندە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 37 دوللار كىرىم بولغانلىقى قەيىت قىلىنغان. بىراق، پېقىرنىڭ كۆز قارىشىچە بولغاندا ، بلوگدا پۇل تېپىشنىڭ پاتىقىقىغا پېتىشتىن ئىلگىرى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىغان بەش تۈرلۈك مەسىلە ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش بىزنىڭ ئەگرى يولنى ئاز مېڭىشىمىزغا ياردىمى تېگىدۇ.
-
بلوگنىڭ زىيارەت سانىنى ھەقسىز ئاشۇرىدىغان 77 دانە RSS مۇندەرىجىسى - [بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار]
2009-02-12
2Rss http://www.2rss.com/index.php
About.com http://weblogs.about.com/library/nosearch/blsubmit.htm
All-Blogs.net http://www.all-blogs.net/submit.php
Answers http://www.answers.com/main/new_blogger.jsp
BOTW Blog Directory http://blogs.botw.org/helpcenter/submitblog.aspx
Blawg http://blawg.org/modules.php?name=Web_Links&l_op=AddLink
Blogcode http://www.blogcode.com/signup.php
Blogarama http://www.blogarama.com/add-a-site/... ...