• ئىككىنجى باپ بىرىنجى قىسىمنىڭ داۋامى

    ئەگەر مالىيە ئىشلىرىغا نىسبەتەن پۇختا ئاساسىڭىز بولسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ مالىيە پاراسىتىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ناھايىتى ئاسان بولىدۇ. ئەمما سىزنىڭ ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىز بىر قەدەر تۆۋەن بولسا، ئۇنداقتا سىز يېڭى مالىيە ئۇچۇرلىرىنى چۈشىنەلمەيسىز، سىزگە نىسبەتەن خۇددى ھېچقانداق پايدىلىنىش قىممىتى يوقتەك بىلىنىدۇ. مەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ھېلىقى مەسىلە ئېسىڭىزدىمىكىن؟ ماتېماتىكا تالانىت ئىگىسىمۇ يەنىلا 2+2 دىن باشلاپ ئۆگېنىدۇ! ئىقتىسادىي قابىلىيەت تەربىيەسىگە قارىتا پايدىلىق تەرىپى شۇكى، ۋاقىتنىڭ ئالغا سىلجىشىغا ئەگىشىپ، سىز تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان مالىيە ئۇچۇرلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئىگەللىيەلەيسىز، بۇ خۇددى كۆپ يىللىق مەشىقتىن كېيىن ماتېماتىكنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ مەسىللەرنىڭ جاۋابىنى تاپالايدىغان بولغىنىغا ئوخشاش. بىراق، مەن يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتەي، سىز يۈگىرەشنى ئۆگېنىشتىن ئاۋۋال قانداق يول مېڭىشنى ئۆگېنىڭ.

  • ئىزاھات: [باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن] ناملىق بۇ بازارلىق كىتابنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن تېزلىكتە يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن دەۋر بلوگى باشقۇرغۇچىسى ئازغۇن ۋە پېقىر ئاناتىلىم بلوگىنىڭ باشقۇرغۇچىسى سەبورى ھەمكارلىشىپ سەۋىيىمىزنىڭ چەكلىك، تەجىرىبىمىزنىڭ يېتەرسىز بولۇشىغا قارىماي تەرجىمە قىلىشقا ئاتلانغان ئىدۇق. يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان 21.فېۋرال خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەرجىمە ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا بىرىنجى ۋە ئىككىنجى باب قىسمى ئاناتىلىم بلوگىدا مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلان قىلىندى، تۆتىنجى باب قىسمى نورۇز بايرىمىدىن ئىلگىرى ئانا تىلىم بلوگىدا ئېلان قىلىنغاندىن سىرىت، قالغان مەزمۇنلار بىردەك دەۋر بلوگىدا ئېلان قىلىنىدۇ.
    تەرجىمىدە ساقلانغان خاتالىقلار ھەققىدە قىممەتلىك- تەكلىپ پىكىرىڭلارنى ئايىماسلىقىڭىزلارنى تۆۋەنچلىك بىلەن سورايمىز.

    خەلقئارا ئانا تىل بايرىمىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تۆۋەنكى تېمىدىن كۆرگەيسىز:
    logs/34715312.html

    بۇ تېما ئېلان قىلىنغان مۇنازىرە مۇنبەرلەر
    http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=21460
    http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-96605-keyword-.html
    http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-59814.html
    http://www.igilik.cn/bbs/read.php?tid=567

  • ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار

         ئانا تىلىم- ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇرنىڭ قېنى.
         قېنى نېمە؟ ھاياتلىقى، بارلىقى، جېنى.

         مىنىڭ تىلىم مېنى تەۋەللۇت قىلغان، تەمتەم قەدەملىرىمدە مۇزىكا كۈيلىرىدەك زۇۋان ۋە ھېس-تۇيغۇ، ئىزگۈ ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلغان خاسىيەتلىك تىل. ئۇ ئانام روھىدەك پاك ۋە غۇبارسىز تىل. ئۇنىڭ مەنە كەڭلىكىدە خۇددى دېڭىزدىكى يەلكەندەك ئەركىن ئۈزگىنىمدە، ئۆزۈمنى گويا كۆكتىكى قىران بۈركۈتتەك چەبدەس ۋە غالىب ھېس قىلىمەن. ئۇنىڭ بىلەن نەپەسلىنىمەن، ئوزۇقلىنىمەن. ئۇنىڭ بىلەن ئۈزۈمنى ۋە كەڭ دۇنيانى كۆرىمەن. خىيال يىپلىرىمنى كەشتە قىلىپ توقۇيمەن. چۈنكى ئۇ مىنىڭ سۆيۈملۈك تىلىم ۋە دىلىم.
    ... ...

    بۇ تېما پەلسەپە بلوگى(http://palsapa.blogbus.com) باشقۇرغۇچىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن يۆتكەپ كېلىندى، ماقالە ئەسلى مەنبەسى: http://palsapa.blogbus.com/logs/35379901.html#cmt

  • ئىككىنجى باپ بىرىنجى قىسىم

    مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش پاراسىتى ۋە ئىقتىسادىي قابىلىيەت

         بىزنىڭ ئارىمىزدا كۆپ قىسىم ئادەملەر ئەقلىي قابىلىيتى 130 بولغان ئادەم چوقۇم ئەقلىي قابىلىيتى 95 بولغان ئادەمدىن ئەقىللىق بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ. ئىقتىسادىي قابىلىيەتنىڭ ئەھۋالىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. سىز بەلكىم تالانىت ئىگىسىگە خاس ئەقلىي قابىلىيەتكە ئىگە بولۇش بولسىڭىزمۇ، لېكىن ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بالىغا ئوخشاش ئىقتىسادىي قابىليەتكە ئىگە بولۇشىڭىز مۇمكىن.
    باشقىلار داۋاملىق مېنىڭدىن : «مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش پاراسىتى ۋە ئىقتىسادىي قابىلىيەتنىڭ قانداق ئوخشىماسلىقى بار؟» دەپ سورايدۇ، مېنىڭ جاۋابىم شۇكى « مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش پاراسىتى بىزنىڭ كاللىمىزدىكى ئەقىل– پاراسەتنىڭ بىر قىسمى، بىزنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى ھەل قىلىدىغان ئەقىل– پاراسىتىمىز. لېكىن ئىقتىسادىي قابىلىيەت بولسا مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئەقىل– پاراسىتىنىڭ مىقتارلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى قىممىتى، ئۇ بىزنىڭ مالىيە باشقۇرۇش ئەقىل– پاراسىتىمىزنى قانداق مىقدارلاشتۇرۇشىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مىسال كەلتۈرسەم، ئەگەر مەن يۈزمىڭ ئامېرىكا دوللىرى تاپتىم دېسەم، 20 پىرسەنىت باج تۆلىسەم، ئۇنداقتا ئوخشاشلا يۈزمىڭ ئامېرىكا دوللىرى تېپىپ تۇرۇپ 50 پىرسەنىت باج تۆلىگەنلەرگە سېلىشتۇرغاندا مېنىڭ ئىقتىسادىي قابىلىيتىم يۇقىرى بولغان بولىدۇ.

  • باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن

    ئەسلى ئاپتورى: روبېرت كىيوساكى(ئامېرىكا)

    نەشىرىيات: نەنخەي نەشىرىيات شىركىتى نەشىرىياتى

    ئىككىنجى باپ

    بەش تۈرلۈك ئىقتىسادىي قابىلىيەت

     

  • بىرىنجى باپتىن قىسقىچە خۇلاسە

    قىسقىچە خۇلاسە

         1971.يىلى ۋە 1974.يىلى پۇل قائىدىسى ئىككى قېتىملىق چوڭ تىپتىكى ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈردى.  بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر دۇنيا مىقياسىدا نۇرۇغۇنلىغان مالىيە مەسىللىرىنى قوزغىدى، بۇ مەسىللەرنى تېخىمۇ كۆپ مالىيە پاراسىتى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بەخىتكە قارشى، بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز ۋە مەكتىپىمىز بۇ ئۆزگىرىشلەرگە توغرا قاراپ مەسىللەرنى ئويلىشىپ بېقىشقا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ، شۇڭلاشقا، بۈگۈنكى مالىيە مەسلىسى شۇنچە جىددىي ھالغا چۈشۈپ قالدى. مېنىڭ كۆرگىنىم، ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتتىن قەرزى ئەڭ كۆپ بولغان چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى.

  • بىرىنجى باپ ئون بەشىنجى قىسىم

    ئويۇن ئويناش

         ئويۇن ئويناش
    تۆۋەندىكى ماقالىدە بەش خىل مالىيە ئەقىل– پاراسىتىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن، ئەگەر ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرىمەن، ھەم شۇنداقلا مالىيە جەھەتتىن مۇكەممەل ھالەتكە يېتىش ئۈچۈن سىز چوقۇم بۇ بۇ پاراسەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىڭىز كېرەك. يالغۇز بۇ 5 پاراسەتنى ئۆزىڭىزدە يېتىلدۈرۈشلا ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس، بەلكىم بىر ئۆمۈر تىرىشىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ، لېكىن ياخشى خەۋەر شۇكى ناھايىتى ئاز سانلىق كىشىلەرلا بۇ 5 تۈرلۈك پاراسەتنى چۈشىنەلەيدۇ، ناھايىتى ئاز سانلىق كىشىلەرلا ئىقتىسادىي قابىلىيتىنى يىتىلدۈرۈش ئارقىلىق پۇل ئويۇنى ئوينىغاندىكى نۇمۇرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. پەقەت بۇ 5 خىل پاراسەتكە تايىنىپلا سىز جەمئىيەتتىكى 95 ئادەملەرگە قارىغاندا پۇل مەسلىسىنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولالايسىز.



  • باي دادا ئىقتىسادىي قابىلىيتىڭىزنى ئۆستۈرسۇن

    ئەسلى ئاپتورى: روبېرت كىيوساكى(ئامېرىكا)

    نەشىرىيات: نەنخەي نەشىرىيات شىركىتى نەشىرىياتى

    بىرىنجى باپ ئون تۆتىنجى قىسىم

    باشقا كىشىلەرنىڭ پۇل مەسلىسىنى ھەل قىلىش

         باي دادام يەنە شۇنداق ئېيتقانكى: «نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بايلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، بايلارنىڭ پۇل مەسلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ.»
    مەسىلەن، بوغالتىر بايلار ئۈچۈن ھېسابات خاتىرلەيدۇ، پىركازچىك بايلارغا ياردەملىشىپ مەھسۇلاتلارنى ساتىدۇ، ئىشخانا لىدىرى بايلارنىڭ سودىسىنى باشقۇرۇپ بېرىدۇ. كاتىپ بايلارغا ياردەملىشىپ تېلىفون قوبۇل قىلىدۇ، شۇنداقلا ئەدەپ– قائىدە بىلەن بايلارنىڭ خېرىدارلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ، رېمونىتچى خادىملار بايلارنىڭ ئۆيلىرى ۋە ماشىنا– زاپچاسلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئادوۋكاتلار بايلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلماسلىقىنى قوغدايدۇ، رويخەتكە ئالغۇچى كاسسىر بايلارنىڭ باجنىڭ قېيىنچىلىقىغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بانكىلار بايلارنىڭ پۇل بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ.
    باي دادىنىڭ دىمەكچى بولغىنى شۇكى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر باشقىلارنىڭ پۇل مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بىراق كىم يەنە شۇلارنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىدۇ؟ ئۇلار ئىشىتىن چۈشۈپ ئۆيدىن قايىتقاندا نۇرغۇن مەسىللەرگە دۇچ كېلىدۇ، پۇل مەسلىسى دەل بۇ مەسىللەرنىڭ بىرى. ئەگەر ئۇلار ئائىلىدە بۇ پۇل مەسلىسىنى توغرا ھەل قىلمايدىكەن، بۇ مەسىلە خۇددى چىش ئاغىرىقىغا ئوخشاش باشقا نۇرغۇنلىغان مەسىللەرنى تۇغدۇرىدۇ.
    نۇرغۇنلىغان نامراتلار ۋە ئوتتۇرا بۇرۇژئازىيدىكىلەر بايلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، بىراق ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايىتقىندا ئۆزىنىڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ. ئۇلار بايلىق مەسلىسنى ئۆزىنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلىدىغان پۇرسەت دەپ قارىماستىن، بەلكى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن چىملىقتىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ھاراق ئىچىپ ، كاۋاپ پىشۇرۇپ يەپ، تېلىۋىزور كۆرۈپ ئۆتكۈزىۋېتىدۇ. ئىككىنجى كۈنى، ئۇلار ئۆز ىخىزمەت ئورنىغا قايتىپ باشقىلارنىڭ مالىيە مەسلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، باشقىلارنى تېخىمۇ باي قىلىۋىتىۋېرىدۇ.

    نامرات دادىنىڭ ھەل قىلىش ئامالى
    مېنىڭ نامرات دادام ئىلگىرى مەكتەپكە قايىتىپ تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئىگەللەشكە ئىزچىل ئىنتىلىپ كەلگەن بولۇپ، مۇشۇ ئارقىلىق پۇل مەسلىسىنى ھەل قىلماقچى ئىدى. ئۇ مەكتەپنى ياخشى كۆرىدۇ، مەكتەپتە ناھايىتى ياخشى ئۆگېنىدۇ، شۇنداقلا ناھايىتى بىخەتەر ھېس قىلىدۇ. ئۇ تېخىمۇ يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشتى، دوكتۇر بولدى. يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇ ئىش ھەققى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان خىزمەتكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلدى. ئۇ ئامالنىڭ بېرىچە ئىلىم ۋە كەسىپ جەھەتتىن ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىپ پۇل مەسلىسى ئۈستىدىن غالىپ كەلمەكچى بولدى، بىراق ئۇنىڭ مالىيە پاراسىتىدە ئىلگىرىلەش بولمىدى. ئۇ ياخشى مائارىپ تەربىيسى كۆرگەن، تىرىشىپ ئىشلىگەن بولسىۇم، بىراق بەخىتكە قارشى، ياخشى بولغان مائارىپ ۋە تىرىشچانلىق بىلەن ئەمگەك قىلىش ئۇنىڭ پۇل مەسلىسنى ھەل قىلىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى. مۇئاش يۇقىرىلىغاندا، ئۇنىڭ پۇل مەسلىسى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى، چۈنكى ئۇ مەسلىدىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتاتتى. ئۇ داۋاملىق ئىلىم ۋە كەسىپي جەھەتتىن مالىيە قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشنى ئىستەيتتى.

    باي دادىنىڭ ھەل قىلىش ئامالى
    مېنىڭ باي دادام مالىيە رىقابىتىنى كۈتىۋېلىشقا ئىنتىزار، شۇڭلاشقا ئۇ سودا قىلىشقا، مەبلەغ توپلاشقا كىرىشكەن. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنداق قىلىشنى تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش ئۈچۈنلا دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشىدىكى سەۋەب، ئۇ مالىيە رىقابىتىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مالىيە مەسللىرىنى ئىزدەيدۇ، پەقەت پۇل ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلىش ۋە ئىقتىساد قابىلىيتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. باي دادام داۋاملىق گولىف توپ مۇسابىقىسىنى ئۆزىنىڭ پۇل توغرىسىدىكى پەلسەپىلىرىگە تەدبىقلايدۇ. ئۇ دائىم مۇنداق دەيدۇ: «پۇل مېنىڭ ئېرىشكەن نۇمۇرۇم، مېنىڭ مالىيە ئەھۋالىم مېنىڭ ئېرىشكەن نۇمۇر كارتام. پۇل ۋە مالىيە ئەھۋالىم م
  • بىرىنجى باپ ئون بىرىنجى قىسىم

    نامراتلار پۇل مەسلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ

    بىرىنجى باپ ئون ئىككىنجى قىسىم

    ئوتتۇرا بۇرۇژئازىيدىكىلەر پۇل مەسلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ

    بىرىنجى باپ ئون ئۈچىنجى قىسىم

    بايلار پۇل مەسلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ