ئاناتىلىم تورتۇراسى

ۋەدىسىدە تۇرالمىغان سۆيگىنىم، روھلىرىمنى ئېلىپ كەتتى قەۋرىگە. كۈلكىلەرگە تەسلىم بولغان سۈكۈتتىن، مۇھەببىتىم بەنىت ئىكەن سەۋرىگە.

_ م.ئە.سەبۇرى

  • ئادەم زادى قانچە خىل تىلنى ئۆگىنەلەيدۇ؟ - [تەپەككۈردىن تەرمىلەر]

    2009-03-14

        لوندون تىل ئىنىستىتۇتىدىكى پروفېسسور جېك خافسون 2003.يىلى 10 .ئايدا كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان بىر پارچە ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنى تاپشۇرىۋالىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنىڭ ئىگىسى خېتىدە مۇنداق دەيدۇ:«دۇنيادا ئەڭ كۆپ تىل بىلىدىغان ئادەم مېنىڭ بوۋام بولۇشى مۇمكىن». پوچتا يوللانمىسىنىڭ ئېگىسى ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بوۋىسى ئىتالىيەلىك ئىكەن، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سىتسىلىيىدىن ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلگەن. ئۇنىڭ بوۋىسى گەرچە ھېچقانداق مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ كۆپ خىل تىلنى ئىگىلىگەن بولۇپ، 70 دۆلەتنىڭ تىلىنى بىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 56 دۆلەتنىڭ يېزىقىنى ئوقۇيالايدىكەن ھەم يازالايدىكەن. بۇ تالانىت ئىگىسى دېڭىز– ئوكيانلاردىن ئۆتۈپ نىيۇيوركقا كەلگەندە ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن ئىكەن. ئۇ پويىز ئىستانسىسىدا يۈك توشۇغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ خىل خىزمەت ئۇنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئادەملەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ تۇرغان. خىزمەت ئېھتىياجى ئۇنى ئۆزلۈكىدىن چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چەت ئەل تىلىنى ئۆگېنىشكە ئىشتىياق باغلىغان. ئۇنىڭ تىل ئۆگېنىش جەھەتتە ئاجايىپ تالانتى بولغاچقا، ناھايىتى تېز ئىلگىرىلىگەن. 20.ئەسىرنىڭ 50.يىللىرىغا كەلگەندە ئۇ نەۋرىسىنى ئېلىپ ئالتە ئايلىق دۇنيا ساياھىتىنى باشلىغان.

    خەتكۈچ:
    م.ئە.سەبورى 发表于15:28:21 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • قىزىمغا يېزىلغان 3.پارچە خەت(ئىمتاھاندا مەڭگۈ دىگۈدەك ئەپسۇسلىنىش بولىدۇ) - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]

    2009-03-12

    维族 女儿

    قىزىمغا يېزىلغان ئۈچىنجى پارچە خەت

    ئايلىق ئىمتاھاندىكى پەنلەرنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، قىزىمنىڭ دىيىشىچە ئىمتاھاننى ناھايىتى «ناچار» بېرىپتۇ، ئەمەلىيەتتە ھەر قېتىم ئىمتاھاندىن قايتىپ كەلگەندە ئۇ شۇنداق دىگەچكە دادىسى بىلەن ئىككىمىز كۆنۈپ قالغان ئىدۇق.
    «ھەجەپ بىزار بولدۇم، خىمىيە ئىمتاھانى بەرگەندە قولۇمغا جىن تېگىپتۇ ، قاراپ تۇرۇپ 6 نى 4 قىلىپ يېزىپ قويۇپتىمەن. بولمىغان بولسا 100 نۇمۇر ئالاتتىم. » «98نۇمۇر ناھايىتى يۇقىرى نۇمۇرغۇ؟» «لېكىن، ئەگەر مەن 100نۇمۇر ئالسام، ئۇ چاغدا ئوخشىمايدۇ، (سىنىپتا)غۇلغۇلا قوزغىغۇدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەتتىم.» قىزىمنىڭ كۆز نۇرى بار چاقناپ، ئارقىدىنلا ئۆچۈپ قالدى.
    «ئادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان ئىنگلىزتىلى(شىنجاڭدا ئانا يېزىقىمىزدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار خەنزۇتىلى بېرىدۇ) ، شەنشەندىن ئارانلا 4 نۇمۇر يۇقىرى ئاپتىمەن. يەنە بىئولوگىيە تېخىمۇ ماز. فىزىكا، ماتېماتىكا دىگەنلەرنى تىلغا ئالمايلا قوياي بولدى.»
    ئەمەلىيەتتە قىزىمنىڭ خىمىيە، ئىنگلىزتىلى ۋە بىئولوگىيە پەنلىرىدىكى نەتىجىسى ئىزچىل ھالدا سىنىپ بويىچە بىرىنجى بولسىمۇ، بىراق ئۇ زادىلا رازى بولمايتتى.

    خەتكۈچ: قىزىمغا يېزىلغان خەتلەر
    م.ئە.سەبورى 发表于19:28:36 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • خىيال تونىلى1 (ئۈمىدسىز خىيال) - [شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى]

    2009-03-12


    خىيال تونىلى
    م.ئە.سەبورى
     ھەرقانداق زىلزىلە باشتا كىچىككىنە بىر خىيالدىن ئىبارەت بولىدۇ.
    –ئابدۇقادىر جالالىدىن

    ئۈمىدسىز خىيال

    يۈرۈكۈمدە ئەندىشە گۇمان،
    يېتەلمەيمەن ئۇنىڭ تەكتىگە.
    خىيالىمدا قاپقارا تۇمان،
    چىقىپ قالدىم ئازاب تەختىگە

    خەتكۈچ: شېئىر ئۇيغۇر سەبورى تور
    م.ئە.سەبورى 发表于19:23:07 | 阅读全文 | ئىنكاس1 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ھۆسىن تۈزەش مەغلۇبىيتىدىن كېيىن ئالۋاستىغا ئايلانغان داڭلىق شەخىسلەر - [تەپەككۈردىن تەرمىلەر]

    2009-03-10

    تۆۋەندىكى پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا تاپالمايۋاتقان چولپانلارغا ئائىت تەپسىلىي خەۋەرلەرنىڭ تەرجىمە خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ، پات يېقىندا كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ. بۇ تېمىنىڭ يوللىنىشى باشقىلارنىڭ ئەيىبىدىن ھوزۇرلىنىش ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ تۆۋە قىلىشى، ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن...

     1

    患“整容上瘾症” 俏女子变成丑八怪(图) 

    ھۆسىن تۈزەش ئوپىراتسىيسى قىلدۇرۇشتىن ئىلگىرىكى خەنمىياۋ

     患“整容上瘾症” 俏女子变成丑八怪(图)

    يېقىنقى مەزگىلدە ياپونىيە تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتىكى خەنمىياۋ

    خەتكۈچ: خەۋەرلەر ھۆسىن تۈزەش مەغلۇبىيەت
    م.ئە.سەبورى 发表于15:14:37 | 阅读全文 | ئىنكاس4 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ھەپتىلىك ئاۋات كۆرۈلگەن رەسىملەر توپلىمى(كۆرمىسىڭىز ئارماندا قالىسىز) - [تەپەككۈردىن تەرمىلەر]

    2009-03-10

    ئاۋات كۆرۈلگەن رەسىملەر توپلىمى1

    新闻一周热图精选! 

    ئوغۇل بوۋاقنىڭ پۇت–قولىنىڭ جەمئىي بارماقلىرى 29 بولۇپ، دوختۇرلار تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئەڭ دەپ ئاتالدى.

      ئاۋات كۆرۈلگەن رەسىملەر توپلىمى6

    新闻一周热图精选!

    ئامېرىكىلىق 68 ياشلىق موماي ھاياتىدا 26 قېتىم توي قىلىپ دۇنيا رىكورتى ياراتتى!

    خەتكۈچ: ئاۋات رەسىملەر خەۋەرلەر
    م.ئە.سەبورى 发表于14:56:31 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ئەڭ يېڭى ئۇسلۇب «موگو (bit-8)»ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى - [بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار]

    2009-03-09

    بۈگۈن بلوگباس سۇپىسىدىن يېڭى تارقىتىلغان ئۇسلۇب «موگو (bit-8)» مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقىلدى.

    ئۇسلۇبنىڭ ئەسلى ئادرىسى: http://new-skin188.blogbus.com/

    ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى سىناق كۆرۈش ئادرىسى: http://filim.blogbus.com/

    خەتكۈچ: ئۇسلۇب بلوگ
    م.ئە.سەبورى 发表于13:25:15 | 阅读全文 | ئىنكاس2 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • «قوش تىللىق مائارىپ» ناملىق ماقالىنىڭ ئېلىكىتابى تارقىتىلدى - [چۈشۈرۈش مەخسۇس رايونى]

    2009-03-08

    维族 母语

    خەتكۈچ: قوش تىللىق مائارىپ ئېلىكىتاب
    م.ئە.سەبورى 发表于16:08:02 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • «قىزىمغا يېزىلغان خەتلەر » ھەققىدە - [كۆرگەن- بىلگەنلىرىمدىن]

    2009-03-07

    维族 女儿

    ئاناتىلىم تورتۇراسى قۇرۇلۇپ 2 ھەپتە بولغاندىغۇ دەيمەن، كىيۇ كىيۇ توپلىرىدا خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى ھەققىدە تەشۋىقات قىلىپ يۈرسەم، بىر كىشىنىڭ « قايسىڭلار پەرزەنىت تەربىيسى ھەققىدە ياخشىراق بىر تور بەت تەۋسىيە قىلىسىلەر» دەپ خەت قالدۇرغىنىنى كۆرۈپ، قىزىقىپ نىمىشقا ئىشلىتىدىغانلىقىنى سورىسام تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان قىزىمغا تەۋسىيە قىلاتتىم، دىدى. پېقىر بۇ ھەقتە بىرەر مەخسۇس تور بەت بارلىقىنى ئېسىمگە ئالالماي (تورداشلار بىلسە تەۋسىيە قىلىپ قويسا) ئۆزۈم ياسىغان بلوگنى كۆرۈپ بېقىش تەكلىپىنى بەرسەم، بۇ ئاكىمىز ئاناتىلىم تورتۇراسىغا ياخشى باھالارنى بەردى.
    بۇ ئىشلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئويلىنىپ قالدىم، گەرچە ئاناتىلىم بلوگىدىكى تېمىلارنى ناچار دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ كىشى سورىغان نەرسىگە نەق چۈشىدىغان تېمىلار يوق ئىدى. مۇشۇ ھەقتە بىرەر ماتېرىيالغا ئېرىشكىلى بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى؟! دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.

    بۇ تېمىدىكى مەزمۇنلار ئېلان قىلىنغان ئورۇنلار:
    http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=21606
    http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-99280.html
    http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-62516.html
    http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=36631

    خەتكۈچ: قىزىمغا يېزىلغان خەتلەر
    م.ئە.سەبورى 发表于14:54:37 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • ئىملا قائىدىسىگە ئائىت ساۋاتلار2 - [ئۇيغۇر تىل-يېزىق مەدەنىيتى]

    2009-03-07

    4

    جاراڭلىق ۋە جاراڭسىز تاۋۇشلارنىڭ يېزىلىشى
    ئاخىرى جاراڭلىق تاۋۇش بىلەن تۈگىگەن سۆزلەرگە ئومۇمەن جاراڭلىق تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ.
    + دىن مەسىلەن: ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ. (ئۇچقۇن)

    خەتكۈچ: ئۇيغۇرتىلى ئىملا قائىدىسى
    م.ئە.سەبورى 发表于14:43:18 | 阅读全文 | ئىنكاس2 | تەھرىرلەش | 分享 0
  • قىزىمغا يېزىلغان 2.پارچە خەت(بىچار دانىخورەك) - [تەرجىمە ئەسەرلىرىم]

    2009-03-07

    维族 女儿

    قىزىمغا يېزىلغان ئىككىنجى پارچە خەت

    تۆنۈگۈن ئاخشام ئۆيگە قايتقاندا قىزىمنىڭ ئۆيىدىن گىتتار ئاۋازىنىڭ چىقىۋاتقانلىقنى ئاڭلىدىم،غەلىتە ئىش، ئۇنىڭ گىتتىرىنىڭ سىمى 2 كۈن بۇرۇن ئۈزۈلۈپ كەتكەن تۇرسا، ئۇ قانداق چېلىۋاتقاندۇ؟
    بۈگۈن قىزىم ئايلىق ئىمتاھان بەردى، تاپشۇرۇقى يوق.
    كەچلىك تاماق ۋاقتىدا، ئۇ پەقەت بولمىغاندا بىر يىل كېچىكىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بېرىشنى ئېيتتى، مەن ناھايىتى ھەيران بولۇپ «سىز بېرەلمەمسىز؟» دىسەم، ئۇ نەتىجەم بولمايدۇ، ئەمەس بەلكى يۈزۈم دىدى. ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇنىڭ يۈزىدىكى دانىخورەكلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەسىرى بەك يۇقىرى ئىكەن، ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى دىگەندىمۇ باشقىلار ئۇنىڭ يۈزىدىكى دانىخورەكلەر سەۋەبلىك ئۇنىڭ بىلەن دوست بولمايدىكەن. شۇڭا ئۇ ئاۋۋال يۈزىنى ساقايتىپ ئاندىن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بەرمەكچى بوپتۇ.
    ئۇنىڭ دىيىشىچە دەل شۇ دانىخورەك تۈپەيلىدىن ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ بىلەن بېرىش– كېلىش قىلىشنى خالىمايدىكەن. ئۆچلۈكنى كەلتۈرىدىغان دانىخورەك، ئالۋاستىغا ئوخشايدىغان دانىخورەك!

    سۆيۈملۈك قىزىم:
    سىزنىڭ دەردىڭىزنى ئاڭلاپ، مەن ئازراقمۇ كۈلكىلىك ھېس قىلمىدىم، چۈنكى مېنىڭمۇ سىزگە ئوخشاش ياش مەزگىلىم بولغان، ئالدىنقى قېتىملىق خېتىمدە تىلغا ئالغىنىمدەك، مەنمۇ دائىم ئۆزۈمدىن قۇسۇر ئىزدەپ يۈرەتتىم. ئەگەر سىزگە دانىخورەك چىقمىغان ھالەتتىمۇ، سىز بەلكىم ئاغزىڭىزنىڭ چوڭلىقىنى، بويىڭىزنىڭ پاكارلىقىنى، ياكى يول ماڭغاندىكى قىياپىتىڭىز ناھايىتى كۆرۈمسىز ياكى پۇتىڭىز مايماق ياكى يۈزىڭىزدە سەپكۈل بارلىقىنى ھېس قىلاتتىڭىز...

    خەتكۈچ: قىزىمغا يېزىلغان خەتلەر
    م.ئە.سەبورى 发表于14:38:19 | 阅读全文 | ئىنكاس0 | تەھرىرلەش | 分享 0
共20页 第一页 上一页 2 3 4 5 6 7 8 9 10 11 下一页 最后一页

سەھىپە تۈرلىرى

  • ئەبجەش خىياللار(0)
  • سەبۇرى ئىزدەش توربېكىتى(7)
  • ئۇيغۇر تىل-يېزىق مەدەنىيتى(12)
  • ئاناتىلنى ئۆگەيلىمەيلى(19)
  • چۈشۈرۈش مەخسۇس رايونى(17)
  • ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى(15)
  • تور بەت ياساش تېخنىكىلىرى(12)
  • كۆرگەن- بىلگەنلىرىمدىن(12)
  • تەپەككۈردىن تەرمىلەر(25)
  • بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار(21)
  • سەبورى تور ئىنگلىز تىلى(13)
  • شېئىر ئىجادىيەت گۈلزارى(15)
  • تەرجىمە ئەسەرلىرىم(38)

تورتۇرادىن ئىزدەش

تورتۇرا ئۇقتۇرۇشى

كۆپچىلىكنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغىنىغا كۆپ رەھمەت!

تەكلىپ– پىكىرىڭىز بولسا ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق بىۋاستە ئالاقىلىشىڭ !
seburi@yahoo.cn
QQ: 316203464
كەمىنە تور بېكەت ياساشقا كىرىشكەندىن بۇيان ئاناتىلىم بلوگى داۋاملىق تۈردە يېڭىلانماسلىقى مۇمكىن، بىراق سەبۇرى تورى بېكىتى ئانا تىلىمىزدىكى نادىر تېمىلارنى تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىدۇ:


ئەسەر ھوقۇقى ئۇچۇرى

ئانا تىلىم تورتۇراسىدىكى بارلىق تېمىلارنى ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا مەنبەسىنى تولۇق ئەسكەرتىپ تۇرۇپ كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز تامامەن بولىدۇ. ئورتاق ھالدا ساغلام تور مەدەنىيتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشايلى! ھەمكارلاشقىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.


ئەڭ يېڭى تېمىلار

  • سەبۇرى ئىزدەش تورىنىڭ 2010.يىلى
  • ئۇيغۇرچە ھەقسىز توربوشلۇق سېستىمىسى ئىشقا كىرىشتى
  • ئۇيغۇرچە مۇستەقىل ئىزدەش ماتورىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى
  • سەبۇرى ۋە بەيدۇ ئېلان ھەمكارلىقى
  • سەبۇرى تور بېكىتىدىكى ئۆزگىرىش ھەققىدە
  • پۇتبول ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن خوش-خەۋەر
  • Google، Baidu ۋە ئۇيغۇرچە ئىزدىگۈچ
  • سەبۇرى تورىدا يېڭىلىقلار [تەۋسىيە]
  • بلوگباستا باش بەتتە كۆرۈنىدىغان يازما سانىنى بەلگىلەش
  • ئۇيغۇرتىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقلىرى
全部日志>>

ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار

  • ئېرا:بۇ ماقالە ھەقىيقەتەن ياخشىكە...
  • بەرگىيە:بۇ شئىر بەك ياخشى چىقىپتۇ...
  • شاھيار: بۇ باي دادام ۋە نامرات دادا...
  • روھلان:你们跟百度联合太好了,并且跟我们分享了你们的经验 非常...
  • بارخان:ئوزىڭىز كۆرۇپ بىقىڭ.http://e...
  • بارخان:ھازىر 3 ئادەم سىزنىڭ ئىلانىڭ...
  • بارخان:ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،يىڭىدىن ق...
  • alamdar:قەيەردىن تىزىملىتىمىز بۇ بوش...
  • alamdar:نەدىن تىىملىتىمىز بۇ بوشلۇقق...
  • wulkan:مەن ئىلگىرى «باي دادام ۋە نا...

ئاناتىلىم تورتۇراسى

  • جىددىي ئۇقتۇرۇش: سەبورى تورى ئېچىلماسلىق مەسلىسى ھەققىدە
  • ئۇيغۇرچە ئېلېكتىرونلۇق كىتابتىن 10نى چۈشۈرۈڭ
  • سەبورى تورىدا يېڭىلىقلار [تەۋسىيە]
  • ئوقۇشنى بىلمەيدىغان خەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىنىنى تېپىش

تارىم بلوگى

  • گولف توپ ئۇسلۇبى تارقىتىلدى
  • تەڭگە پۇل تاشلاش
  • پادىشاھنىڭ ۋەسىيىتى

لوپنۇرى بلوگى

  • سالامەت بول جېنىم ئاتا
  • سەن ئۈچۈن ھازىدار تۈمەنمىڭ يۈرەك
  • شىنجاڭدا ھازىر قوللىنىۋاتقان تىل-يېزىق تەتقىقاتى

دۇنيا قارا بلوگى

  • جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىدىن كەسپچانلىق روھىغا نەزەر.........
  • Blogbusنى ئىشلىتىش قوللانمىسى تارقىتىلدى، چۈشۈرىۋېلىڭ
  • قارا رەڭ ئاساس قىلىنغان ئىككى خىل ئۇسلۇپ

更多博链

دوستانە ئۇلىنىشلار

  • سەبورى ئېلىكتىرونى
  • ئىزدەش ئۇلىنىش تورى
  • ئەرتۈرك ئەسەرلىرى
  • ئۇيغۇر تائاملىرى
  • سىزمۇ بلوگ ئىلتىماس قىلىڭ
  • ئاناتىلىم تورتۇراسىنىڭ تۇغ ئادرىسى
  • ئۇيغۇر تېكىن بلوگلار ئائىلىسى
  • قاراخان بلـوگى
  • ئوت ماكانى بلوگى
  • ئەزىز تۈرك بلوگى
  • ئۇيغۇربەگ بلوگى
  • ئۇلۇغۋار غايە بلوگى
  • ئۇلىنىش تورى
  • بىلىك كۇلۇبىدىكى تور تۇرايىم
  • ئىسلام يولى بلوگى
  • ھۆرگۈل بلوگى
  • بۇلبۇل ئۇلىنىشلىرى
  • ئىقبال بلوگى
  • چەكمەن بلوگى
  • تىۋىش بلوگى
  • ئوۋچى بلوگى
  • بەگزادە بلوگى
  • كوئىنلون يانفون بىلىملىرى
  • يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى
  • ئەركىن سىدىق مەرىپەت تورى
  • دولقۇن بلوگ ئۇلىنىشلىرى
  • ئەلقۇت بلوگى
  • مەن تۈرك بلوگى
  • بۆشۈك بالىلار تورى
  • شەپقەت بلوگى
  • ئىدىقۇت بلوگى
  • مىڭ سوم بلوگى
  • ئەنۋەر بلوگى
  • شاھ ئۇيغۇر بلوگى
  • دىلكەش 613 بلوگى
  • پادىشاھ تور خاتىرىسى
  • خىزمەت ئىزدەش بلوگى
  • سەردار بلوگى
  • پەچەت بلوگى
  • كروران بلوگى
  • كارۋان بلوگى
  • لوپنۇرى بلوگى
  • سادىق بلوگى
  • رىشتە بلوگى
  • نازىلە بلوگى
  • دەۋر بلوگى
  • دولقۇن بلوگى
  • چەۋەندازلار بلوگى
  • ئۇلانمىلار تورتۇراسى
  • قاراقچى بلوگى
  • شاتلىق بلوگى
  • تەرمىلەر بلوگى
  • بىزنىڭ بلوگى
  • تارىم بلوگى
  • جىلۋە بلوگى
  • تەرمىلەر بلوگى
  • چىندوس بلوگى
  • شەمشەر بلوگى
  • بارخان بلوگى
  • ئەسىر بلوگى
  • دىلئۇز بلوگى
  • سۇمرۇغ بلوگى
  • ئۆتمۈش بلوگى
  • بىلىملىكلەر بلوگى
  • ئۈممەت ئىسلام بلوگى
  • بارلىق ئۇيغۇرچە بلوگلار
  • كۆزنەك ئۇلىنىشلىرى
  • ئۇيغۇر بلوگگېرلار مەھەللىسى

ساقلانمىلىرىم

  • 2010 [6]
  • 2009 [193]
  • زىيارەت سانى:
  • RSS 什么是RSS?
    用IM提醒我内容更新
    订阅到QQ邮箱
    订阅到鲜果阅读器
    订阅到Google阅读器
    订阅到抓虾阅读器
Copyright © 2002-2011 BlogBus.com, All Rights Reserved. 博客大巴 版权所有
博客大巴模板设计 Summer Blue | ئۇسلۇب ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئاناتىلىم تورتۇراسى