• م.ئە.سەبورى
    شىۋىرلايسەن ئۇيغۇدا ياتسام،
    ئۆيۈمگە بىر كېلىپ كەت دېدىڭ.
    ئىشىكىڭنى بىر ھازا قاقسام،
    چىقىپ مېنى راسا تىللىدىڭ.

  • 维族 女儿

    قىزىمغا يېزىلغان بىرىنجى پارچە خەت

    سۆيۈملۈك قىزىم:
    مەن ۋە دادىڭىز سىزنىڭ ھەر كۈنى خوشال– خۇرام تۇرمۇش ئىچىدە قەلبىڭىزنىڭ شاتلىققا چۆمۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. سىزنىڭ ئاشقازىنىڭىز ئاغرىغاندا مېنىڭ يۈرىكىم ئاغرىيدۇ؛ سىز خوشال بولمىغان ۋاقىتتا، مەن تېخىمۇ خوشال بولمايمەن.
    سىزنىڭ ئاغزىڭىزنىڭ دائىملا«ئىچىم پۇشتى» دىگەن سۆزنى ئاڭلىغىنىمدا ئۆزۈمنىڭ ياشلىق ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەپ قالىمەن. ئېسىمدە قېلىشىمچە ئالىي مەكتەپ بىرىنجى يىللىقنىڭ يازلىق تەتىل ۋە ئالىي مەكتەپ ئىككىنجى يىللىقنىڭ قىشلىق تەتىل ۋاقىتلىرىدىكى يېشىم سىزنىڭ ھازىرقى يېزىشىڭىز بىلەن تەڭ دىمەتلىك بولسام كېرەك، ئۆيگە قايتىپ كەلسەملا «ئەھمىيەتسىز». مېنىڭچە «ئەھمىيەتسىز» دىگەن بۇ سۆز چوقۇم ھازىرقى «ئىچىم پۇشتى.»دىگەن سۆز بىلەن ئوخشاش مەنىدىغۇ دەيمەن، ناھايىتى شۇ ئەينى ۋاقىتلاردا «ئىچىم پۇشتى» دىگەن سۆزنى ئىشلەتمەيتتۇق. ئەينى چاغدا «ئەھمىيەتسىز» دىگەن سۆزنى دىگەنسېرى، كۆڭلۈمدە شۇنچە مەنىسىزلىق، نىشانسىزلىق ھېس قىلاتتىم. بىر كۈنى ئاپامنىڭ ئاشخانىدا دادام بىلەن قىلىشقان مەخپىي پارىڭىنى ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاپ قالدىم. ئاپام «قىزىمىز دائىم ئەھمىيەتىسز دەيدۇ، بىرەر چاتىقى يوقتۇ– ھە؟ مەن بەك ئەنسىرەپ قالدىم» دىسە، دادام «ھېچقىسى يوق، ياشلىق مەزگىلى شۇنداق زېرىكىشلىك تۇيۇلىدىغان چاغلىرى بولۇپ قالىدۇ، ئەنىسىرىمىگىن، تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.» دىدى. ئاپامنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈمدە خېلى تەسىرلەندىم، ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن «كېسىلى يوق تۇرۇپ ۋايجان» دەيدىغان خاراكتېردە بولۇپ قالغاندەك ئويلاپ، ئاپامغا ئېلىپ كەلگەن روھىي بېسىمنى قايتۇرۇۋالدىم، ۋە شۇنىڭدىن ئېتبارەن «ئەھمىيەتسىز» دىگەن بۇ سۆزنى ئىشلەتمەيدىغان بولدۇم.

  •  باسقۇچ

    ۋاقتى

    مەزمۇنى

    تەييارلىق باسقۇچى

    2008.112009.1

    ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ۋە ھەقسىز لىكسىيەلەرنى ئاڭلاش

    2009.2–2009.3

    ئاسپىرانتلىق ئوقۇش نىشانىنى بېكىتىپ، ئاسپىرانتلىق ئوقۇشنىڭ يۈزلىنىشىگە دائىر لىكسىيەلەرنى ئاڭلاش. ئاسپىرانتلىق ئوقۇشتا كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك قاتارلىق بارلىق كەسىپ ئۇچۇرلىرىنى ئىگەللەش. تەكرار قىلىشنى باشلاش.

    مۇزاكىرە قىلىش دەسلەپكى باسقۇچى

    2009.4–2009.5

    بىرىنجى باسقۇچلۇق تەكرار: ئاساس سىنىپلىرىغا تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ، بولۇپمۇ ماتېماتىكا سىنىپى ۋە ئىنگىلىزتىلى سىنىپىغا. تەقلىدىي ئىمتاھان سوئالى ئىشلەشكە ئالدىرىماڭ، ئاساستىن باشلاپ تەكرار قىلىڭ.

    2009.6–2009.7

    ئاممىۋى پەنلەرنىڭ ئىمتاھان تېزىسىغا دىققەت قىلىڭ، ئەڭ يېڭى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىپ، يازلىق تەتىللىك تەكرار قىلىشنى باشلاڭ

  • 维族 女儿

    قىزىم كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بېرىدۇ
    ئەسلى ئاپتورى: يىڭيى    تەرجىمە قىلغۇچى: م.ئە.سەبورى
    قەلەمگە ئېلىنغان ۋاقتى: 2007.يىلى 9.ئاپرېل

    بۇ تېمىنى يېزىشىمدىكى سەۋەب لىجېنشىنىڭ «ئەڭ ياخشى ئائىلە باشلىقى بولۇش» ناملىق ئەسىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭمۇ قىزىمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خاتىرىسىنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن. لىجېنشى مۇنداق دەيدۇ: «ئاتا– ئانا بولغۇچىنىڭ ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خاتىرىسىنى يېزىشى ئاز دىگەندىمۇ مۇنداق تۆت تەرەپتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە: بىرىنجى، چوڭ بولغاندىن كېيىنكى قىزىمىزنىڭ ئاتا– ئانا مۇھەببىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلىشى؛ ئىككىنجى، بۇ يەنە پەرزەنىتلەرگە ھاياتلىق تەربىيسى ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ماتېرىيالى بولالايدۇ؛ ئۈچىنجى، بالىلىق ۋاقىتلاردىكى ساپ قەلىبنى خاتىرىلەش، پەرزەنىتلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەربىيلىشىنىڭ ماتېرىيالى بولالايدۇ؛ تۆتىنجى، پەرزەنىتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خاتىرىسىنى يېزىش، ئاتا– ئانىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆتكەننى ئويلاپ تەربىيە ئېلىپ بېرىش جەريانى بولىدۇ. »
    لىجېنشى قىزى ئەمدىلا تۇغۇلغاندىن باشلاپ خاتىرە يېزىشقا باشلىغان، بىراق مەن قىزىم تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئۈچىنجى يىللىقىغا چىقىش ئالدىدا ئاندىن خاتىرە يېزىۋاتىمەن، ۋاقىت ئۆتسە كەينىگە قايتمايدۇ، ئۆتۈپ كەتكەن كۈننى ئارقىغا ياندۇرۇش گۈزەل تىلەكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

  • م.ئە.سەبورى
    مەن ئازابلانغان شۇ كېچە ،
    سەنلا ھەمراھ مىسكىن روھىمغا .
    سۆيگۈمنىڭ يىرتىلغان ۋارىقى ،
    يۇغۇرۇلغان پىنھان تۇيغۇمغا .

  • 1.ئۇچۇر– ئالاقە دەۋرى
    2.ئىقتىسادىي چىگرا بولمىغان دۇنيا
    3.دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشكە قەدەم قويۇشىدىكى تۆت باسقۇچ
    4.يېڭى تىپتىكى مۇلازىمەت خاراكتېرلىك جەمئىيەت
    5.زورلۇقتىن كىچىكلەش

  • م.ئە.سەبورى
    ئۆتمۈش ئۈچۈن يازىمەن شېئىر،
    يالغان تارىخ قىلما خىيانەت.
    بەخىت يولىدا كۈتىمەن پىكىر،
    مەڭگۈ ھەمراھ بولغىن دىيانەت.

  • 1

    ئۇيغۇرچە ھەرپ تەرتىپى

    ئا ئە ب پ ت ج چ
    ئو ئۇ ئۆ ئۈ ې ى ر
    د  ز ژ ل م ن
    گ ك ڭ خ س ش
    غ  ف ق ھ ۋ ي

  • ئادەمنىڭ ئۆمرىدە تۇنجى ئۇچرىشىشىدىلا ئامراق بولۇپ قالىدىغان ۋە قايتا– قايتىلاپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشسىمۇ زېرىكمەيدىغان نەرسىلەر كۆپ بولمىسا كېرەك. ئىلگىرىمۇ بۇنداق نەرسىلەر ۋە ئادەملەر بولغان ،لېكىن ئۇ چاغدا بلوگ يازمىغاچقا ئايرىم خاتىرلەپ قويۇشنى ئويلىمىغان، بۈگۈن نىمىشقىكىن سەلكىندىكى تور تۇرالارنى ئارىلاۋىتىپ «رەنجىمە» ناملىق بۇ ناخشىنى بىر ئاڭلاپلا ياقتۇرۇپ قالدىم، ھەم قايتا– قايتا ياندۇرۇپ ئاڭلاپ كەتتىم. ناخشا تېكىستى ئاددى بولسىمۇ، لېكىن مۇزىكىدىكى سېھرى كۈچ ۋە ناخشىنى ئورۇنلاش سەنئىتى ماڭا ئۇزاق مەزگىل يوقىتىپ قويۇپ ئىزدەپ تېپىۋالغان تونۇش بىر نەرسەمنى قايتا ئۇچراتقاندەك تۇيغۇغا ئەكېلىپ قويدى.

  • ئىككىنجى باپ

    قىسقىچە خۇلاسە

    1971.يىلىدىن كېيىن ، ئامېرىكا دوللىرى ئىلگىرىكى سەلتەنەت سۈرگەن ۋاقتىغا قايتالمىدى، پەقەت ئاقما ئوبۇرۇت بولۇپ قالدى.
    1974.يىلى، كارخانىلار ئىشچى– خىزمەتچىلەر ئۈچۈن قايتا ئۆمۈرلۈك پىنسىيە پۇلى تەمىنلىمەيدىغان بولدى. بۇ ئىككى چوڭ ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن نەتىجە، دەل مالىيە پاراسىتىنى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ كېتىشى بولدى. گەرچە مالىيە پاراسىتى ھەممە ئادەم ئۈچۈن مۇھىم بولسىمۇ، بىراق ئۇ بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، بولۇپمۇ B كوردىنات ۋە I كوردىناتتا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پىلان تۈزىۋاتقانلارغا تېخىمۇ شۇنداق.