-
ئۇيغۇرتىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقلىرى - [ئۇيغۇر تىل-يېزىق مەدەنىيتى]
2009-10-11
1. ئۇيغۇر تىلى قايسى تىل تۈركۈمى ۋە قايسى تىل تارمىقىغا كىرىدۇ ؟
جاۋاب : ئۇيغۇرتىلى ئالتاي تىللىرى سىستىمىسىنىڭ تۈركىي تىللار تۈركۈمى ، شەرقىي تۈرۈك تىلى تارمىقىغا كىرىدىغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمكى تىللارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ . ئۇيغۇرلار ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئەزەلدىن ئۇيغۇرتىلىنى ئۆزىنىڭ ئالاقە قورالى قىلىپ كەلدى ، ئۇيغۇرتىلى بۇ ئۇزاق تارىخى دەۋىرلەردىن بۇيان فۇنېتىكا ، لېكسىكا ، گىرامماتىكا جەھەتلەردىن ئۆزىنىڭ ئىچىكى قانۇنىيىتى بويىچە تەرەققىي قىلىپ ، ھەر جەھەتتىن بېيىپ ، تاكامۇللىشىپ ، ئىلمىيلىشىپ بۈگۈنكى دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلدى .