<<  يېڭى ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب «شەھەر كۆزنىكى» تارقىتىلدى | باش بەت | مېنىڭ ئىنگلىزتىلى ئۆگىنىشتىكى تەجرىبەم (ئۇيغۇرچە– ئىنگلىزچە)  >>
  • 2008.يىللىق «ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام غوللۇق ئىختىساسلىقلار » ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]

    2009-02-22

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35576439.html

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2008-يىللىق «ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام غوللۇق ئىختىساسلىقلار » ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ تىزىملاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

    زۇلقەر ھۈسەيىن تەرجىمىسى

    ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىغا :
     «ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام غوللۇق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش پىلانى  »ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ئارقىسىدا ، شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەت غوللۇق ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاستىگە ئايلاندى . ھازىر مائارىپ مىنىستىرلىقى 2008-يىللىق «ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام غوللۇق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش پىلانى  »نى ھەرقايسى ئۆلكە ، شەھەر ، ئاپتونوم رايونلارغا چۈشۈردى . بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم  رايونىمىزغا چۈشۈرۈلگەن ماگىستىر ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش پىلانى ئومۇمىي سانى 347 نەپەر (ھەربىي قىسىمدىن 65 نەپەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) .
    2008-يىللىق «ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام غوللۇق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش پىلانى  » نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى تۆۋەندىكىچە :
    1. دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيىلىشى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىساد ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تىنچ مۇقىم بولغان جەمئىيەت قۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ . ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىزگە ماسلىشىپ شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەش ، تىزىملاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
    2.خىزمىتىمىزگە ماسلىشىپ تەشۋىقات ، تىزىملاش ، تەشكىللەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ، شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىتىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز .
    3.شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى يېتەكچىلىك قىلىپ ، ئۇلارنىڭ «ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام غوللۇق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش پىلانى  » ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا تىزىملاش جەدۋىلىنى تولدۇرۇشىغا ياردەم قىلىپ ، جەدۋەلنى مەكتەپ ياكى شۇ ئوقۇغۇچى نامىدىن ش ئۇ ئا ر مائارىپ نازارىتىگە ئەۋەتىپ بېرىشىڭلارنى سورايمىز .
    4.ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېتى (www.moe.edu.cn)ياكى شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇرى تور بېكىتى (www.xjedu.gov.cn)قاتارلىقلاردىن «ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام غوللۇق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش پىلانى  » تەپسىلىي نۇسخىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك جەدۋەللەرنى چۈشۈرىۋالسا بولىدۇ .
    5.،مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئالىي مەكتەپلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملاش ، ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى ش ئۇ ئا ر مائارىپ نازارىتى ئالىي مائارىپ باشقارمىسى تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ ، مۇناسىۋەتلىك ئىلتىماس 10- ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ قوبۇل قىلىنىدۇ .
    6.مەزكۇر خىزمەتتە ۋاقىت قىس ، ۋەزىپە مۈشكۈل ، مەسئۇلىيەت ئېغىر . ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بۇنىڭغا ئەستايىدىل قاراپ بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە يېقىندىن ماسلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز .

    ئالاقىلىشىش ئادرېسى : شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەر چىيەنتاڭجىياڭ يولى 216 .نومۇر مائارىپ نازارىتى بىناسى 4- قەۋەت ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ئىشخانىسى

    سابىق «ياشلىق چەشمىلىرى» گېزىتىدىن ئېلىندى.


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى