-
مېنى ئۇنتۇپ كەت - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]
2009-02-05
سەن مېنى دەريا ساھىلىدە ئۇچراتقان ، ئاق لىباسلىق پەرىشتە دەپ ئويلىمىغىن ،سەن يېقىن كەلسەڭ ئىدىڭ ، قان تامچىۋاتقان يۈرىكىمنى كۆرەتتىڭ ، مۇدھىش جۇدۇن تىلغىغان قەلبىم تالاي ئىزتىراپلار بىلەن چاك - چاك بۇزۇلۇپ يېرىلدى .باھار ئاپتىپى مېنى گويا مەڭگۈ تەرك ئەتكەندەك مۇدھىشلىقتا تۇرساممۇ ، يەنىلا تىك تۇرغان تۇرقۇمغا ئالدانما . مېنىڭ ئىچكى دۇنيايىمدىكى ئازابلار مېنى تۈگەشتۈردى . مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇڭدىكى پەرىشتەڭدەك ساڭا ئۇزاق ھەمراھ بولۇشۇم ناتايىن .
سەن مېنى ئۇنتۇپ كەت !!! -
كۆكلىگىن كۆكلەم - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]
2009-02-05
يوپۇرماقلار تۆكۈلگەندە ئالتۇن كۈز كېلىپ ،
يېڭى نوتا بىخ ئەيلىدى سېنىڭدە كۆكلەم .
قاغجىرىغان دىل چۆلىگە ياغدۇرۇپ يامغۇر ،
گۈزەل ئەتە ئۈچۈن داۋام كۆكلىگىن كۆكلەم .ياشلىق كىشى ھاياتىدىكى ئەڭ جۇشقۇن ۋاقىت، ياشلىق مىلودىيسىدىن ئۇرغۇپ چىققان سىمفونىيە ھەر ۋاقىت قەلبىمىزنى لەرزىگە سېلىپ بىزنى گۈزەل ئەتىگە ئىنتىلدۈرىدىغان مۇڭلۇق كۈي. ۋەتەننى مەدھىيىلەش، خەلقىنى كۈيلەش شۇنداقلا ھەم بىزنىڭ ئۇنتۇلماس بۇرچىمىز.
-
مۇھەببەت - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]
2009-02-05
جىبران خېلىل جىبران(1931~ 1833) دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر شائىرلاردىن بىرى. ئۇ قىسقىغىنە ئۆمرىدە ئەرەب رومانتىزىم ۋە سىمۋولىزىم ئىلمىنى بەرپا قىلدى. ھەمدە يىڭى ئەدەبىيات يولىنى ئاچتى.ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. يېقىندا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگېتۇنداجىبراننى خاتىرلەپ، زۇڭتۇڭ بۇش ئۆزى لىنتا كەستى ۋە نۇتۇق سۆزلەپ «پۇتۇن دۇنيا جىبرانىڭ ئەينى يىللاردا كۆرسەتكەن نىشانىنى بويلاپ ئىلگىرلىمەكتە» دەپ كۆرسەتتى. تەرمىلەر سەھىپىمىزدە ئۇنىڭ «مۇھەببەت» ناملىق ئەسىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
-
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەرجىمىھالى - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]
2009-02-04
ۋاقىتىڭنى قەدىرلە ، «تۈنۈگۈن» ئۆتۈپ كەتتى، ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ. «ئەتە» بولسا تېخى كەلمىدى، ئۇسېنىڭ باشقۇرۇشۇڭغا بويسۇنمايدۇ. شۇڭاساڭا تەۋە ۋاقىتتىن پەقەت ۋە پەقەت بۈگۈنلا بار . (ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن)
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى گويا تەكلىماكان قۇملۇقىغا كۆمۈلۈپ ياتقان سىرلىق شەخس.ئالىمنىڭ ۋاپاتى(1995-يىلى) دىن ئىلگىرى- كىيىن نەشر قىلىنغان «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش»، « يىپەك يولىدا توققۇز ھېكمەت»، « ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»، «ئەل فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى»، «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، «ئومۇمىي ئېستېتىكا» قاتارلىق بىر قاتار ئەسەرلىرى خۇددى پۈتكۈل جاھاننى يورۇتقان قۇياش كەبى ئۆزىنى ئۇنتۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن، ياكى قايتا ئويلىنىشقا تېخى ئۈلگۈرمىگەن خەلقىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىنى يورۇتقان ئىدى.
-
سىز بىلەن تونۇشقانلىقىم بەختىم - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]
2009-02-04
كېچە ناھايىتى تىنچ. پەقەت تىنچلىنالمىغىنى مېنىڭ سىزگە تەلپۈنگەن قەلبىم بولسا كېرەك ، مەنمۇ سىزنى نېمە ئۈچۈن بۇنچە سېغىنىدىغانلىقىمنىڭ سىرىنى بىلمەيمەن .
كۆڭلۈمدىكى مىڭلىغان سۆزلىرىم ئىچىدىن ئېسىمگە ئالالىغىنىم :سىز بىلەن تونۇشقانلىقىم مېنىڭ بەختىم .
سىز مېنىڭ بەختىم بولۇش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا يەنە مېنىڭ ئازابىم ، شېرىن ئازاب دېسەم تېخىمۇ توغرا بولار .
زېمىندا 7 مىليارد نوپۇس بار ، لېكىن مەن سىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم ، بۇ تاساددىبىيلىقتىنمۇ ياكى تەقدىر - قىسمەتتىنمۇ ؟سابىق« ياشلىق چەشمىلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان شۇ ناملىق ماقالىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ يوللاندى