-
بەلكىم بۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى كۆرۈپلا سەل ھەيران قېلىشىڭىز، دەرھال ئاچچىقلىنىشىڭىز، زادى قانداق يەردە مۇشۇنداق ئىش باركەن، مۇشۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ؟ دەپ ئۆز-ئۆزىڭىزگە سۇئال قويۇشىڭىز مۇمكىن. لىكىن ھەرگىز ھەيران قالماڭ، ئاچچىقلانماڭ. مەن سىزگە بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى قىسقىچە سۆزلەپ بېرەي.
مەكتىپىمىز جەنۇبىي شىنجاڭ باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قوش تىل بويىچە تەربىيەلەش مەركىزى قىلىپ قۇرۇلغاندىن كىيىن مەكتەپ رەھبەرلىكى بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، قىلمىغان ئامالى ئاز قالدى. تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنىگە يارىشا بەزى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ... ...
بۇ تېما لوپنۇرى بلوگى باشقۇرغۇچىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن كۆچۈرۈپ كېلىندى، ئەسلى ماقالە ئادرىسى: http://lopnuri.blogbus.com/logs/33853466.html
-
ئەسەر مەنبەسىنى ئىزدەش يولىدا - [كۆرگەن- بىلگەنلىرىمدىن]
2009-02-08
يۇقىرىقى ئەھۋال بويىچە ئېيىتقاندا باشقىلارنىڭ ماقالىسىنى مەنبەنى تولۇق ئەسكەرتىپ تۇرۇپ كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش بىر ياخشى ئىش، بۇنىڭ بىلەن كۆچۈرۈپ ئىشلىتىلگەن تور بەتنىڭ قىممىتى ئېشىپلا قالماي، ياخشى ماقالىلەردىن كۆپچىلىك ئورتاق پايدىلىنىدۇ، بۇ ھەم شۇ ماقالە يوللانغان ئەسلى تور بەت ئۈچۈن باشقا ئورۇنلاردا تەشۋىقات بولۇپ قالىدۇ. بىراق ماقالە مەنبەسىنى تولۇق ئەسكەرتمەي تۇرۇپ ماقالىنى كۆچۈرۈش يالغۇز بىر تور بەتنىڭ خەلىقئارادىكى ئۇچۇر ئامبىرىدا قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماي، بىزدىكى تورچىلىقنىڭ ساپاسىنى چۈشۈرۈپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر تورچىلىقىدا ئېغىر ئەخلاق كىرزىسى پەيدا قىلماي قالمايدۇ.
-
Alimama نىڭ بلوگ ھەمكارلىق پىلانى - [بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار]
2009-02-07
ئەلىئانا يېقىندا بلوگ ھەمكارلىق پىلانى يولغا قويغان بولۇپ، ھەر كۈنلۈك ئېلان چېكىلىش كىرىمى * 30 كۈنلۈك ئەھۋالىغا قاراپ ھەق بېرىش بىلەن بىرگە بىر ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئېلان كىرىمى بېرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدۇ؛ بۇ كىرىمدىن ئارتۇق كەتكەن قىسمى سىزگە ھېساب، ئەگەر كەم بولۇپ قالسا ئەلىئانا سىزگە تولۇقلاپ بېرىدۇ؛ يەنە ھەرقايسى ئېلانلارنى قويغان ۋاقىت ئۇزۇنلىقىغا قاراپ ئومۇمىي ئېلان كىرىمىنى ھېسابلايدۇ. قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە:
-
خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى - [ئاناتىلنى ئۆگەيلىمەيلى]
2009-02-07
تىل ئىنسانلارنىڭ شەكىللىك ۋە شەكلىسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلايدىغان ھەمدە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئانا تىلنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى چۈشىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئەپۇچانلىق ئاساسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ.
خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى خاتىرلەش پائالىيتى ئېچىلىش مۇراسىمى، ئاۋسترالىيە، سېدنىي، 2006.يىلى 19.فېۋرال
-
ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىلىرى:
http://www.jilwe.cn/post/107.htmlئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇزىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلۇشى:
http://www.jilwe.cn/post/111.html... ...
-
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەرجىمىھالى - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]
2009-02-04
ۋاقىتىڭنى قەدىرلە ، «تۈنۈگۈن» ئۆتۈپ كەتتى، ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ. «ئەتە» بولسا تېخى كەلمىدى، ئۇسېنىڭ باشقۇرۇشۇڭغا بويسۇنمايدۇ. شۇڭاساڭا تەۋە ۋاقىتتىن پەقەت ۋە پەقەت بۈگۈنلا بار . (ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن)
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى گويا تەكلىماكان قۇملۇقىغا كۆمۈلۈپ ياتقان سىرلىق شەخس.ئالىمنىڭ ۋاپاتى(1995-يىلى) دىن ئىلگىرى- كىيىن نەشر قىلىنغان «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش»، « يىپەك يولىدا توققۇز ھېكمەت»، « ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى»، «ئەل فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى»، «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، «ئومۇمىي ئېستېتىكا» قاتارلىق بىر قاتار ئەسەرلىرى خۇددى پۈتكۈل جاھاننى يورۇتقان قۇياش كەبى ئۆزىنى ئۇنتۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن، ياكى قايتا ئويلىنىشقا تېخى ئۈلگۈرمىگەن خەلقىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىنى يورۇتقان ئىدى.
-
سىز بىلەن تونۇشقانلىقىم بەختىم - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]
2009-02-04
كېچە ناھايىتى تىنچ. پەقەت تىنچلىنالمىغىنى مېنىڭ سىزگە تەلپۈنگەن قەلبىم بولسا كېرەك ، مەنمۇ سىزنى نېمە ئۈچۈن بۇنچە سېغىنىدىغانلىقىمنىڭ سىرىنى بىلمەيمەن .
كۆڭلۈمدىكى مىڭلىغان سۆزلىرىم ئىچىدىن ئېسىمگە ئالالىغىنىم :سىز بىلەن تونۇشقانلىقىم مېنىڭ بەختىم .
سىز مېنىڭ بەختىم بولۇش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا يەنە مېنىڭ ئازابىم ، شېرىن ئازاب دېسەم تېخىمۇ توغرا بولار .
زېمىندا 7 مىليارد نوپۇس بار ، لېكىن مەن سىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم ، بۇ تاساددىبىيلىقتىنمۇ ياكى تەقدىر - قىسمەتتىنمۇ ؟سابىق« ياشلىق چەشمىلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان شۇ ناملىق ماقالىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ يوللاندى
-
ئۇلانمىلاردىن ئانا تىلىمغىچە - [كۆرگەن- بىلگەنلىرىمدىن]
2009-02-02
[本日志已设置加密] -
ئاناتىلىم بلوگىنىڭ تېما تۈرلىرىگە ئىزاھات - [بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار]
2009-01-29
[本日志已设置加密] -
ئاناتىلىم بلوگىغا مۇشتەرى بولۇڭ! - [بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار]
2009-01-29
ئاناتىلىم بلوگىدىكى يېڭى مەزمۇنلاردىن كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ۋاقتى– ۋاقتىدا خەۋەر تېپىپ تۇرۇشىغا قولايلىق تۇغدۇرۇش يۈزىسىدىن مۇشتەرى بولۇش مۇلازىمىتى قويۇلغان بولۇپ، دەرھال مۇشتەرى بولۇۋېلىڭ!