مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1748 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر سوتكىسىغا ئۇخلاش ۋاقتى 9 سائەت، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 10 سائەت بولىدۇ. ئەگەر باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى بۇ چەكتىنمۇ ئېشىپ كەتسە، ئۇ ھالدا بۇ، ئۇلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ نۇرمال ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. چۈنكى ئادەم ئۇخلاۋاتقاندا چوڭ مېڭىنىڭ ئۇيقۇ تۈگۈنى ھاياجانلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، ئەمما باشقا تۈگۈنلەر ئاللىقاچان كونترول ھالىتىدە تۇرىدۇ. ئەگەر بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، ئويقۇ تۈگۈنى چارچاپ كېتىدۇ - دە، باشقا تۈگۈنلەرنىڭمۇ كونترول قىلىنىش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىپ، ئەسلىگە كېلىش جەريانى ئاستىلاپ قالىدۇ. شۇڭا بۇنداق بالىلار ئۇخلاپ قوپقاندىن كېيىن ئۆزىنى گالدا ــ گۇلدۇڭ ۋە روھسىز ھېس قىلىدۇ. بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ تەرەققىياتى بۇ مەزگىلدە تېخى مۇكەممەل يېتىلمىگەن بولىدۇ. مانا بۇ، بالىلاردا مەلۇم دەرىجىدىكى ‹‹چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىكى››نى پەيدا قىلىپ، چۈشىنىش ئىقتىدارى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.