مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ02-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1437 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ بالىلاردىكى قۇلاق ئاغرىپ يىرىڭلاش ياكى سېرىق سۇ ئېقىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى: قۇلاق ئىچىدىكى ھەرخىل يارا، مېڭىدە ئارتۇق ھۆللۈك پەيدا بولۇش يااكى قۇلاق ئىچىدىكى زەخىملىنىش سەۋەبلىرىدىن ۋە بىر-بىرىگە يۇقۇشتىن يىرىڭلاش كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: قۇلاقتىن يىرىڭ ئېقىشتىن بۇرۇن قۇلاق ئىچىدە ئىششىق ياكى مۇدۇرلارنىڭ بارلىقى سېزىلىدۇ، قۇلاق ئاغرىش كۆرۈلىدۇ. ئەگەر كۆيگەن سەپرا ماددىسى ئارىلاشقان بولسا يىرىڭ ئاققان ئورۇندا يارا پەيدا بولىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: ياللۇغ قايتۇرۇپ، يىرىڭنى تازىلاش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

يەككە دورىلار بىلەن داۋالاشتا: 

1-رېتسىپ: گۈل يېغى ياكى ئانىنىڭ سۈتىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قۇلاقنىڭ ئىچىگە گۈل يېغى ياكى ئانىنىڭ سۈتىنى تېمىتىپ قويسا ئاغرىق پەسەيتىدۇ. 

2-رېتسىپ: زەمچىدىن بىر گرام، ھەسەلدىن ئۈچ گرام ئېلىپ زەمچىنى يۇمشاق سوقۇپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن يوغۇرۇپ پاختا ساركوسىغا چىلاپ قۇلاققا تېمىتىپ بېرىلسە قۇلاقتىن يىرىڭ ئېقىش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

3-رېتسىپ: زەپەردىن ئۈچ گىرامدىن ياكى زەمچىنى ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن يوغۇرۇپ پاختا شاركىنى چىلاپ قۇلاققا تىقىپ قويۇلسا قۇلاقتىن يىرىڭ ئېقىش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

4-رېتسىپ: يەتتە كۈنگىچە بىر گرام زەپەرنى بىر گرام موزىنىڭ قاينىتىلغان سۈيىدە ئېزىپ، پاختا پىلىكىنى چىلاپ قۇلاققا تىقىپ قويۇلسا قۇلاقتىن يىرىڭ ئېقىش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

5-رېتسىپ: تۇخۇم سېرىقى يېغىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قۇلاققا تېمىتىپ بېرىلسە، قۇلاق ئاغرىش ۋە قۇلاقتىن يىرىڭ ئېقىش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

6-رېتسىپ: ياڭاق يېغىغا ئازراق بىڭپيەن قوشۇپ، قۇلاققا تېمىتىپ بېرىلسە، قۇلاق ئاغرىش ۋە قۇلاقتىن يىرىڭ ئېقىش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

7-رېتسىپ: ئەنزۇرۇتتىن بىر گىرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ بىر گرام ھەسەل ئۈچ مىللىلىتىر ئانا سۈتى بىلەن قوشۇپ ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم پاختا شاركىنى چىلاپ قۇلاققا تىقىپ قويۇلسا يىرىڭ ۋە سېرىق سۇ پەيدا قىلىدىغان مۇدۇر-چاقىلارنى يوقىتىدۇ. 

8-رېتسىپ: يۇقىرىدىكى دورىلارنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە مۇرمەككىدىن ئۈچ گرام ئېلىپ 15 مىللىلىتېر سۇدا ئېرىتىپ 10 گرام گۈل يېغى قوشۇپ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ ھەر قېتىمدا بىرلا تامچىدىن قۇلاققا تېمىتىپ بېرىلسە قۇلاقتىن يىرىڭ ئېقىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلاردىن: ھەببى ئايارەج، ھەببى قوقىيا، ماددەتۇلھايات، داۋائىل مىشكى، مەجۈنى چۆبچىن، ھەببى كىبرىت قاتارلىق دورىلاردىن ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلدۇ.  ئۈچ-تۆت كۈن ئەتراپىدا يۇقىرىقى دورىلارنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، سوفۇپى چار دورىنى ئاز مىقداردا قۇلاق ئىچىگە پۈركۈپ كىرگۈزۈش لازىم. ئاندىن ئالدىنقى ئۇسۇل بىلەن كىرلارنى تازىلاپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن يەنە پۈركۈش كېرەك. بۇ ئۇسۇل تاكى قۇلاق ئېقىش توختىغىچە داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. بەزىدە مامىرانچىننى سۇدا قاينىتىپ تەمىنى چىقىرىپ قۇلاققا تېمىتىشنىڭمۇ ۋە كۈدىنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ قۇلاققا تامغۇزۇشنىڭمۇ يىرىڭنى يوقىتىشقا پايدىسى بار. 

دىققەت قىلدىغان ئىشلار: ئاسان سىڭىدىغان، قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى بېرىپ، يەللىك، غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن كالا گۆشى، لازا-ئاچچىقسۇ قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىپ بېرىلىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.