بۇ كۆزگە ئاق چۈشۈش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
سەۋەبى:
بالىلارنىڭ تولا يىغلىشى سەۋەبىدىن سۇيۇقلۇق تومۇرى ئېتىلىپ قېلىپ، مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇششاق ئاق چېكىتلەر پەيدا بولۇپ، تەدرىجىي ئاقىرىش كۆرۈلىدۇ ياكى كۆزگە يات نەرسە كىرىۋالغاندا ئۇنى چىقىرىش ئۈچۈن كۆزنى قاتتىق ئۇۋۇلاشتىن كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
كۆزنىڭ قارىسىدا دەسلەپتە ئۇششاق ئاق چېكىتلەر پەيدا بولۇپ، كۈندىن-كۈنگە چوڭىيىدۇ، ئاق چېكىت پەيدا بولغاندىن كېيىن كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ، ئاخىرىدا ئاق چۈشكەن كۆز كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.