بالىلاردا كۆرۈلىدىغان بۆرەك ياللۇغى بۆرەك جىسمىنىڭ ئۆزىدە ۋە ھەرقايسى نەيچىلىرى ياكى بۆرەك بىلەن سۈيدۈك ئوتتۇرسىدىكى نەيچىلەردە يۈز بېرىدىغان ياللۇغلىنىشتىن ئىبارەت.
بالىلار بۆەك ياللۇغى كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددا ۋە كېسەللىكنىڭ ئۆتۈشى جەريانىغا قاراپ، ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى ۋە سوزۇلما بۆرەك ياللۇغى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى
سەۋەبى: بۇ خىلدىكى بۆرەك ياللۇغى ئاساسەن قويۇق قان خىلىتى ياكى غەيرىي تەبىئىي سەپرادىن بولىدۇ. ئەسلى تەبىئىتىدىن ئۆزگەرگەن قان بۆرەكتىكى قان ئايلىنىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئۆتكۈرلىشىشى بىلەن بۆرەك توقۇلمىلىرىنى غىدىقلاپ، غەيرى نورمال تەسىر كۆرسىتىپ بۇ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەرخىل سىرتقى سەۋەبلەر مەسىلەن، سوغۇق ياكى ئىسسىق ئۆۈپ كېتىشلەرمۇ بۆرەك مىزاجىنى بۇزۇپ ياللۇغلىنىشقا شارائىت تۇغدۇرىدۇ. بولۇپمۇ قاتتىق ئىسسىقتا تۇرۇپ تەرلەۋاتقان ۋاقىتلاردا بىراقلا سوغۇق ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىش، بەل ساھەسىگە سوغۇق ئۆتكۈزۈشمۇ بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۆرەكنى زەھەرلەيدىغان ھەرخىل ماددىلار مەسىلەن، سىمابلىق دورىلارنى ئانىنىڭ ئىستېمال قىلىشى ياكى بالىنىڭ بىۋاستە ئىستېمال قىلىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىنمۇ ياللۇغلىنىش كېلىپ چىقىدۇ، بۆرەكنىڭ سىرتىدىن تەگكەن ھەرخىل زەربە ۋە ئورۇلۇپ سوقۇلۇشلارمۇ بۆرەكنى ئىششىتىپ كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، باشقا ئەزالارنىڭ كېسەللىكلىرى مەسىلەن، ئۈچەي كېزىكى، بەزگەك، قىزىل ۋە چېچەككە ئوخشاش ئۆتكۈر قىزىتمىلىق كېسەللىكلەردىن كېين شۇ كېسەلنىڭ ئاسارىتى سۈپىتىدىنمۇ بۆرەكتە ئۆتكۈر ياللۇغلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: قاندىن (ھۆل ئىسسىق) بولغاندا باش ئاغرىش ۋە ئومۇمىي بەدەنلىك چارچاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ ئارقىسىدىن ئۆتكۈر قىزىتما ۋە ئۇسسۇزلۇق يۈز بېرىدۇ. بۆرەك ساھەسىدە ئېغىرلىق ۋە ئاغرىق بولىدۇ. سىيگەندە ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ. پات-پات سۈيدۈك قىستايدۇ، قۇسسا قۇسۇقى سارغۇچ ۋە ئاچچىق بولىدۇ. ئالدى-ئارقا تەرەت ئەسلىگە كېلىدۇ، ئەگەر قان بۇزۇلۇش تۈپەيلىدىن بۆەك ئىششىغان بولسا ئاغرىق زىيادىرەك، سۈيدۈكى قۇيۇق، رەڭگى قىزىل بولىدۇ.
سەپرادىن (قۇرۇق ئىسسىق) بولغىنىدا، باش ئاغرىقى ۋە ئۇيقۇسىزلىق ئەڭ ئېغىر، تومۇرى ئىنچىكە، تېز، سۈيدۈكنىڭ رەڭگى سارغۇچ قىزىل بولۇپ، يەرلىك ئورۇندا كۆيۈشۈپ قاتتىق ئاغرىش بولىدۇ، قىزىتما ۋە ئۇسسۇزلۇقىمۇ ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ.
سوغۇق ئۆتۈپ كېتىش سەۋەبلىرىدىن بولغىنىدا بىرقانچە سائەت ئىچىدىلا يۈز-كۆز ۋە پۈتۈن بەدەن ئىششىيدۇ، لېكىن باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتىدىن بولغانلىرى ئاستا تەرەققىي قىلىدۇ. ئومۇمەن ئىسسىقتىن بولغان بالىلار بۆرەك ياللۇغىدا دەسلەپتە بالىنىڭ مىزاجى چۇس، ئاسان چارچايدىغان بولۇپ قالىدۇ. جۇغ-جۇغ قىزىتما بولىدۇ. بېشى ئاغرىيدۇ، ئۇسسۇزلۇقى زىيادە بولىدۇ. بەل ۋە بۆرەككە ئېغىرلىق سېزىلىدۇ، كۆڭلى ئاينىيدۇ، بەزىدە قۇسىدۇ. ئەگەر ئىككى بۆرەك ياللۇغلانغان، ھەرئىككى تەرەپ ئىنچىكە بەلدە ئاغرىق سېزىمى سېزىلىدۇ، پۈتۈن بەدەندە ئىستىسقاغا ئوخشاش سۇلۇق ئىششىق يۈز بېرىدۇ. يۈز ۋە قاپاقلىرى ئىششىپ كېتىدۇ، ھەتتا كۆزنى ئېچىشمۇ تەسكە چۈشىدۇ. سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپ، مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ. سۈيدۈكنىڭ رەڭگى سارغۇچ ياكى قىزغۇچ سېسىق پۇراقلىق تۇخۇم ئېقىغا ئوخشاش قويۇق كېلىدۇ. بەزىلەردە قان سىيگەندەك كۆرۈلىدۇ. ئېغىرلاشقاندا سۈيدۈك پۈتۈنلەي توختاپ، قورساقلىرى سۇغا تولۇپ كۆيۈشۈپ كېتىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى: سۈيدۈك ھەيدەش، ئىششىق ياندۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
يەككە دورا بىلەن داۋالاشتا:
1-رېتسىپ: ئىسپىغۇلدىن ئالتە گرام ياكى خەشخاش شىرنىسىدىن يەتتە گرام ئېلىپ 150 مىللىلىتىر كاسىنە ئەرقى ياكى ئىت ئۈزۈمى ئەرەقلىرىدە شىرنىسىنى چىقىرىپ 24 گرامنى خەشخاش شەربىتى ياكى بىنەپشە شەربىتىگە قوشۇپ، ئەھۋالغا قاراپ ئاز-ئازدىن ئىچكۈزۈلسە ياللۇغ قايتۇرۇپ ئىششىق ياندۇرىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ.
2-رېتسىپ: كۆك كاسىنىنىڭ سىقىلغان سۈيىدىن 80 مىللىلىتىر ياكى كۆك يۇمغاقسۈت سۈيىدىن 60 مىللىلىتىر ئېلىپ، 24 گرام بىنەپشە شەربىتىگە قوشۇپ، ئاز-ئازدىن ئىچكۈزۈلسە ياللۇغ قايتۇرىدۇ، سۈيدۈك ھەيدەپ ئىششىق ياندۇرىدۇ.
3-رېتسىپ: غارىقۇن ۋە سۇمبۇلنىڭ ھەربىرىدىن يەتتە گرامدىن ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل قوشۇپ ئىچكۈزۈلسە توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، بۆرەك ياللۇغىغا شىپا بولىدۇ.
4-رېتسىپ: ھۆل ئىت ئۈزۈمىدىن 33 گرام، ئۈچقاتتىن توققۇز گرام، چۈچۈكبۇيىدىن ئالتە گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچكۈزۈلسە ياللۇغ قايتۇرۇپ ئىششىق ياندۇرىدۇ.
5-رېتسىپ: پاقا يوپۇرمىقىدىن 33 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچكۈزۈلسە سۈيدۈك ھەيدەپ ئىششىق ياندۇرىدۇ.
6-رېتسىپ: تاۋۇز شاپىقى، كۆك كاۋا شاپىقى، ئاغىچە ۋە جامكادىن توققۇز گرامدىن ئېلىپ، قاينىتىپ ئىچكۈزۈلسە، ياللۇغ قايتۇرۇپ سۈيدۈك ھەيدەپ ئىششىق ياندۇرىدۇ.
مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاش: بىنەپشە شەربىتى، ئەرقى بىدمىشكى، ئەرقى بەدىيان، قۇرسى بانادۇق قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئاسان سىڭىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان غىزالارنى بېرىپ، تۇخۇم، گۆش ۋە تۇز سېلىنغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.