مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2511 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ھېق تۇتۇش-بۇ ئاشقازان مۇسكۇللىرى ۋە دىئافراگما ئەسەبلىرىنىڭ تەشەننۇجى نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدىغان بىرخىل كېسەللىك بولۇپ كىچىك بوۋاقلاردا ۋە چوڭراق ياشتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈلىدۇ. 

سەۋەبى: 1. ئاشقازان مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ، كۆپىنچە ئاشقازاننىڭ سوغۇقى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن بولىدۇ. بۇنداق بالىلاردا بۇرۇندىن تارتىپ ئاشقازاننىڭ زەئىپلىكى بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۇسسۇزلۇقى كەم بولۇپ، كۆپىنچە ئىسسىق نەرسىلەرنى كۆڭلى تارتىدۇ. 

2. ئاشقازان زەئىپلىكىدىن بولىدۇ، يېيىلگەن يەللىك تاماقلار تۇزلۇق بولسا، ھەزىم قىلىنىپ تۆۋەنگە يۈرۈشمەي، ئاشقازاننىڭ ئۆزىدە قۇيۇق يەل پەيدا بولىدۇ. بۇ يەلنىڭ چىقىشى ئۈچۈن قىلغان ھەرىكىتى ھېق بولۇپ چىقىدۇ، بۇ خېلى كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇچرايدۇ. 

3. يېيىلگەن تاماقلارنىڭ كۆپلىكى تۈپەيلىدىن بولىدۇ. ئاشقازاننىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىپ، ھەزىم قىلىپ بولالماي مەيدىدە ئېغىرلىق سېزىلىدۇ. ئاشقازان بۇ ئېغىرلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ ھېق كېلىپ چىقىدۇ. 

4. ئاشقازاندا غىدىقلىنىش يۈز بېرىش ۋە بەلغەم ماددىسىنىڭ ئاشقازان ئاغزىنى توسۇۋېلىشى سەۋەبىدىن ھېق تۇتىدۇ. بۇ خىلدا ئاۋۋال ئاچچىق سۇ يېنىپ ھېق تۇتىدۇ. 

ئالامىتى: ئاساسلىقى بىماردا ئاشقازان ساھەسىدە يېقىمسىزلىنىش ۋە ھېق تۇتۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: سەۋەبىنى ئېنىقلاپ سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

يەككە دورىلار بىلەن داۋالاشتا: 

1-رېتسىپ: پۇدىنىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۈيىنى شېكەر بىلەن ئىچكۈزسە ھەزىمنى ياخشىلايدۇ. 

2-رېتسىپ: جەۋزى مۇقاتىلنى سوقۇپ ئىچكۈزسە ھېق تۇتۇش پەسىيىدۇ.

3-رېتسىپ: زەنجىۋىلنى شۈمگۈزۈپ قويسا ھەزىمنى ياخشىلاپ ھېق تۇتۇشنى پەسەيتىدۇ.

4-رېتسىپ: قۇندۇز قەھرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سۇغا ئېزىپ ئىچۈرسە توسالغۇلارنى ئېچىپ ھېق تۇتۇشنى پەسەيتىدۇ. 

5-رېتسىپ: زىرە، پىننە ۋە مەستىكىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ دورىلارنى چايناپ تۇرۇپ سۈيىنى يۇتۇپ بەرسىمۇ ھەزىمنى ياخشىلاپ ھېق تۇتۇشنى پەسەيتىدۇ. 

6-رېتسىپ: نارجىل مېغىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قەنت بىلەن قوشۇپ يېگۈزۈلسە ھەزىمنى ياخشىلاپ ھىق تۇتۇشنى پەسەيتىدۇ. 

7-رېتسىپ: قاقىلە، بەدىيان ۋە ئوغرىتىكەندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ دەملەپ ئىچكۈزۈلسە ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، سۈيدۈك ھەيدەپ ھېق تۇتۇشنى پەسەيتىدۇ. 

8-رېتسىپ: ئاشقازاننىڭ مىزاجى بۇزۇلغانلىقتىن بولغىنىدا كەرەپشە ئۇرۇقى، ياۋا سەۋزە، ئۇرۇقى، زىرە، رۇم بەدىيان، پىننە ۋە زەنجىۋىلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ دەملەپ ئىچىشكە بېرىلسە ھەزىمنى ياخشىلاپ ھېق تۇتۇشنى پەسەيتىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: جاۋارىش ئامىلە، ئامىلە نۇشدارى، جاۋارىش كومۇنى قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: تاماق ئېغىر كېلىشتىن بولغىنىدا، ئالدى بىلەن قۇستۇرۋېتىپ، ئارقىدىن ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى دورىلار ۋە چاي دورىلار بېرىلىدۇ. پاقلان گۆشى، چۈجە گۆشى قاتارلىقلارنى شورپا قىلىپ، شورپىسىغا زىرە، پىننە، ياپىلاق زەنجىۋىل، پىلپىل قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن بىر گرامدىن سېلىپ چۆپ ئاش قىلىپ بېرىلىدۇ. قارىمۇچ، لازىغا ئوخشاش ئۆتكۈر يېمەكلىكلەر ۋە ئۈجمە، ئۆرۈك، قوغۇن، شاپتۇل قاتارلىق سوغۇق تەبىئەتلىك مېۋىلەر بېرىلمەيدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.