مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2492 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ بالىلاردىكى ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ھەزىم بۇزۇلۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: ئانا سۈتىنىڭ قۇۋۋەتسىز، خام بولۇشى، بالا ئىمىتىۋاتقان ئانىنىڭ يەنە بىر بالىغا ھامىلدار بولۇشى، بالىنىڭ ئاشقازىنىنىڭ ھەزىم قىلىش كۈچى ئاجىزلىشىپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇق مىقدارى ئېشىپ كېتىش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: بالىنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىپ، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرۇش، قورسىقى ئېسىلىش، تومۇرى ئاجىز سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 

داۋالاش پرىنسىپى: ھەزىمنى ياخشىلاش، ئىشتىھانى ئېچىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

يەككە دورا بىلەن داۋالاش: 

1-رېتسىپ: بىھى سۈيىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئۇنىڭغا ئۈچ-تۆت تال قەلەمپۇرنى يۇمشاق سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ بالىغا يالىتىلسا ھەزىمنى ياخشىلايدۇ. 

2-رېتسىپ: توخۇ تاشلىقىنىڭ ئىچىدىكى سېرىق پوستىنى قۇرۇتۇپ سوقۇپ، شېكەر بىلەن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مۇۋاپىق يېگۈزۈلسە ھەزىمنى ياخشىلايدۇ. 

3-رېتسىپ: گۇلابتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئازراق قەلەمپۇرنى چالا سوقۇپ چىلاپ، قاينىتىپ سۈزۈۋېتىپ سۈيىگە شېكەر سېلىپ ئىچكۈزۈلسە ئاشقازاننى قىزىتىپ ھەزىمنى ياخشىلايدۇ. 

4-رېتسىپ: پىننىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ، سۈيى ئىچكۈزۈلسە ھەزىمنى ياخشىلايدۇ. 

5-رېتسىپ: مەستىكىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئازىراق قەلەمپۇرنى چالا سوقۇپ چىلاپ، قاينىتىپ سۈزۈۋېتىپ، سۈيىگە شېكەر سېلىپ ئىچكۈزۈلسە ئاشقازاننى قىزىتىپ ھەزىمنى ياخشىلايدۇ. 

6-رېتسىپ: سۈتتىن 100 مىللىلىتىر ئېلىپ، ئۇنىڭغا 30 گرام ساپ ھەسەل سېلىپ، ئېرىتىپ ئىستېمال قىلدۇرۇلسا ئاشقازاننىڭ ھۆل سوغۇقتىن بولغان ئاجىزلىشىشىغا مەنپەت قىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: سوفۇپى تەرياقى ئەتفال، ئەرقى بەدىيان، ئەرقى پىننە، ئانار شەربىتى، ئامىلە نۇشدارى، جاۋارىش ئامىلە قاتارلىق دورىلاردىن ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: پىننە، زىرە، پىلپىل، دارچىن، زەنجىۋىل قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ پاقلان گۆشى ياكى چۈجە گۆشى قاتارلىقلاردا شورپا قىلىپ نان بىلەن يېگۈزۈلىدۇ. كالا گۆشى، لازا، تۇخۇم قاتارلىق تەستە ھەزىم بولىدىغان غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.