مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ22-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2924 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ كىچىك بالىلار كېچىسى ئۇخلاۋېتىپ ئورنىغا سىيىپ ياتىدىغان، بەزىلىرى تېخى ئويغاقلىق ھالەتتىمۇ سىيىپ قويىدىغان بىرخىل كېسەللىك بولۇپ ئۈچ ياشتىن  يۇقىرى 15 ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. 

سەۋەبى: ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشىدىن دوۋساقنىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش ۋە توقۇلمىلىرى بوشاش، دوۋساققا تاش چۈشۈش، دوۋساق ياللۇغى، ئاشقازان ۋە جىگەر ھەزىمىنىڭ بۇزۇلىشىدىن ھۆللۈك كۆپىيىپ كېتىش، بەدەن ئاجىزلىقى، قۇۋۋەتسىزلىك، ئۇزۇنغىچە كېسەل تارتىش، بالىنىڭ تۆۋەن تەرىپى پالەچلىنىش، مېڭە سىرتىدىن زەخىملىنىش، مەددە قۇرت كېسەللىكلىرى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: كېسەللەنگەن بالىلاردا سۈيدۈك كۈندۈزىمۇ ئىختىيارسىز مېڭىپ كېتىدۇ، كېچىسى ئۇخلاۋېتىپ كۆرپىگە سىيىپ قويىدۇ، بەزىلەردە سۈيدۈك قېتىمى كۆپ بولسىمۇ لېكىن ئۆزلىكىدىن يۈرۈپ كەتمەيدۇ، سىيگۈسى بەك قىستاپ كېلىدۇ. 

داۋالاش پرىنسىپى: كېسەلنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

1-رېتسىپ: توشقان گۆشىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئۈزمەي يېگۈزۈپ بەرگەندە سىيىپ يېتىش كېسىلىگە شىپا بولىدۇ. 

2-رېتسىپ: توخۇ تاشلىقى ئىچكى پوستىنىڭ قۇرىتىلغىنىدىن مەلۇم مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ ھەركۈنى بىر قېتىم ھەر قېتىمدا بىر-ئىككى گرامدىن يېگۈزۈپ بېرىلسە ھەزىمنى ياخشىلاپ بالىلاردىكى سىيىپ كېتىش كېسىلىگە شىپا بولىدۇ. 

3-رېتسىپ: ياڭاقتىن ئۈچ دانە ئېلىپ، قوقاسقا كۆمۈپ مېغىزىنى يېگۈزۈپ بېرىلسە سوغۇقتىن بولغان سىيىپ يېتىش كېسىلىگە شىپا بولىدۇ. 

4-رېتسىپ: لىسانىل ئاساپىردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ دەملەپ داۋاملىق ئىچكۈزۈلسە سىيىپ يېتىش كېسىلىگە شىپا بولىدۇ. 

5-رېتسىپ: گۈڭگۈرتتىن 30 گرام، سۇڭپىيازدىن 100 گرام ئېلىپ گۈڭگۈرتنى سۇڭپىياز بىلەن سوقۇپ خېمىر قىلىپ بالىنىڭ كىندىكىگە تېڭىپ بېرىلسە سىيىپ يېتىش كېسىلىگە شىپا بولىدۇ. 

6-رېتسىپ: بىر دانە توشقان كاللىسى بىلەن بىر دانە خورازنىڭ تاجىسى ۋە توخۇ تاشلىقى پوستىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ تولۇق شورپىسىنى چىقىرىپ تۆتكە بۆلۈپ كۈندە ئەتىگەن بىر بۆلەكنى ئىستېمال قىلدۇرۇپ بېرىلسە بالىلاردىكى سىيىپ يېتىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

7-رېتسىپ: قوينىڭ سۈيدۈكلۈكىنى كاۋاپ قىلىپ بېرىلسە سىيىپ يېتىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

8-رېتسىپ: جويۇزدىن بىر دانە ئېلىپ سوقۇپ، تالقانلاپ تۇخۇم يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ بالىنىڭ بەل دوۋساق ساھەسى ياغلاپ بېرىلسە بالىلاردىكى سىيىپ يېتىش كېسىلىگە شىپا بولىدۇ. 

9-رېتسىپ: خولىنجاندىن تۆت گرام ئېلىپ سوقۇپ تالقانلاپ تالقىنىنى سۇغا چىلاپ كۈنىگە بىر قېتىم ئىچكۈزۈلسە ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ سىيىپ يېتىش كېسىلىگە شىپا بولىدۇ. 

10-رېتسىپ: كۈندۇردىن ئۈچ گرام، ساپ ھەسەلدىن 50 گرام ئېلىپ كۈنجۈتنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلدۇرۇلسا سىيىپ يېتىش كېسىلىگە شىپا بولىدۇ.

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: جاۋارىش مەستىكى، مۈجۈنى كۇندۇر، ماددەتۇلھايات، جاۋارىش جالىنۇس، مەجۈنى خۇبسىلھەدىد مۇمسىك، مەجۈنى بەۋل پىلپىراش قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئوغلاق گۆشىنى شورپا قىلىپ نان بىلەن بېرىلىدۇ. چۈجە، كەپتەر، پاختەك گۆشىنىڭ شورپىلىرىغا پىلپىل، زەنجىۋىل، قارىمۇچ، كاۋاۋىچىن ئارىلاشتۇرۇپ چۆپ ئاش قىلىپ بېرىلىدۇ. 

ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەر، سوغۇق سۇ، گۈرۈچ، سەۋزە، تۇرۇپ، قايماق، قېتىق، دوغاپ قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.