مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ08-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1482 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بالىلاردىكى قۇلاق ئاغرىقى-بالىلارنىڭ قۇلىقىدىن سۇ ئېقىش، قۇلاق ئاغرىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بەزىلەردە بىر قۇلاق بەزىلەردە ئىككى قۇلاق تەڭ ئاغرىيدۇ. 

سەۋەبى: بالىلارغا ئاشقازاننى سۇسلاشتۇرغۇچى، سۇغۇق يەل پەيدا قىلغۇچى يېمەكلىكلەرنى كۆپ بېرىش، ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرىدىن بولغان ياللۇغلىنىش ۋە قۇلاققا ھەرخىل سەۋەبىدىن سۇ كىرىپ كېتىش سەۋەبىدىن مەزكۇر كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: بالا قۇلاق ئاغرىشتىن شىكايەت قىلىدۇ ياكى قۇلىقىنى تۇتۇپ يىغلايدۇ. ھارارەت سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بولسا قۇلاققا سوغۇق نەرسىلەرنى ياققاندا خوش ياقىدۇ. سوغۇقلۇق سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بولسا، ئىسسىق ئۆتكۈزسە ئاغرىق پەسىيىدۇ. مېڭە پەردە ياللۇغى تەسىرىدىن بولغان بولسا باش ۋە قۇلاق قوشۇلۇپ ئاغرىيدۇ. داۋاملىق قىزىيدۇ، قۇلاق ئەتراپى قىزىرىدۇ، تۇتقاندا قىزىق بىلىنىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

يەككە دورىلار بىلەن داۋالاشتا: 

1-رېتسىپ: بادام يېغى بىلەن ھەسەلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، پىلتە تەييارلاپ كۈندە ئۈچ قېتىم قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە قۇلاق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

2-رېتسىپ: كۈندە ئۈچ ۋاق ئايال كىشىنىڭ سۈتىنى قۇلاققا تېمىتىپ بېرىلسە قۇلاق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

3-رېتسىپ: گۈل يېغى ۋە بىدەنجىر يېغىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ كۈندە ئىككى ۋاخ ئىلمان ھالەتتە قۇلاققا تېمىتىپ بېرىلسە سوغۇقتىن بولغان قۇلاق ئاغرىقىغا ۋە قۇلاق غوڭۇلداشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

4-رېتسىپ: سېرىق ياغ بىلەن توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئېقىنى ئارىلاشتۇرۇپ قۇلاقنىڭ تېشىغا سۈركەپ بەرگەندە قۇلاقتىكى پۈتۈن ئاغرىقلارنى يوق قىلىدۇ. 

5-رېتسىپ: بابۇنىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ قۇلاقنى ھوردىغا تۇتۇپ تۇرۇپ بەرسە ئاغرىق پەسەيتىدۇ. 

6-رېتسىپ: بەدىيان يوپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سىقىپ سۈيىگە ئاق پاختىنى چىلاپ قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە قۇلاق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:  يەللىك، غىدىقلىغۇچى، سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.