مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى12-ئاينىڭ28-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1363 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كىندىك چۈشكەندىن كېيىن يەرلىك ئورۇن ياللۇغلىنىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، پەسىل ۋە جىنسىي ئايرىمىسى بولمايدۇ. 

سەۋەبى: كىندىكنى كەسكەن ئەسۋابلار تازىلىقنىڭ ياخشى بولماسلىقى، كىندىك قانىغاندىن كېيىن ۋاقتىدا قان توختىتىلماي ياللۇغلىنىش، يۆگەك ۋە كىندىك ئەتراپىغا ئىشلەتكەن رەختلەرنىڭ تازىلىقى ياخشى بولماسلىق، بەلغەم خىلىتىنىڭ غالىپلىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: تازىلىقى ياخشى بولماسلىقتىن بولغان بولسا كىندىك چۈشكەندىن كېيىن زەھەرلىك ئورۇن ساقايماي شەلۋەرەپ تۇرىدۇ. قىزىتما كۆرۈلىدۇ. سېسىق پۇراق پەيدا بولۇپ، يىرىڭلىق سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىدۇ. بەلغەم خىلىتىدىن بولغان بولسا ئاق سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ، قىزىتما بولمايدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: كىندىك ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۇغۇت ۋاقتىدا كىندىكنى كېسىدىغان ئەسۋابلار پاكىزە بولۇشى، كىندىك كېسىلىپ بولغاندىن كېيىن باغلانغان يەرنىڭ يۇقىرىسىنى مۇناسىپ دورىلار بىلەن تازىلىغاندىن كېيىن يەنە پاكىزە داكا بىلەن تېڭىۋېتىش ۋە خالىغانچە ئاچماسلىق لازىم. ئەگەر كىندىك قانىسا ۋاقتىدا چارە قىلىش، لېكىن چارە قىلىش مەشغۇلاتى جەريانىدا پاسكىنا نەرسىلەرنىڭ تەسىر قىلىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىشى لازىم. 

داۋالاشتا-ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەم بالىنىڭ ئورۇن-كۆرپىلىرى تازىلىنىدۇ.

يەككە دورىلار بىلەن داۋالاش:

1-رېتسىپ: قەشقەر ئۇپىسى، قەلەي ئۇپىسى، خېنە ئۇپىسى ياكى گۈل يېغىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ زىمات تەييارلاپ كۈندە ئىككى قېتىم كىندىككە زىمات قىلىپ بېرىلسە ياللۇغ قايتۇرۇپ قان توختىتىدۇ. 

2-رېتسىپ: بىنەبشە ياكى مامىرانچىندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ يەرلىك ئورۇن يۇيۇپ بېرىلسە ياللۇغ قايتۇرۇپ قان تازىلايدۇ. 

3-رېتسىپ: ئاق لەيلى گۈلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئېزىپ كۈندە ئىككى قېتىم كىندىككە زىماد قىلىپ بېرىلسە ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: ئەرقى شوخلا، ئەرقى چۆبىچىن، مەجۈنى چۆبىچىن قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئانا بولغۇچى ئاسان سىڭىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان تاماقئارنى ئىستېمال قىلىپ، يەللىك، غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن پەرھىز قىلىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.