بۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز تارقىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ.
سەۋەبى: بۇ كېسەل كۆپىنچە يۇقۇش بىلەن تارالسىمۇ، لېكىن كېسەللەنگۈچى بالىنىڭ بەدەنگە سوغۇق ئۆتۈپ كېتىش، بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشىلىق كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشى، بەدەننىڭ كېسەللىنىشكە مايىللىقى قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ رولىمۇ چوڭ بولىدۇ. بولۇپمۇ تېنى ئاجىز بالىلارنىڭ توڭۇپ قېلىشى، يامغۇردا قېلىش، قىزىپ كەتكەندە سوغۇق سۇنى كۆپ ئىچىش، ئىسسىق، سوغۇق ھاۋانىڭ ئالمىشىشى، ئويناپ تەرلەپ كەتكەندە كىيمىنى سېلىۋېتىش قاتارلىقلار سەۋەب بولىدۇ. بەزىدە كىچىك بالىلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ناچارلىق تۈپەيلىدىن مېڭىسى ئاجىزلىشىش، مېڭە ھۆللۈكى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن سوغۇق زۇكام كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: بىماردا قىزىش كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك نەپەس سىستېمىسىغا تەسىر قىلغاندا نەپەسلىنىش تەسىرگە ئۇچرايدۇ. گال ئاغرىش، يۆتەل، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، كۆزدىن ياش ئېقىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. سېرىق ياكى قىزىلغا مايىل بەلغەم تۈكۈرىدۇ، بۇ ئۆزگىرىشلەر ئېغىرلاشسا كۆكرەك پەردە ياللۇغى ياكى ئۆپكە ياللۇغىغا ئايلىنىدۇ. بالىدا سىل جاراسىمى بولسا كېسەللىك قاتتىق ئۆتىدۇ. نېرۋىغا تەسىر قىلغاندا باش قاتتىق ئاغرىيدۇ. بۇ بۇغۇملاردا ئاغرىش، روھى ھالەت تۆۋەنلەش، بىئارام بولۇش كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك ئېغىرلاشسا مېڭە پەردە ياللۇغى ۋە يۇلۇن پەردە ياللۇغىغا ئېلىپ بارىدۇ. ھەزىم خىزمىتىگە تەسىر قىلغاندا قاتتىق ھۆ بولىدۇ، تىل قارامتۇل سېرىق گەز باغلايدۇ، بەزى بالىلاردا قاتتىق قۇسۇش كۆرۈلىدۇ. بەزى بالىلاردا قەۋزىيەت، بەزى بالىلاردا ئىچى سۈرۈش كۆرۈلىدۇ. ئىچى سۈرۈش ئېغىرلاشقانسېرى قىزىتما ئۆرلەش، پەيلىرى تارتىشىش ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ. يۈرەككە تەسىر قىلغاندا تومۇرى توم ھەم تېز سالىدۇ، بەزى بالىلاردا يۈرەك ھەركىتى تېزلىشىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
يەككە دورىلار بىلەن داۋالاشتا:
1-رېتسىپ: ئاچچىقسۇدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، بۇسىنى پۇراتقاندا، يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2-رېتسىپ: كۆك ماشتىن مەلۇم مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، ماش يېرىلغاندىن كېيىن ماشنى سۈزۈۋېتىپ، سۈيىگە ئازراق چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى سېلىپ بىردەم قاينىتىپ سۈيى ئىچكۈزۈپ بېرىلسە يۆتەل توختىتىدۇ، قىزىتما چۈشۈرىدۇ. تارقىلىشچان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3-رېتسىپ: تاۋۇزدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سىقىپ، سۈيىنى سەل قىزىتىپ ئىچىشكە بېرىلسە قىزىتما چۈشۈرىدۇ.
4-رېتسىپ: بىنەپشە گۈلى، ئاق لەيلىگۈلى ۋە نېلۇپەر گۈلىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، قايناقسۇدا دەملەپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلسە ياللۇغ قايتۇرىدۇ، قىزىتما چۈشۈرىدۇ. تارقىلىشچان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
5-رېتسىپ: ئوسما يىلتىزىدىن توققۇز گرام، قىرىق يوپۇرماقتىن 33 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچكۈزۈپ بەرگەندە، تارقىلىشچان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
6-رېتسىپ: سۇڭپىيازدىن ئۈچ تال، بەسەي كۆتىكىدىن ئۈچ دانە، قومۇش يىلتىزىدىن توققۇز گرام ئېلىپ، قاينىتىپ ئىچىشكە بېرىلسە تارقىلىشچان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
7-رېتسىپ: سەرخەستىن توققۇز گرام ئېلىپ، قاينىتىپ ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىشكە بېرىلسە تارقىلىشچان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
8-رېتسىپ: بىنەپشىدىن ئالتە گرام، نېلۇپەردىن ئۈچ گرام، چىلاندىن 30 گرام، تەمرى ھىندىدىن 15 گرام ئېلىپ 500 مىللىلىتىېر قايناقسۇدا دەملەپ تولۇق تەمى چىققاندىن كېيىن كېسەللىك ئالامىتى ئاشكارىلانغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچكۈزۈپ بېرىلسە ياللۇغ قايتۇرۇپ قان تازىلايدۇ. قىزىتما پەسەيتىدۇ.
مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: ئەرقى شوخلا، ئەرقى بىنەبشە، ئەرقى چۆبىچىن، ئەرقى شاھتەررە، شەربىتى خەشخاش، مەتبۇخى زۇپا، لوئوقى سەرپىستان، ئەرقى گاۋزىبان، خېمىرى گاۋزىبان ئەنبەر قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: شوۋىگۈرۈچ ياكى يېشىل ماش سېلىنغان ئارپا ئېشى ئىچكۈزۈلىدۇ. ئۇسسۇزلۇققا ئارپا سۈيى، ئەرقى گاۋزىبان ئىچكۈزۈلىدۇ. ھەزىمنى ياخشىلاپ بەدەننى قۇۋەتلەش ئۈچۈن پاقلان ياكى كەپتەر گۆشىدە شورپا قىلىپ، كۆك پۇرچاق ياكى بادام مېغىزى سېلىپ ئىچكۈزۈلىدۇ.
كېسەللىك ساقايغۇچە سۈت، قايماق، قېتىق، سۇ مېيى، ئاق ۋە قارا شېكەر، لازا، مۇز سۈيى قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.