بۇ يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ چوڭ تەرەت يولى پۈتەي بولۇش نەتىجىسىدە چوڭ تەرەت قىلالماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.
سەۋەبى: مەقئەت پۈتەيلىكى تۇغما بولىدۇ، كۆپىنچە بالىلار بالدۇر تۇغۇلۇش، قورساقتا يېتىلىشنىڭ نورمال بولماسلىقى ياكى ئانىنىڭ ھامىلىدار ۋاقتىدا تۆرەلمە تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈدىغان دورا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشى ئارقىسىدا تۆرەلمە يېتىلىشىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشى قاتارلىقلار سەۋەب بولىدۇ.
ئالامىتى: مەقئەت پۈتەيلىك كېسىلى بىلەن تۇغۇلغان بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىنلا مەلۇم بولىدۇ، بەزى يىراق يېزا، چەت جايلاردا ئائىلىدە تۇغدۇرۇلغان بالىلار تۇغۇلغان ۋاقتىدا دىققەت قىلىنماي قالغان بولسا، 24 سائەتكىچە ھامىلە تەرىتى كەلمەسلىك، بارا-بارا قورسىقى كۆپۈش، قورسىقى چىڭقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئىككى-ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قورساق بەك ئېسىلىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بالىلاردا روشەن ئورۇقلاش ئىپادىسى كۆرۈلىدۇ. بالا ئەممەيدۇ، بەدەن سۇيۇقلۇقى كېمىيىدۇ.
مەقئەت تۇغما تار بولغان بالىلاردا تەرەت چىقىش تەس بولغانلىقتىن، تەرەت كاللەكچىلىرى كۆتەن (بۇغماق) ئۈچەي ئىچىدە قاتتىق، تاشتەك قېتىپ كېتىدۇ. بۇنداق بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ناھايىتى زور تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى: ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى قوللىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.