مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ10-كۈنى  كۆرۈلىشى: 3661 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

كۆپ يىغلاش ۋە ئۇيقۇسىزلىق ئۇششاق بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئەمچەك يېشىدىكى بالىلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ. 

سەۋەبى: بۇ كۆپىنچە قۇلاق ئاغرىقى، قورساق ئاغرىقى، كۆز ئاغرىقى قاتارلىق ھەرخىل ئاغرىقلارنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: 1.ئىچكى ئاغرىق: قۇلىقى ئاغرىغاندا بالا قۇلىقىنى كوچىلاپ يىغلايدۇ، قورسىقى ئاغرىغاندا قورسىقىنى سىلاپ يىغلايدۇ ياكى دەل شۇ پەيتتە بالىنىڭ ئىچى سۈرۈش، قاتتىق يەل كېلىش، قورساق ئېسىلىش قاتارلىق قوشۇمچە بەلگىلەرمۇ كۆرۈلىدۇ. باشقا بىرەر ئاغرىق سەۋەبىدىن بولسا بالىنىڭ يىغلاش قىياپىتىگە قاراپ بىرەر يېرى ئاغرىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلغىلى ھەمدە كۆزىتىش ئارقىلىق قەيىرى ئاغرىۋاتقانلىقىنىمۇ تېپىپ چىققىلى بولىدۇ. 

2. مېڭە ئىششىقى: بەزى بالىلار مېڭە ياللۇغى سەۋەبىدىن كۆپ يىغلايدۇ ۋە ئۇيقۇسى قاچىدۇ. قۇسقاندىن كېيىن يىغىسى پەسلەيدۇ، قۇسقاندا يېنىپ چىققان سۈت بۇزۇلغان ۋە سېسىق پۇراقلىق بولىدۇ. يىغلاۋاتقان ۋاقتىدا بىرخىل بىئاراملىق قىياپەت چىقىپ تۇرىدۇ. 

3. سىرتقى ئاغرىش: ئۇرۇلۇپ، سوقۇلۇپ زەخىملىنىش ياكى زاكىلاش ۋە بۆشۈككە بۆلەشتە بەك چىڭ تېڭىلىپ كېتىپ، بەدىنى ئاغرىپ كېتىش، ياتقان يېرىنىڭ قاتتىق ياكى كۆرپىنىڭ يىرىك بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن بالا كۆپ يىغلايدۇ ۋە ئۇخلىغىلى ئۇنىمايدۇ. 

داۋالاش پرىنسىپى: ئۇخلاتقۇچى ۋە ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئاسان سىڭىدىغان قۇۋۋەتلىك تاماقلر بېرىلىدۇ. تەستە ھەزىم بولىدىغان غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.