بالىلاردىكى كۆز ئاغرىقى كۆز قىزىرىپ ياللۇغلىنىش، چاپاقلىشىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.
سەۋەبى: ئوفۇنەتلەنگەن قان خىلىتى، غەيرىي تەبىئىي سەپرا ۋە غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان كېرەكسىز ماددىلار كۆزگە تەسىر قىلىپ، مەزكۇر كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالامىتى: قان خىلىتىنىڭ ئوفۇنەتلىنىشىدىن بولغىنىدا بالىنىڭ قاپىقى، كۆز ئىچى قىزىرىپ ئىسسىق ياش كېلىدۇ. كۆز سانجىلىپ ۋە ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ. بەزىلەردە قىزىتما كۆرۈلىدۇ. غەيرىي تەبىئىي سەپرادىن بولغىنىدا قاپاق ئىششىمايدۇ. كۆز ئىچى سېرىق بولىدۇ. ئېچىشىش، قىچىشىش، سېرىق چاپاقلىشىش، كۆزگە قۇم تىقىلغاندەك قادىلىپ ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. غەيرىي تەبىئىي بەلغەمدىن بولغىنىدا بالىنىڭ كۆز ئاق چاپاقلىشىدۇ. قاپاقلىرى ئېسىلىپ، ئىشتىھاسىزلىق، يېنىك باش ئاغرىش ۋە كۆز ئاغرىش كۆرۈلىدۇ. قىزىتما ئاز بولىدۇ ياكى بولمايدۇ. ئېچىشىش كۆرۈلمەيدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: سەۋەبىگە قارىتا ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، ئىششىق ياندۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
يەككە دورا بىلەن داۋالاش:
1-رېتسىپ: نوقۇت سۈيىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئۇنىڭدا قوي پاچىقىنى پىشۇرۇپ ئۈچ كۈنگىچە ھېچقانداق دورا قىلماي ئىستېمال قىلدۇرۇپ بېرىلسە بالىلاردىكى كۆز ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2-رېتسىپ: زىرە بىلەن ياڭاق مېغىزىنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ يۇمشىتىپ قايناقسۇ بىلەن مەلھەم قىلغاندىن كېيىن پاختىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ ئۈستىدىن قىز تۇغقان ئايالنىڭ سۈتىنى تېمىتىپ كۈندە ئىككى قېتىم يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بېرىلسە يۇمۇلۇپ قالغان كۆز ئېچىلىدۇ.
3-رېتسىپ: ھۆل قاپاقتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سىقىپ سۈيىنى ئېلىپ كۈندە ئىككى قېتىم كۆزگە تېمىتىپ بېرىلسە قان تازىلاپ، ئېچىشىش، ئاغرىش ۋە قىزىللىقنى يوقىتىدۇ.
4-رېتسىپ: ئەينۇلا، يۇمغاقسۈت، تەرخەمەك ۋە ھۆل قاپاقتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ، ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە قان تازىلاپ ياللۇغ قايتۇرىدۇ.
5-رېتسىپ: يەرلىك شوخلا يوپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە قان تازىلاپ ياللۇغ قايتۇرىدۇ.
مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: جاۋارىش ئۇد شېرىن، جاۋارىش زەرئۇنى، ئىترىفىل بەدىيان قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئاسان سىڭىدىغان، قۇۋۋەتلىك تاماقلار بېرىلىدۇ. ئانىسى كالا گۆشى، لازا، ئاچچىقسۇ، مانتا، سامسا قاتارلىق يەللىك، غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.