مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ18-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2420 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

قۇسۇش بالىلار كېسەللىكىدە كۆپ ئۇچىرايدىغان بىرخىل كېسەللىك بەلگىسى بولۇپ قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەرنىڭ تەتۈر لۆمۈلدىشى، شۇنداقلا قورساق مۇسكۇللىرى ۋە كىرگىت پەردىسىنىڭ قىسقىرىشى نەتىجىسىدە ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. ئادەتتە كۆپىنچە قۇسۇش بىلەن كۆڭۈل ئاينىش بىللە كېلىدۇ. 

سەۋەبى: بالىلارنىڭ سۈتنى كۆپ ئىمىشى، ئىمىش ئارىلىقىدا ئاشقازانغا ھاۋا كىرىپ كېتىش، ھەزىم قىلىش يوللىرى خىزمىتىنىڭ بۇزۇلۇشى، ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەرنىڭ يۇقۇملىنىشى، قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان، ئۈچەيلەرنىڭ توسۇلۇشى، مېڭە ۋە يۇلۇن خىزمىتىنىڭ توسالغۇغا ئۇچىرىشى. مەسىلەن: سەرسام، مېڭە سىلكىنىش، ھەرخىل زەھەرلىنىشلەر، مەددە كېسەللىكلىرى ۋە خىلىتنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار. 

1. نورمال قۇسۇش: بوۋاقلاردىكى ئىمىش جەريانىدا ئاشقازانغا ھاۋا كىرىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان قۇسۇش، سۈتنى كۆپ ئىمىۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇنىڭ چوڭ زىيىنى يوق. بالىنىڭ باش تەرىپىنى ئېگىزرەك تۇتۇپ ئىمىتىش، ئىمىتىپ بولغاندىن كېيىن باش تەرىپىنى ئېگىزرەك قىلىپ كۆتۈرۈش بىلەن ئوڭلىنىپ كېتىدۇ، بالىنى بەك تويۇپ كەتمىگۈدەك ئىمىتىش ئارقىلىق قۇسمايدىغان قىلغىلى بولىدۇ. 

2. ئاشقازان بۇزۇلۇشتىن بولغان قۇسۇش: بالىنىڭ قورسىقى توق بولسىمۇ يەنە ئوزۇقلاندۇرۇش، قالايمىقان ئوزۇقلاندۇرۇش سەۋەبىدىن ياكى بۇزۇلغان سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنى يېيىش سەۋەبىدىن بولىدۇ. 

ئالامىتى: ئوزۇقلىنىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي قۇسىدۇ، قۇسۇشنىڭ ئالدىدا كۆڭلى ئېلىشىدۇ. ھۆ بولۇش بىلەن تەڭ قۇسىدۇ، قۇسۇش ئالدىدا ۋە قۇسۇش جەريانىدا بەدىنى مۇزلىغاندەك بولۇپ، پېشانىسىدىن سوغۇق تەر چىقىدۇ. قۇسۇپ بولغاندىن كېيىن كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدۇ، بەزىدە قۇسقاندىن كېيىن ئىچى سۈرۈشمۇ مۇمكىن. 

داۋالاش پرىنسىپى: ھەزىمنى ياخشىلاش، ئاشقازاننى كۈچەيتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرلىدۇ. 

يەككە دورىلار بىلەن داۋالاشتا: 

1-رېتسىپ: بىر گرام قەلەمپۇرنى سوقۇپ، ئالما ياكى بىھى سۈيىگە قوشۇپ ئىچكۈزۈلسە ئاشقازاننى قىزىتىپ، ھەزىمنى ياخشىلاپ قۇسۇشنى پەسەيتىدۇ. 

2-رېتسىپ: قىزىل گۈل، فۇپەل، ئۇد ھىندى ۋە ھېلىلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئۈزۈم سۈيى ياكى قايناقسۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئاشقازان ساھەسىگە تېڭىپ بېرىلسە قۇسۇشنى توختىتىدۇ. 

3-رېتسىپ: پىستىنىڭ تاش پوستى ۋە لاچىندانە ئۇرۇقىدىن بىر گرام ئېلىپ، دورىلارغا بىر گرام پۇدىنە قوشۇپ، 10 گرام گۈلقەنتكە ئارىلاشتۇرۇپ يېگۈزۈلسە ھەزىمنى ياخشىلاپ قۇسۇشنى پەسەيتىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: شەربىتى پەۋاكىھ، مەجۈنى نانىخا، ئامىلە نۇشدارى، جاۋارىش ئامىلە قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئوڭاي ھەزىم بولىدىغان، لەتىف يېمەكلىكلەر بېرىلىدۇ. يەللىك، غىدىقلىغۇچى، تەستە ھەزىم بولدىغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.