مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2510 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بالىلار ئۇخلاۋېتىپ، تۇيۇقسىز قورقۇپ ئويغىنىپ كېتىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ روھى جەھەتتىن ۋە خىلىتلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. 

سەۋەبى: روھى سەۋەبلىك بولغىنىدا بالىلار ئويغاق ۋاقتىدا مەلۇم نەرسىدىن بەك قورقۇپ ئۇخلىغاندىن كېيىنمۇ چۈشىدە شۇ نەرسىدىن قورقۇپ ئويغىنىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئاتا-ئانا ۋە بالا-چاقىلىرىنىڭ بالىنى ھەرخىل قورقۇنچلۇق گەپ-سۆز، ھەرىكەتلەر بىلەن قورقىتىشى قاتارلىقلاردىمۇ كېلىپ چىقىدۇ. خىلىتلىق سەۋەبلىك بولسا، بالىنى قۇۋۋەتسىز بېقىش، بۇس-بۇخاراتلار پەيدا بولۇپ، مېڭىگە ئۆرلەپ، ئويلاش ۋە تەپەككۇر قىلىش كۈچكە تەسىر يەتكۈزۈشتىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: بالا داۋاملىق ئۇخلاۋېتىپ، ئۇيقۇدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ يىغلايدۇ. 

داۋالاش پرىنسىپى: مېڭىنى تىنچلاندۇرغۇچى،نېرۋىنى قۇۋۋەتلەندۈرگۈچى دورىلار بېرىلىدۇ. 

يەككە دورا بىلەن داۋالاش: 

1-رېتسىپ: گۈرۈچ شىرىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، گۈرۈچنى سۇغا چىلاپ، شىرىسىرىنى چىقىرىپ، ئەھۋالغا قاراپ ئاز-ئازدىن ئىچكۈزۈپ بېرىلسە، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. 

2-رېتسىپ: كۆيدۈرۈلگەن قۇلۇلە قېپىنىڭ كۈلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ناۋات بىلەن ئىچكۈزۈپ بېرىلسە نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ. 

3-رېتسىپ: قۇرۇتۇلغان سېمىز ئوت ئۇرۇقى ياكى قورۇلغان يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ ناۋات بىلەن ئىچكۈزۈپ بېرىلسە نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ. 

4-رېتسىپ: قۇندۇز قەھرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، بالىغا كۈندە ئىككى-ئۈچ قېتىم پۇرىتىلسا، مېڭە، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەپ توسالغۇلارنى ئاچىدۇ. 

5-رېتسىپ: ئۈچ گرام مەستىكى رۇمى بىلەن بەش گرام ناۋات ئېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ ياكى گۈلقەنت قوشۇپ نان بىلەن بالىغا يېگۈزۈلسە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: خېمىرى مەرۋايىت، خېمىرى گاۋزىبان ئەنبەر، مۇپەررىھى ئەۋرىشىم قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ.  

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: چۈجە گۆشى، باچكا گۆشى قاتارلىق ئاسان ھەزىم بولىدىغان تاماقلارنى بېرىش.  بالىغا ۋە ئانىسىغا كالا گۆشى، تۇزلۇق بېلىق، چىلىغان سەي قاتارلىقلار بېرىشتىن ساقلىنىش لازىم. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.