سەۋەبى: كىندىك قاناشنىڭ سەۋەبى ئىككى خىل بولىدۇ.
1. كىندىك بېغىشى توم بوۋاقلاردا كىندىك بوشراق بوغۇلۇپ قالغان بولسا كىندىك قۇرغاندىن كېيىن باغلاق بوشاپ چۈشۈپ كېتىپ قانايدۇ. بەزىدە كىندىكنى باغلىغان يىپ بەك ئىنچىكە بولسا كېسىلىپ كېتىپ قانايدۇ. بەزىدە كىندىكنى باغلىغان يىپ بەك ئىنچىكە بولسا كېسىلىپ كېتىپ قانايدۇ. بەزىدە كىندىكنى باغلىغان يىپ بەك ئىنچىكە ياكى بەك چىڭ بوغۇلغان بولسا، كىندىكتىكى تومۇرنى كېسىۋېتىپ قاناشنى پەيدا قىلىدۇ.
2. كىندىك چۈشكەندىن كېيىن كىندىكنىڭ تۈۋىدىن قان سىرغىپ چىقىپ قانايدۇ. كىندىك قاناش كۆپىنچە بالا تۇغۇلۇپ بىر كېچە-كۈندۈز ئىچىدە يۈز بېرىدۇ. كىندىك چۈشكەندىن كېيىنكى قاناش بالا تۇغۇلۇپ ئىككىنچى ھەپتىسى كىندىك چۈشۈشنىڭ ئالدى-كەينىدە يۈز بېرىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: قان توختىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
يەككە دورىلار بىلەن داۋالاش:
1-رېتسىپ: سەدەپ ۋە بىخ مارجاندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، يەرلىك ئورۇنغا مۇۋاپىق مىقداردا سېپىپ بېرىلسە قان توختايدۇ.
2-رېتسىپ: خېنە ئۇپىسىنى يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە قان توختايدۇ.
3- رېتسىپ: ئانار گۈلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ كۈندە ئىككى قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە قان توختايدۇ.
4-رېتسىپ: يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، ئانار گۈلى، تاباشىر، ئاق سەندەل، ۋە خەشخەش ئۇرۇقىدىن ھەربىرىدىن ئۈچ گرامدىن ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ قەلەي ئۇپىسىغا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ كىندىككە سېپىپ تېڭىپ، تېڭىق دورىسى ۋە تېڭىق لاتىسى كۈندە ئالماشتۇرۇپ بەرگەندە ئىششىق ياندۇرىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىپ ئاغرىق پەسەيتىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.