مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1929 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

 تونۇش: بۇ سىل جاراسىمىنىڭ بالىلار ئۆپكىسىگە چۈشۈشى نەتىجىسىدە پەيدا بۇلۇش بىلەن بالىلارنىڭ ئۆپكىسىدە جاراھەت، كاۋاك ۋە زىدىلىنىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قىزىتما ئارقىلىق بەدەننى جۈدىتىدىغان ۋە بەدەن قۇۋۋىتىنى خورىتىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكتۇر.

سەۋەبى: يۇقۇملىنىش، ئۇدۇم قېلىش، بەدەننىڭ تەبىئى ئۇزۇقلىنىشى ۋە ئەزالار خىزمىتىنىڭ بۇزۇلىشى، ئەزا تۈزۈلىشىنىڭ كەملىكى، باشقا ئەزالاردىكى كېسەللىكلەرنىڭ شېرىكچىلىكى قاتارلىق سەۋەپلەردىن پەيدا بولىدۇ.

بىرىنچى باسقۇچلۇق ئالامەتلەر: باشتا ئېغىرلىق ۋە سۇسلۇق كۆرۈلىدۇ. ئاز- ئازدىن قۇرۇق يۆتەل كېلىدۇ. ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا ياكى تاماقتىن كىيىن ئەمچەكتىن تارغاقنىڭ ئاستى- ئۈستى قىسىمغىچە بولغان ئارىلىقتا ئاغرىق پەيدا بولىدۇ. ئاغرىقنىڭ سانجىقى دولىسىدىن تارتىپ ئېغىز ئەتىراپىغىچە بارىدۇ.

ئەگەر بۇنىڭغا قۇۋۇرغا ئاستى پەردە ياللۇغى قۇشۇلۇپ كەلسە ئاغرىق تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ. بالا تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن يۆتۈلۈپ ياندۇرىۋېتىدۇ. ھەزىم ناچارلىشىدۇ. مايلىق يېمەكلىكلەرنى خالىمايدۇ. يۈرەك ھەركىتى ۋە نەپەس تېزلىشىدۇ. نەپەسلىنىش قىيىنلىشىدۇ. بىمار كۈندىن- كۈنگە ئورۇقلاپ ئاجىزلايدۇ. قۇرۇق يۆتەلدىن كېيىن قان ئارىلاش بەلغەم كېلىدۇ. كېچىدە يەنە قىزىتما كۆرۈلىدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئالامەتلەر: ئىشتىھا پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ. قول- پۇت ئالقىنى كۆيۈشىدۇ. يۆتەل كۈچىيىدۇ. ھەم ئۇنىڭغا يىرىڭ ئارىلاش كېلىدۇ. بەلغەمنى سۇغا سالسا چۈكۈپ كېتىدۇ. نەپەس قىيىنلىشىدۇ. ماغدۇرسىزلىنىدۇ ۋە ئورۇقلايدۇ. تومۇرى ئىنچىكە ۋە تېز سالىدۇ. كېسەللىك تەرەققىياتى تېز بولسا قىزىتما كېچە-كۈندۈز يۇقىرى ئۆرلەيدۇ. سەھەردە قىزىتما پەسلەش بىلەن تەرلەش كۆرۈلىدۇ. بىمارنىڭ ئىككى مەڭزىدە قىزىللىق پەيدا بولىدۇ.

ئۈچۈنچى باسقۇچلۇق ئالامەتلەر: كېسەلىك ئالامەتلىرى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. يۆتەل ئەتىگەندە كۈچىيىدۇ. بەلغەم كۆپ ۋە يىرىڭ ئارىلاش كېلىدۇ. كېچىدە قىزىتما ئۆرلەيدۇ. سەھەردە قىزىتما پەسىيىپ چىپ-چىپ تەرلەيدۇ. ماغدۇرسىزلىنىش ئېغىرلىشىدۇ. چاچلىرى چۈشۈشكە باشلايدۇ. تىرناقلىرى ئاقىرپ كىچىك يۇمۇلاقلىشىدۇ. ئەمچەك ۋە قورساق تېرىسىگە ئۇششاق مۇدۇر ۋە داغلار پەيدا بولىدۇ. تىل سۈزۈك بولۇپ قىزىرىدۇ. ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ. يېگەن نەرسىلەرنى ياندۇرۋېتىدۇ. بەدەن تېرىلىرى قۇرۇپ تىكەنلىشىپ سۇس ئاقىرىدۇ ۋە كۆرۈنەرلىك ئورۇقلايدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: ھارارەتنى پەسەيتىش، يۈتەل  توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش، جاراھەتنى پۈتتۈرۈش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: كالا، تۆگە، قوي، ئۆچكە سۈتلىرى. تۇخۇم، قوي ۋە توخۇ، كەپتەر گۆشلىرىنىڭ شورپىسى، تونۇر نېنى، گۈرۈچ بۇغداي ئۇنىدا ئېتىلگەن تاماقلارنى يېڭى سەي-كۆكتاتلارنى كۆپ بېرىش، تاماق تۈرىنى داۋاملىق ئۆزگەرتىپ تۇرۇپ، كېسەلنىڭ ئىشتىھاسىنى ئېچىپ، سەمىرىشنى قولغا كەلتۈرۈش، قىزىل گۈلقەنت بېرىش لازىم. 

سوغۇق تەبىئەتلىك، يەللىك، غەلىز تاماقلاردىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.