مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى12-ئاينىڭ21-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2640 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ بىرخىل تېرە يۈزىگە قىزىل ئەسۋە چىقىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، ئادەتتە ئالتە ئايلىقتىن يۇقىرى، بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. بىر يىلنىڭ ھەممە پەسلىدە بولىۋېرىدۇ. ئەمما ئەتىياز پەسلىدە كۆپرەك تارقىلىدۇ.

سەۋەبى: زەھەرلىك ۋابا ھاۋانىڭ شامال ئارقىلىق بالىلارنىڭ نەپەس يولىغا كىرىپ، قانغا ئۆتۈشى، كېسەللىك جاراسىمىنىڭ بىر بالىدىن يەنە بىر بالىغا يۇقۇشى، ئىمىتكۈچى ئانىنىڭ ۋە بالىنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، تۆت خىلىتنىڭ بىرىدە ئوفۇنەت (ياللۇغلىنىش) پەيدا بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: بۇ كېسەللىك تۆەندىكىدەك تۆت تۈرگە بۆلىنىدۇ. 

1. يوشۇرۇن دەۋرى: قىزىلنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى 10-12 كۈن بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 11 كۈن بولىدۇ. بۇ جەرياندا ئېنىق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ.

2. باشلىنىش مەزگىلى: بىماردا تىترەش، جۇغ-جۇغ بولۇش، قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. قىزىتما ئۆرلەيدۇ، بالا بىئارام بولۇپ، ئەس-ھوشۇنى يوقىتىدۇ. كۆز جىيەكلىرى قىزىرىپ ئىششىيدۇ، چۈشكۈرۈش بىلەن بىرگە بۇرنىدىن سۇ ئاقىدۇ. يۆتىلىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ھەزىم قىلىش يوللىرىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. قىزىتما باشلىنىپ بىر-ئىككى كۈندىن كېيىن ئېغىزى ئىچى، قوۋۇزنىڭ يان تەرەپلىرى ۋە چىش گۆشلىرىدە يىڭنىنىڭ ئۇچىدەك چوڭلۇقتىكى چۆرىسىنى قىزىللىق ئوراپ تۇرغان ئاق تاشما كۆرۈلىدۇ. تاشمىنىڭ سانى بىردىن ئون دانىغىچە بولىدۇ، بۇ بەلگە قىزىلنى تونۇشتىكى ئەڭ مۇھىم بەلگە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

3. ئەسۋە چىقىش دەۋرى: قىزىتما باشلىنىپ تۆت-بەش كۈندىن كېيىن ئېگىز-پەس بولۇپ تۇرۇۋاتقان قىزىتما بىردىنلا ئۆرلەپ كېتىدۇ، بىمارنىڭ گاللىرى قىزىرىدۇ، ئاۋازى بوغۇلىدۇ، بەزىلىرىنىڭ ئىچى سۈرسە بەزىلىرىنىڭ ئىچى قېتىپ قالىدۇ. كېسەل بالا ئاشقازان ئېغىزىدا ئاغرىق ھېس قىلىدۇ، مۇشۇ ئومۇمىىي بەدەنلىك بەلگىلەر بىلەن كېسەلنىڭ بەدىنىگە ئىنتايىن ئۇششاق قىزىل دانچىلار چىقىشقا باشلايدۇ. بۇ دانچىلار كۆپىنچە ئاۋۋال قۇلاقنىڭ كەينىگە، ئۇنىڭدىن كېيىن باش، پېشانە، بويۇن، يۈز ساھەسىگە چىقىپ، كېيىن گەۋدىگە، ئاخىرىدا قول-پۇتلارغا چىقىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا تاپان بىلەن ئالقانغا چىقىدۇ، چىققان تاشما قولغا ئۇرۇنغۇدەك ھالدا تېرىدىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئەسۋە چىقىشقا باشلاپ، بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە پۈتۈنلەي چىقىپ بولىدۇ، قىزىل ئەسۋىسى دەسلەپتە شالاڭراق چىقىپ، تەدرىجىي ھالدا كېڭىيىپ كۆپىيىدۇ. ئاندىن ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ، دائىرىسى كېڭىيىپ، شەكلى ئوخشاش بولمىغان ئالا-چىپارلىقنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەسۋىلەر ئارىسىدا سىلىق تېرىنىڭ رەڭگىنىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ دەۋىردە قىزىتمىسى دەسلەپكى دەۋىردىن يۇقىرى بولىدۇ. بالا بەكرەك بىئارام بولىدۇ. ئېغىرراقلىرىدا جۆيلۈش، ھوشىدىن كېتىش، تۇتقاقلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بولغاندىن تاشقىرى، گال ساھەسى زەخىملەنگەچكە، ئاۋازى پۈتۈپ بوغۇق يۆتىلىدۇ، كۆزىنى چاپاق باسىدۇ. كۆزىدىن ياش ئاقىدۇ، قاپاقلىرى ئىششىپ كېتىدۇ. كېسەلنىڭ بۇ دەۋرى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە بولىدۇ. 

4. ئەسلىگە كېلىش مەزگىلى: بىمارنىڭ روھى ھالىتى تەدرىجىي ياخشىلىنىپ، ئەس-ھوشى ئەسلىگە كېلىدۇ. قىزىتمىسى تەدرىجىي نورماللىشىدۇ، قاپارتمىلار ئەتراپىدا قىچىشىش پەيدا بولۇپ، دانچە قاقاچلىرى تۆكۈلىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ. 

پەرۋىش قىلىش: كېسەل بالا ئىسسىق ياتقۇزۇلۇپ، ئوبدان ئارام ئالدۇرىلىدۇ. ئۆينىڭ ھاۋاسى پات-پات يېڭىلاپ تۇرۇلىدۇ، كېسەل بالىغا سوغۇق ھاۋا، شامال تېگىپ قېلىشتىن ساقلاپ، ئۇسسۇزلۇقىغا قايناقسۇ كۆپ بېرىلىدۇ، تازىلىققا دىققەت قىلىنىدۇ. بالىلارنىڭ كۆز، ئېغىز-بۇرۇنلىرىنى پات-پات يىلمان سۇدا نەمدەلگەن لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ تۇرۇلىدۇ.

داۋالاش پرىنسىپى: ياللۇغ قايتۇرغۇچى، قىزىتما قايتۇرغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدە قىزىتما پەسەيتىدىغان دورىلار بېرىلمەيدۇ، پەقەت قايناقسۇنى كۆپ بېرىپ، ئىسسىق بېقىلسىلا بولىدۇ. 

يەككە دورىلار بىلەن داۋالاش: 

1. يۇمغاقسۈتتىن توققۇز گىرام ئېلىپ قاينىتىپ ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچكۈزۈلسە ياللۇغ قايتۇرۇپ، قىزىتما قايتۇرىدۇ. 

2. يۇلغۇندىن توققۇز گىرام، يالپۇزدىن ئالتە گرام، چاكاندىدىن ئىككى گىرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچۈرۈلسە ئەسۋىنىڭ چىقىشىنى تېزلىتىدۇ. 

3. قۇرۇق يۇمغاقسۈتتىن 30 گرام قاينىتىپ، بالىنىڭ بەدىنى يۇيۇپ بېرىلسە، ئەسۋىنىڭ چىقىشىنى تېزلىتىدۇ. 

4. قىزىل تەكشى چىقىپ بولغاندىن كېيىن، قىزىتما پەسەيتكۈچى، ئىشتىھا ئاچقۇچى، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلاردىن كۆك كىشمىش ئۈزۈمدىن بەش گرام، ئەنجۈر ياكى ئەنجۈر قېقىدىن ئىككى دانە، غۇنچە ئۈزۈمدىن ئۈچ گرام، چىلاندىن ئۈچ دانە، شېكەردىن 12 گرام ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ تەييارلاپ، چوڭراق بالىلارغا بىرقېتىمدا، كىچىكرەك بالىلارغا ئىككى-ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ ئىچكۈزۈپ بېرىلسە قىزىتما قايتۇرىدۇ. 

5. ئارپا بەدىياندىن 30 گرام، ئۇرۇقسىز ئۈزۈمدىن 60 گرام ئېلىپ، بىر چىنە سۇدا قاينىتىپ، يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ تەييارلاپ، ئەھۋالغا قاراپ 20-40 مىللىلىتىردىن كۈندە ئۈچ قېتىم ئىچكۈزۈلسە سۈيدۈك ھەيدەپ قىزىتما قايتۇرىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: خېمىر مەرۋايىت،  ئەرقى شوخلا، مۇپەررىھى ئەزەم،  مۇپەررىھى ياقۇتى مۆتىدىل، ئەرقى گۇلاپ، شەربىتى بىنەپشە، ئەرقى بەدىيان، قۇرسى تاباشىر، ئانار شەربىتى قاتارلىق دورىلار بالىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:  ئاسان سىڭىدىغان تاماقلار بېرىلىدۇ. ئاچچىق-چۈچۈك تاماق، قورۇغان-مايلىق تاماقلاردىن پەرھىز تۇتۇلىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.