ئەسۋە كۆپ كۆرۈلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ ، ئالتە ياشتىن تۆۋەن بالىلار بۇ خىل كېسەلنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ .
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مۇرات دوختۇرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، بۇ خىل كېسەللىك ھاۋادىن تارقىلىدىغان بولۇپ ، ئاساسلىقى يۇقۇملانغۇچىنىڭ شۆلگىيى ۋە چوڭ–كىچىك تەرىتىدىن يۇقىدىكەن . بالىلارغا ئەسۋە چىققان دەسلەپكى مەزگىلدە قىزىش . قول ، پۇتنىڭ ئالقىنىغا ، بەزىلىرىنىڭ كاسىسىغا دۆڭچە تاشما ، قوقاق چىقىش ، ئېغىز بوشلۇقى شىلىمشىق پەردىسىگە قوقاق ، يارا چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن ، قىسمەن يۇقۇملانغۇچىلاردا يۆتىلىش ، پوتلىسى ئېقىش ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ، كۆڭلى ئاينىش ، قەي قىلىش ، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن .
مۇرات دوختۇر ئاتا–ئانىلارغا ئەسۋە كېسەللىكى تارقالغان مەزگىلدە بالىلارنى كىشلەر توپلاشقان ، ھاۋا ئالمىشىشى ناچار جايلارغا ئاپارماسلىق ، قىزىغان ياكى ئوخشاش خاراكتېردىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بالىلار بىلەن ئۇچراشتۇرماشلىق ، ئۆي مۇھىتىنىڭ پاكىز ، ھاۋاسىنىڭ ساپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ، بالىلارنىڭ كىيىم–كېچەك ، يوتقان –كۆرپىلىرىنى پات–پات ئاپتاپقا سېلىش قاتارلىقلارنى ئەسكەرتتى ھەمدە قىزىغان ، ئەسۋە چىققان بالىلارنىڭ دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا ئاپىرىشنى تەكىتلىدى .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.