مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ09-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1454 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ يۇقىرى قىزىتما بىلەن ئىپادىلىنىدىغان پۈتۈن بەدەنلىك ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، كۆپىنچە ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە كۆرۈلىدۇ. بەلگىلىك تارقىلىشچانلىققا ئىگە. بەش ياشتىن تۆەن بالىلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا نىسبەتەن ئاز ئۇچىرايدۇ. 

سەۋەبى: كېسەللىك ھەرخىل سەۋەبلەردىن ئۈچەي كېزىكى جاراسىمىدىن يۇقۇملىنىش، خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشى قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: كېسەللىك جاراسىمى يۇققاندىن كېيىن 10 كۈندىن 14 كۈنگىچە يوشۇرۇن ھالەتتە تەرەققىي قىلىپ، باشقا ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ. 15-كۈنىدىن باشلاپ قىزىتما كۆرۈلىدۇ. قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، بوشىشىش، ھۆ بولۇش، ئىشتىھاسىزلىق، ئۇسسۇزلۇق كۆپىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. 

ئالدىنى ئېلىش: كېزىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تازىلىققا رىئايە قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ، مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاش، سۇ مەنبەلىرى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بالىلارنى سوغۇق سۇ ئىچمەي، قايناقسۇ ئىچىشكە ئادەتلەندۈرۈش. يېمەكلىكلەرنىڭ تازىلىقىنى ياخشىلاش، تاماققا چىۋىن قونۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش، بالىلارنى تاماقتىن بۇرۇن، تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇشقا ئادەتلەندۈرۈش، كېسەل كۆرۈلسە بالدۇرراق پەرق ئېتىپ، بالدۇرراق ئايرىپ داۋالاش، كېسەلنىڭ قاچا-قۇچا، كىيىم-كېچەكلىرىنى ساق بالىلارنىڭكىگە ئارىلاشتۇرماسلىق، كېسەل بالىنىڭ چوڭ-كىچىك تەرەتلىرىنى ۋاقتىدا تازىلاپ، كېسەل ئىشلەتكەن نەرسىلەرنى قاينىتىپ دىزېنفىكسىيە قىلىش لازىم.

داۋالاش پرىنسىپى: قىزىتما قايتۇرۇپ، ھارارەتنى پەسەيتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

يەككە دورىلار بىلەن داۋالاش: 

1-رېتسىپ: ئەينۇلا بىلەن تەمرى ھىندىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قايناقسۇغا چىلاپ، تەمىنى چىقىرىپ ئىچىشكە بېرىلسە، سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىدۇ، قىزىتما چۈشۈرىدۇ. 

2-رېتسىپ: ئىسپىغۇلنىڭ لۇئابى بىلەن بىھى ئۇرۇقىنىڭ لۇئابىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلسە، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.

3-رېتسىپ: سامساقتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سىقىپ، شىرنىسىنى چىقىرىپ، سۇ بىلەن ياكى مۇۋاپىق كېلىدىغان شەربەتلەر بىلەن قوشۇپ چوڭلار ئەھۋالغا قاراپ،  بالىلار بىر-ئىككى مىللىلىتېر ئىچىپ بەرسە ئۈچەي كېزىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

4-رېتسىپ: قارا سۇنا ئۇرۇقىدىن ئالتە گرام، قىزىل گۈل ئەرقىدىن 30 مىللىلىتېر، سۆگەن پوتلىسى ئەرقى ۋە نېلۇپەر ئەرقىدىن 30 مىللىلىتېر ئېلىپ، قارا سۇنا ئۇرۇقىنى ئەرەقلەرگە چىلاپ، تەمىنى چىقىرىپ سۈزۈۋېتىپ، ئۈستىگە 10 مىللىلىتېر نېلۇپەر شەربىتى ئىككى گرام، بېھى ئۇرۇقى لۇئابى بەش مىللىلىتېر سىركە قوشۇپ بەش ياشتىن 10 ياشلىق بالىلار بىر قېتىمدا، ئۇنىڭدىن كىچىكلەرگە ئىككى-ئۈچكە بۆلۈپ ئىچكۈزۈپ بېرىلسە ھارارەتنى پەسەيتىپ قىزىتما قايتۇرىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: چاھار تۇخۇمى شىرنىسى، لوئوقى تەمرى ھىندى، خېمىرى بىنەبشە، خېمىرى سەندەل، قۇرسى تاباشىر كاپۇر، ئەرقى بىدىمىشكى، ئەرقى گاۋزىبان، جاۋارىش زىرىشك، جاۋارىش قانىسە، ئەرقى مائۇللەھىمى، سەندەل شەربىتى قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئاسان سىڭىدىغان، يېنىك تاماقلاردىن كۆك ماش، كۆكتات، ھۆل قاپاق قاتارلىقلار سېلىپ پىشۇرۇلغان چۈجە گۆشى شورپىسى، ئارپا ئېشى، ئارپا سۈيى قاتارلىقلار بېرىلىدۇ. 

سېمىز قوي گۆشى، تۇخۇم، مايدا قورۇلغان تاماق ۋە يەللىك تائاملاردىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.