مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1267 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلى

بەزى بالىلار دائىم زۇكام، ئانگىنا، كاناي ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، ئۈچەي–ئاشقازان ياللۇغى، ئوتتۇرا قۇلاق پەردىسى ياللۇغى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. چۈنكى بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى پىشىپ يېتىلمىگەن بولۇپ، بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى چوڭلارغا يەتمەيدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تېنىدە بالا ھەمراھى ئارقىلىق ئانىسىنىڭ تېنىدىن ئالغان ئانتىتېلا بولۇپ، ئاسان يۇقۇملانمايدۇ. بىراق بەش–ئالتە ئايدىن كېيىن بالا تېنىدىكى ئانتىتېلا خوراپ تۈگەيدۇ، بەدىنى ئىشلەپچىقارغان ئانتىتېلا يەتمەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالا ئەڭ ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بالا ئىككى ياشقا كىرگۈچە، ھەتتا بەش–ئالتە ياشقا كىرگۈچە داۋاملىشىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ ئاسان يۇقۇملىنىدىغان دەۋرىدە ئاتا–ئانىلار ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىشى، ئۆيدە يۇقىرى نەپەس يولى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلار بولسا بالىغا يېقىنلاشماسلىقى كېرەك.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.