بۇ مېڭە يۇلۇنىنىڭ مەلۇم قىسمىدا توسالغۇ پەيدا بولۇش سەۋەبلىك بەدەننىڭ تۆەنكى يېرىمى پالەچلىنىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، بالىلار تۇغۇلغاندىن تارتىپ بىرقانچە ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىرخىل يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، بىر يىلنىڭ ھەممە پەسىللىرىدە كۆرۈلىدۇ.
سەۋەبى: بالىلارنىڭ چىشى چىقىۋاتقاندا قورساقتا مەددە قۇرت پەيدا بولغاندا، يۇلۇنغا قاتتىق سوغۇق تەگكەندە، ئومۇرتقىغا تاياق تەگكەندە، چېچەك، ئەسۋە، قىزىل قاتارلىق ئۆتكۈر قىزىتمىلىق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغاندا، بالىنىڭ يۇلۇن ماددىسى ياللۇغلىنىپ ئەسەبلىرى زەخىملىنىشتىن بۇ كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: بۇ كېسەللىك كۆپىنچە ئۇشتۇمتۇن باشلىنىدۇ، دەسلەپتە زۇكامنىڭ بەلگىلىرى كۆرۈلىدۇ. بەزى بالىلار ئاخشىمى نېپىز كېيىنىپ يېتىپ، ئەتىگەندە ھەر ئىككى پۇت قولى پالەچلىنىپ قوپالماي قالىدۇ. بەزىلىرى كۆڭلى ئاينىيدۇ. بىئاراملىق، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈشتەك بەلگىلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئوبدان دىققەت قىلىنمىسا بۇ باسقۇچتا ئوڭايلا زۇكام ياكى ھەزىم قىلىشنىڭ بۇزۇلۇشى دەپ قارىلىپ قالىدۇ. ئۈچ-تۆت كۈن ئىچىدە قىزىتمىسى يېنىپ، ئىككى -ئۈچ كۈن ھېچقانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە قىزىتمىسى ئۆرلەپ، باش ئاغرىش ۋە قۇسۇش ئېغىرلىشىدۇ. بويۇن، دۈمبە ۋە قول پۇتلىرىدا ئاغرىش گەۋدىلىنىدۇ. بەزىدە بالىنىڭ بوينى قېتىپ قالىدۇ. بۇ خىل ھالەت بەش-ئالتە كۈن داۋاملىشىپلا قىزىتمىسى يانىدۇ. ئەمما بالىنىڭ بەلدىن تۆۋەن قىسمى پالەچلىنىپ قالىدۇ، ئۆز ۋاقتىدا توغرا ۋە جىددىي داۋالانسا تولۇق ساقىيىدۇ. ئەگەر بىخەستەلىك قىلىنسا ياكى ۋاقتىدا توغرا داۋالانماي ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە كېسەل بالا ئۆمۈرلۈك پالەچ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
داۋالاش پىرىنسىپى: ئالدى بىلەن كېسەل بالىنى ئورۇندا ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇش، قىزىتمىنى پەسەيتىش، بىمارنىڭ ئىشتىھاسىنى ياخشىلاش، شۇنداقلا قەۋزىيەتنى بوشىتىپ، ئارقا تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىپ ئاندىن كېيىن ئەسەبلەرنى ئويغىتىش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، يۈرەك، مېڭە ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
يەككە دورىلار بىلەن داۋالاش:
1-رېتسىپ: ھىڭدىن يېرىم گرام ئېلىپ، مائۇلھەسەلدە ئېزىپ، بىر قېتىمدىلا ئىچكۈزۈپ بەرگەندە پارالىچ كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
2-رېتسىپ: ئۇدسەلىپدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ 24 گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ بالىغا يالىتىپ بەرگەندە توسالغۇلارنى ئاچىدۇ.
3-رېتسىپ: جويۇز ياكى ئاقىرقەرھانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئېزىپ زەيتۇن يېغى ياكى تاغ پىيىزى يېغىدا ئېرىتىپ يىلمان ھالدا يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرگەندە سوغۇقلۇقنى تارقىتىپ پەي-مۇسكۇللارنى چىڭىتىدۇ.
4-رېتسىپ: بىدەنجىر يېغىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ، ئازراق ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ يالىتىپ بەرگەندە قەۋزىيەتنى بوشىتىدۇ.
5-رېتسىپ: چايان ۋە كەمەكتىن 10 گرامدىن، تاباشىر ۋە قانتېپەردىن يەتتە گرامدىن، چۈچۈكبۇيا يىلتىزىدىن ئۈچ گرام ئېلىپ ھەممىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ كۈندە ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا ئۈچ گرامدىن يېيىشكە بېرىلسە پارالىچ كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: تەرياقى فارۇق، خېمىرى گاۋزىبان، ئەرقى گاۋزىبان قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئاسان سىڭىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى ياخشى تاماقلارنى بېرىش. سۈت، تۇخۇم، توخۇ شورپىسى، كۆكتات شورپىسى، قوي گۆشى قاتارلىقلارنى ئوبدان پىشۇرۇپ بېرىش كېرەك.
لازا، ئاچچىقسۇ، كالا گۆشى قاتارلىق تاماقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.