نۇرغۇن كىشى ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئەقلىي كۈچى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئوزۇقلۇق ماددا زىيادە ئېشىپ كەتسە، بالىلار ئاسانلا سەمىرىپ كېتىپ، ئەقلىي كۈچى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى ئوخشاشلا تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
ئوزۇقلۇق ماددىسىنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى بالىنىڭ قول، پۈت ھەرىكىتىنىڭ ماسلاشماسلىقى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ ناچارلىشىشى، ئىنكاسىنىڭ ئاستا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ كېيىنكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.