مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2401 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ھەرخىل سەۋەبلەردىن بالىلاردا يۈرەك قوزغىلىش ۋە يۈرەك ھەركىتى نورمالسىزلىنىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك. 

سەۋەبى: خىلىتلار تەڭپۇڭسىزلىقى يۇقىرى ئاۋازلاردىن چۆچۈش، ئېرسىيەت، بەزىلەردە يۈرەكنىڭ تۈزۈلۈشى ياكى خىزمىتىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈش، سىفلىس كېسەللىكىنىڭ تەسىرى، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: ھەزىم ناچارلىشىشتىن بولغىنىدا بالىنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلىدۇ، چىرايى تاتىرىپ كېتىدۇ. ئەمگەن سۈتىنى ياندۇرىدۇ، يۈرەك تەۋرەش بىلەن بىرگە ھالسىزلىنىش، تومۇرى ئاجىز سېلىپ بىئارام بولۇش كۆرۈلىدۇ. قورقۇنۇچلۇق قاتتىق ئاۋازدىن چۆچۈشتىن بولسا بالا تولا يىغلايدۇ، قاتتىق ئاۋازلارنى ئاڭلىغاندا يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىپ كېتىدۇ، بەزى بالىلار بۇ ھالەتتە ئايلىنىپ ھوشىدىن كېتىدۇ. تومۇرى دولقۇنسىمان سېلىپ كېسەللىك تەدرىجىي ھالدا تۇتقاقلىققا ئۆزگىرىدۇ. ئېرسىيەتتىن بولغاندا يۈرەك رېتىمسىزلىقى بىلەن بالا سەمرىمەيدۇ، يۈرەك ھەرىكىتى بەك تېزلىشىپ نەپەس ئالالماسلىق، ئايلىنىپ كېتىش، ماغدۇرسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆۈلىدۇ. سىفلىس جاراسىمى بىلەن يۇقۇملانغاندىن بولغىنىدا كېسەللىكنىڭ ئەسلى مادددىسى كۆيگەن سەۋدا ياكى كۆيگەن سەپرا بولغانلىقى ئۈچۈن داۋاملىق ھالدا ئېغىز ئەتراپى، ئالىقان ۋە تاپىنى قىزىش، تومۇرى بەزىدە چوڭ، بەزىدە ئۇششاق تېز سېلىش، سۈيدۈكى قىزغۇچ سېرىق كېلىش، نەپەس تېزلىشىش، بىئارام بولۇش، ھالسىزلىنىش، بەزىلەردە ئايلىنىپ كېتىش كۆرۈلىدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

يەككە دورا بىلەن داۋالاشتا: 

1-رېتسىپ: بادرەنجى بۇيىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكۈزۈلسە يۈرەك رېتىمسىزلىققا ياخشى مەنپەت قىلىدۇ. 

2-رېتسىپ: بادرەنجى بۇيا، سۇمبۇل ۋە لاچىندانىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ قايناقسۇغا دەملەپ ئۇسسۇزلۇقىغا بېرىلسە نېرۋا ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: ئەرقى بەدىيان، جاۋارىش مەرۋايىت، خېمىرى گاۋزىبان ئەنبەر، ئەرقى گاۋزىبان، ئەۋرىشىم شەربىتى، ئانار شەربىتى، مۇپەررىھى ئەۋرىشىم، ئەرقى مائۇللەھمى، ئەرقى بىدىمىشكى، مەجۈنى ئۆشبە، ئەرقى سەندەل، سەندەل شەربىتى قاتارلىق دورىلاردىن ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئوغلاق گۆشى، ياش پاقلان گۆشى، چۈجە خوراز گۆشى، تەرخەمەك، پالەك، سېمىز ئوت قاتارلىقلار سېلىپ پىشۇرۇلغان كاكچە نان بېرىلىدۇ. مېۋىلەردىن ھۆل ئۈزۈم، نەشپۈت، ئەينۇلا قاتارلىق يەلسىز، ئاسان سىڭىدىغان، يۈرەككە قۇۋۋەت بېرىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ. 

بالىلارنى سوغۇق شامال، قاتتىق ئاۋاز ۋە قاتتىق ھەرىكەتكە ئۇچراشتۇرماسلىق بىلەن بىرگە لازا-ئاچچىقسۇ، قارىمۇچ، پىلپىل قاتارلىق ئۆتكۈر ئاچچىق پۇراقلىق دورا-دەرمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.