مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى12-ئاينىڭ28-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1353 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كۆز ئالمىسى ۋە قاپىقى قىزىرىپ ئىششىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، كۆپىنچە تۇغۇلۇپ ئۈچ كۈن ئىچىدە پەيدا بولىدۇ. 

سەۋەبى: بالىلار تۇغۇلۇش ۋاقتىدا ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزالىرىدىكى جاراسىملار ( بولۇپمۇ سۆزنەك مىكروپلىرى) بوۋاقلار كۆزىگە كىرىپ كېتىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدۇ، بەزىدە ئانىنىڭ ئۇفۇنەتلەنگەن نەرسىلەر بىلەن بۇلغانغان قولى، لۆڭگە، ياغلىق قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ كېسەل يۇقتۇرۇشى سەۋەبىدىنمۇ كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: كېسەل جىددىي باشلىنىدۇ، كۆز قاپاقلىرى قىزىرىپ ئىششىش بىلەن بىرگە كۆزدىن سېرىق ياكى ئاقۇش رەڭلىك چاپاق چىقىدۇ. چاپاقلار دائىم قاپاققا چاپلىشىپ تۇرىدۇ، بەزىدە كۆزنى ئاچقىلى بولماي قالىدۇ، كۆزدىن بەزىدە ياش ئاقىدۇ، بەزىدە ياش ئاقمايدۇ. 

داۋالاش پىرىنسىپى: ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، بوۋاقلار ھاۋاسى ساپ، پاكىزە، يورۇق ئۆيدە بېقىلىدۇ. كېيىم-كېچەك، نەرسە-كېرەك ۋە ئانىنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغان بالا بەك كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن تۆۋەندىكى دورىلارنى ئانىسى دەملەپ ئىچىش كېرەك. 

يەككە دورىلار بىلەن داۋالاش: 

1-رېتسىپ: ھۆل قاپاقتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سىقىپ سۈيىنى ئېلىپ كۈندە ئىككى قېتىم كۆزگە تېمىتىپ بېرىلسە يېڭى تۇغۇلغان بالىلاردىكى يۇقۇملىنىش بولغان كۆز ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

2-رېتسىپ: گۇلاپقا چىلانغان مامىرانچىننىڭ چىلانمىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، كۈندە ئىككى قېتىم كۆزگە تېمىتىپ بېرىلسە، يۇقۇملىنىشتىن بولغان كۆز ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

3-رېتسىپ: قارا سۈرمىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ كۈندە ئىككى قېتىم بالىنىڭ كۆزىگە تارتىپ بېرىلسە بالىلاردىكى يۇقۇملىنىشتىن بولغان كۆز ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

4-رېتسىپ: بەدىياندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ كۈندە ئىككى قېتىم كۆزگە سۈرتۈپ بېرىلسە يۇقۇملىنىشتىن بولغان كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ. كۆز ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

5-رېتسىپ: قىز تۇغقان ئايالنىڭ سۈتىنى كۈندە ئىككى ۋاق پاختىغا مىلەپ كۆزىگە سۈركەپ بېرىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ سۈيدۈكىدە كۆزىنى ئىسسىق ھالدا يۇيۇپ بەرسە بالىلاردىكى كۆز ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

6-رېتسىپ: زىرە بىلەن ياڭاق مېغىزىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ يۇمشىتىپ ئالقىنىغا ئېلىپ مۇزلىتىلغان قايناقسۇ بىلەن مەلھەم قىلغاندىن كېيىن پاختىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ قىز تۇغقان ئايالنىڭ سۈتىنى قوشۇپ قاپاققا تېڭىپ بېرىلسە يۇمۇلۇپ قالغان كۆز ئېچىلىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: 

جاۋارىش زەرئۇنى، جاۋارىش مەرۋايىت، جاۋارىش مىشكى، جاۋارىش ئۇد شېرىن، ئىتتىرفىل بەدىيان قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئانا بولغۇچى باچكا گۆشى، كەكلىك گۆشى، چۈجە گۆشى قاتارلىق ئاسان سىڭىدىغان قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى ئىستېمال قىلىپ بەرسۇن. لازا، ئاچچىقسۇ، كالا گۆشى، بۇسلۇق تاماقلردىن پەرھىز تۇتۇپ بەرسۇن. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.