مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2016-يىلى01-ئاينىڭ08-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1372 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ بالىلاردا كۆپ ئۇچىرايدىغان قۇلاق قىچىشىش بىلەن ئىپادىلىندىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: قۇلاقتىكى ھەرخىل كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن قىچىشىش كۆرۈلىدۇ. خاس قۇلاق قىچىشىش قۇلاق تومۇرىدىكى يەل سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ. 

ئالامىتى: بالا قۇلىقىنى كولاپ يىغلايدۇ، قولىنى بېسىپ تۇرسا ياكى ئىلمان سۇدا يۇسا ۋە گۈل يېغى تېمىتىلسا ئارام بېرىدۇ، يەللىك نەرسىلەرنى يېگەندە قىچىشىش ئېغىرلىشىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: قان تازىلاپ، قىچىشىشنى پەسەيتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

1-رېتسىپ: پاختىتىپ پىلىك ياساپ، ئېرىتىلگەن ھەسەلگە چىلاپ قۇلاق  تۆشۈكىگە تىقىپ قويۇلسا قۇلاق قىچىشىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

2-رېتسىپ: ئەپسەنتىن ۋە ئاچچىق بادام يېغىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئەپسەنتىننى سىركىدە قاينىتىپ ئاچچىق بادام يېغى ئارىلاشتۇرۇپ قۇلاققا تېمىتىلسا قان تازىلاپ، ياللۇغ قايتۇرىدۇ، قۇلاق قىچىشىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

3-رېتسىپ: ئارپابەدىياندىن 10 گىرام، جۇۋىنىدىن 10 گىرام، كەرەپشە ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ دورىلارنى سوقۇپ 60 گرام كۈنجۈت يېغى 100 مىللىلىتېر سۇ بىلەن ياغ چىقىرىپ بالىنىڭ قۇلىقىغا تېمىتىپ بېرىلسە سوغۇق يەلدىن بولغان قۇلاق قىچىشىشنى يوقىتىدۇ. 

مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا:  ئىترىفىل بەدىيان، ئىترىفىل كەشنىز، كۈنجۈت يېغى (كۈنجۈتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، پاكىزە تاسقاپ، جۇۋاز ياكى ياغ چىقىرىش ماشىنىسى بىلەن ياغ تارتىپ چىقىرىلىدۇ. ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا قۇلاققا تېمىتىلىدۇ.)

 دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: يەللىك، غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.