مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1588 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئەگەر بوۋاق قىزىپ قالغاندا، ئاتا _ ئانا دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا ئۈلگۈرمىسە تۆۋەندىكى ۋاقتلىق بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى چۈشۈرۈش چارىلىرىنى قوللىنىشقا بولىدۇ :

1. ھاۋانىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرىشى ، ئۆي تېمپىراتۇرىسىنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى ساقلاش ،ئۆينىڭ تېمپىراتۇرىسىنى 25- 27 سېلتسىيە گرادوس ئەتراپىدا كونتىرول قىلسا بولىدۇ.

2. ئىلمان سۇدا پېشانە ياكى بويۇننىڭ يېنىنى، يىرىق، قولتۇق ئاستى قاتارلىق ئورۇنلارنى سۈرتۈپ بېرىش.

3. ئەگەر بوۋاقنىڭ پۇت-قولى ئىسسىق ھەم پۈتۈن بەدىنى تەرلىسە ، ئارتۇق كىيىملىرىنى سالدۇرىۋېتىپ ئىسسىقلىق تارقىتىش.

4. بوۋاققا كۆپرەك سۇ ئىچكۈزۈپ بەرسە ، سۇسىزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي يەنە بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

5. بوۋاقنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرىسى 38.5 سېلتسىيە گرادۇستىن ئېشىپ كەتكەندە مۇۋاپىق مىقداردا قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى ئىشلىتىش ھەمدە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.