بۇ خىل قاناش بوۋاقلار تۇغۇلۇپ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە يۈز بېرىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئادەتتە جىنسىي يولدىن كەلگەن قان زاكىنى ئازراقلا بۇيايدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا قىزىتما بولمىسا ياكى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان باشقا بىرەر كېسەللىكتىن گۇمان قىلىنمىسا بۇ كېسەللىكنى داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ئۆزلىكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ.
ئەگەر قان توختىمىسا سەدەپ ۋە بىخ مارجاننى يۇمشاق سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە ياكى خېنە ئۇپىسىنى سېپىپ بەرسە بولىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
قۇۋۋەتلىك، ئاسان سىڭىدىغان تاماقلارنى بېرىش، ئانىسىنى يەللىك، غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇش لازىم.
ئانا دورا يېگەن مەزگىلدە بالىنى ئېمىتسە بولىدۇ، لېكىن ئانا ۋە بالا پەرھىز قائىدىلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.