يېڭى تۇغۇلغان بالىلاردىكى قاناش كۆپىنچە بالىلارنىڭ بېشىدىكى قانلىق ئىششىق، كىندىكنىڭ قانىشى، قىز بوۋاقلاردا جىنسىي يولنىڭ قانىشى قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، يېڭى تۇغۇلغاندىلا بىلىنىدۇ.
باش قانلىق ئىششىقى
سەۋەبى: تۇغۇتتا ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدە مىدىرلىشى بىلەن بالىنىڭ باش سۆڭىكى ئانىنىڭ داس قىسمىغا سۈركىلىپ، قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىشى ياكى تۇغۇت يولىنىڭ قاتتىقلىقى تۈپەيلىدىن بالىنىڭ بېشى قىسىلىپ قېلىپ، باش سۆڭىكى ئاستىدىكى قان تومۇرلار يېرىلىپ، شۇ ئورۇنغا قان يىغىلىپ قېلىشتىن پەيدا بولىدۇ.
ئالامىتى: ئىششىق كۆپىنچە بالا تۇغۇلۇپ، بىرىنچى كۈنى بايقىلىدۇ. ئىششىقنىڭ ئورنى كۆپىنچە چوقا سۆڭىكىدە ياكى چوقا سۆڭىكىنىڭ ئارقا قىسمىدا بولۇپ، بەزىدە ھەرئىككى تەرەپتە قانلىق ئىششىق يۈز بېرىدۇ. ئىششىق ناھايىتى تېز چوڭىيىپ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، كېيىن تەدرىجىي كىچىكلەپ كېسەللەنگەن ئورۇندىكى تېرىنىڭ رەڭگى ئەسلىگە كېلىدۇ. ئايرىملاردا كېسەللەنگەن ئورۇن قىزىرىپ ئىششىغان جاي لۆمۈلدەيدۇ، باسقاندا ئولتۇرۇشمايدۇ. ئىششىقنىڭ دائىرىسى ئېنىق بولىدۇ، ئورنى سۆڭەكنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، سۆڭەك چاكلىرىدىن ئۆتمەيدۇ. پەيدا بولغان جايدا توختايدۇ، ئىششىق چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ ئۇزۇن بولغاندا ئۈچ-تۆت ئاي قىسقا بولغاندا، ئىككى ئايغىچە داۋاملىشىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى: بۇ كېسەلنى مەخسۇس داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق. قوشۇمچە كېسەللىكلەر قوشۇلۇپ قالمىسىلا ھەممىسى ئۆزلىكىدىن ساقىيىپ قالىدۇ. قوشۇمچە كېسەللىك پەيدا بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تېرىسىنى مۇھاپىزەت قىلىپ، زەخىملىنىشتىن ساقلاش لازىم. شۇڭا داكىنىڭ قېتىغا پاختا ئېلىپ، يۇمشاق قىلىنغان يۆگەك بىلەن بالىنىڭ. باش قىسمىنى يۆگەپ سۈركۈلۈپ زىدىلىنىشتىن ساقلاشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلىدۇ.
قىزىش ئەھۋالى كۆرۈلسە قىزىتما قايتۇرغۇچى، ئىسسىقنى پەسەيتىپ ماددىلارنى تارقاتقۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.
يەككە دورا بىلەن داۋالاش:
1-رېتسىپ: بېشىغا كۈندە ئىككى ۋاخ خېنە ئۇپىسى ياكى قەلەي ئۇپىسى سۈرتۈپ بېرىلسە، قان توختىتىدۇ.
2-رېتسىپ: ئانار گۈلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بېرىلسە قان توختايدۇ.
3-رېتسىپ: خۇنسىياۋشان ۋە كەھرىۋادىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ كۈندە ئىككى قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بېرىلسە قان توختىتىدۇ.
4-رېتسىپ: ئانار گۈلى، تاباشىر، خۇنسىياۋشان ۋە كەھرىۋادىن 10 گرامدىن ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ تالقان تەييارلاپ كۈندە ئىككى قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بېرىلسە قاناشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە تېرىسىنى ياخشىلايدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.