بۇ بالىلاردا كۆپ ئۇچىرايدىغان بوغۇز ۋە بادامسىمان بەز ئىششىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.
سەۋەبى: گالغا توپ-چاڭ كىرىپ كېتىش، قاتتىق سوغۇق ئۆتۈش، خىلىتلارنىڭ كۆيۈشى، غەيرىي تەبىئىي سەپرانىڭ غالىپ كېلىشى، مېڭىدىن كەلگەن نەزلىنىڭ ئاچچىق سۈيى ئولتۇرۇپ قېلىش، جاراسىملاردىن يۇقۇملىنىش، بەلغەم خىلىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، ئىمىتكۈچى ئانىنىڭ تازىلىقى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: داۋاملىق ھالدا سانجىپ ئاغرىش، ئېچىشىش، قىمىلداش قاتارلىقلار بىلەن ئارقا-ئارقىدىن يۆتەل تۇتىدۇ. گالغا بىر نەرسە تۇرۇۋالغاندەك سېزىم بولىدۇ، بالىنىڭ يۈزى ئېسىلىپ، نەپەس قىسىلىش كۆرۈلىدۇ. قىزىغانسېرى ئۇسسايدۇ، گالدىن سۇيۇقلۇق ئۆتمەيدۇ، ئېغىزدىن ئىختىيارسىز شۆلگەي ئاقىدۇ. ئەگەر بادامسىمان بەز بەك يوغىناپ كەتسە، بوغۇزنى سىقىلىش بىلەن ئىششىق قۇلاق ۋە قۇلاق تۈۋى تەرەپكە كېڭىيىپ، خىر-خىر ئاۋاز كۆپىيىدۇ. بالا بەك بىئارامسىزلىنىدۇ، ئەمچەكنى ئاغزىغا ئالالمايدۇ. تىلنى ھەرىكەتلەندۈرگەندە ئاغرىش كۆرۈلىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى: ئىششىق ياندۇرۇپ، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بالىدا قىزىش، ئۇسسۇزلۇق، ئاغرىش، بىئاراملىق كۆرۈلگەن بولسا بۇ قان ياكى سەپرانىڭ غالىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن بالىنىڭ تىلى ئاستىدىكى تومۇردىن قان چېكىلىدۇ ياكى قۇلاقنىڭ ئارقىسىدىكى تومۇرغا زۇلۇك قويۇلىدۇ.
يەككە دورا بىلەن داۋالاشتا:
1-رېتسىپ: خېنىگۈل غازىڭى ۋە ھۆل كاسىنە غازىڭىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرگەندە ئىششىق ياندۇرىدۇ.
2-رېتسىپ: ياڭاقنىڭ سىرتىدىكى كۆك قاسرىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئازراق شېكەر قوشۇپ غەر-غەر قىلدۇرۇپ بەرگەندە ئىششىقنى ياندۇرۇش ئۈنۈمى تېز بولىدۇ.
3-رېتسىپ: كاكىنەچتىن توققۇز گرام، يەر توزغىقىدىن ئالتە گرام مامكاپتىن توققۇز گرام، چۈچۈكبۇيىدىن ئۈچ گرام ئېلىپ قاينىتىپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچكۈزۈپ بەرگەندە ياللۇغ قايتۇرۇپ ئىششىق ياندۇرىدۇ.
4-رېتسىپ: خام قاپاق ئېتى ۋە تەرخەمەك ئېتىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ، سىركە ئارىلاشتۇرۇپ بادامسىمان بەزنىڭ ئۇدۇلىدىن ئېڭەك ئاستىغىچە تېڭىپ بېرىلسە ئىششىق ياندۇرىدۇ.
5-رېتسىپ: قاتقان بۇغا مۈڭگۈز يىلتىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ كۈنىگە ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا بەز گرامدىن ئون گرامغىچە يېگۈزۈپ بېرىلسە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ.
6-رېتسىپ: چۇقا ۋە ئۇچقاتتىن توققۇز گرام، يەر توزغىقى، يالپۇز ۋە چۈچۈكبۇيىدىن ئۈچ گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچكۈزۈپ بېرىلسە ياللۇغ قايتۇرۇپ ئىششىق ياندۇرىدۇ.
7-رېتسىپ: بىھى ئۇرۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، لوئابىنى چىقىرىپ، شاتۇت ياكى قارا ئۈجمە شەربىتى بىلەن قوشۇپ ئىچكۈزۈپ بېرىلسە ياللۇغ قايتۇرىدۇ، ئىششىق ياندۇرىدۇ.
8-رېتسىپ: چىلاندىن 10 گرام، كۆك ماشتىن ئالتە گرام، يەرلىك شوخلادىن ئالتە گرام ئېلىپ بىر قېتىم سۇدا قاينىتىپ سۈزۈپ، سۈيىدە بالىنىڭ ئېغىزى يۇيۇپ ۋە چايقاپ بېرىلسە ياللۇغ قايتۇرۇپ ئىششىق ياندۇرىدۇ.
9-رېتسىپ: كاكىنەچ، مامكاپ، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى ۋە يەر توزغىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ ئاز-ئازدىن ئىچكۈزۈپ بەرگەندە ياللۇغ قايتۇرۇپ ئىششىق ياندۇرىدۇ.
10-رېتسىپ: سىرتىدىن بابۇنە، ئىكلىمىلىك، بىنەبشە ۋە بەدىياندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ زىماد تەييارلاپ ئىششىق ئۈستىگە چېپىپ بېرىلسە ياللۇغ قايتۇرۇپ ئىششىق ياندۇرىدۇ.
مۇرەككەپ دورىلار بىلەن داۋالاشتا: بىھى ئۇرۇقىنىڭ لۇئابى، ئەرقى شوخلا، چىلان سۈيى، ئەرقى شاھتەررە ۋە شاتۇت سۈيى قاتارلىقلار ساقايغۇچە ئىچكۈزۈلىدۇ.
ئەرقى شاھتەررە، ئەرقى شوخلا، ئەرقى چۆبىچىن، ئەرقى گاۋزىبان، خېمىرى گاۋزىبان قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: يۇمشاق، ئاسان سىڭىدىنغان تائاملاردىن ئارپا ئېشى، ماش سۈيى قاتارلىقلار بېرىلىدۇ. كالا گۆشى، سېمىز قوي گۆشى، پولو، تۇخۇم، ياغ ۋە باشقا ئىسسىق تەبىئەتلىك تاماقلاردىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.