بۇ بالىلاردىكى ئۇسساش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.
سەۋەبى: بالىنىڭ مېڭىسىگە كۆيگەن سەپرانىڭ تەسىر قىلىشى، خىلىتلىق قۇرۇق ئىسسىق ۋە خىلىتلىق ھۆل ئىسسىقتىن بولغان زۇكام، جىگەر ئاجىزلىقى، جىگەرگە قۇرۇقلۇق يېتىش، قاننىڭ ئۇفۇنەتلىنىشىدىن ئۇسساش كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: سەرسامدىن بولغىنىدا بالىنىڭ ئالدى مېڭىسى ئولتۇرۇشىدۇ، پېشانىسى ۋە ئىككى چېكىسىگە قىزىل مۇدۇرلار چىقىپ، كۆپ ئۇسساپ چىرايى سارغىيىدۇ. زۇكامدىن بولغان باش ئاغرىش، جىددىي قىزىش، گال ۋە تامىقى قۇرۇپ تۇرۇش، ئۇسسۇزلۇق ھەددىدىن زىيادە بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. جىگەر ئاجىزلىقى ۋە جىگەرگە قۇرۇقلۇق يەتكەندىن بولغىنىدا ئىشتىھا تۆۋەنلەيدۇ، ئىككى مەڭزىگە قارا داغ پەيدا بولۇپ، ئۇسسۇزلۇق كۈچلۈك بولىدۇ. قىزىتمىدىن بولغىنىدا كالپۇكىنى قارا گەز باغلايدۇ، قىزىتما تۆۋەنلىسە ئۇسسۇزلۇقىمۇ پەسىيىدۇ. ئىچى سۈرۈشتىن بولغىنىدا تۇراقسىز قىزىش ياكى مۇزلاش، تېز ئورۇقلاش، ئۇسسۇزلۇق بارغانسېرى كۈچىيىش، بەزىدە سالامەتلىككە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى: سەۋەبىنى ئېنىقلاپ سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
يەككە دورا بىلەن داۋالاش:
1-رېتسىپ: زۇكامدىن بولغىنىدا تەمرى ھىندىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سۇغا چىلاپ سۈيى ئىچكۈزۈلسە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ.
2-رېتسىپ: قىزىل گۈل بىلەن ئاقلەيلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قايناقسۇدا دەملەپ ئىچكۈزۈلسە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ.
3-رېتسىپ: زىرىق، سېمىز ئوت ئورۇقى ۋە قىيمۇقۇ ئۇرۇقىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، قايناقسۇغا چىلاپ سۈيى ئىچكۈزۈلسە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ. ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
4-رېتسىپ: سەرسامدىن بولغىنىغا، خام قاپاق توغرالمىسى، يېڭى يۇمغاقسۈت سۈيى، يەرلىك شوخلا كۆكىنىڭ سۈيى ۋە سېمىز ئوت كۆكىنىڭ سۈيىدىن 15 مىللىلىتىردىن ئېلىپ 15 مىللىلىتىر گۈل يېغى ۋە سىركە قوشۇپ ئېزىپ، خېمىر قىلىپ بالىنىڭ بېشىغا چېپىپ بېرىلسە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىدۇ، بەدەن ۋە مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ.
مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاشتا: سىركەنجىۋىل بۇزۇرى، سىركەنجىۋىل ئەفسەنتىن، ئەرقى كاسىنە قاتارلىقلار ئەھۋالغا قاراپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئىسسىق تەبىئەتلىك تائاملاردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.