بەزى ئاتا – ئانىلار ئۆز بالىلىرىنىڭ ئەقىللىق،زېرەك،چاققان،ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى ئىكەنلىكى بىلەن خوشاللىق ھېس قىلىدۇ.يەنە بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار ئۆز بالىلىرىنىڭ دۆت،قاشاڭ،ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى بىلەن قايغۇرىدۇ.زادى قايسى ئامىللار بالىلارنىڭ ئەقىللىق ۋە دۆت بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
1. ئۆزىدىكى ئامىللار:
2. ئىچكى ئامىل – ئۆزگىرشىنىڭ ئاساسى.
1›تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى ئەھۋال:مەسلەن،بالدۇر تۇغۇلۇش،تۇغۇتتىكى زەخمىلنىش ( بېشى زەخمىلىنىپ قانلىق ئىشىشىق پەيدا بولۇش )،بالىنىڭ بېشى كىچىك غەلىتە شەكىلدە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللاردا بالىنىڭ ئەقلى تۆۋەنرەك بولۇشى مۇمكىن.لېكىن جەزمەن ئۇنداق بولۇشىمۇ ناتايىن.بەزى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرگەن دەسلەپكى ۋاقتىدا ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچاراق بولسىمۇ لېكىن كېيىن ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
2)ئوزۇقلىنىش ۋە بەدەن ئەھۋالى:ئوزۇقلىنىشى ناچار بولغان بالىلارنىڭ بەدىنى،ھەر قايسى ئورگانلىرىنىڭ تەرەققىياتى ناچارراق بولىدۇ.مىڭە ھۈجەيرىلىرىنى تەمىنلەيدىغان قۇۋۋەت مەنبەسى يېتەرلىك بولمىسا نەتىجىدە بالىنىڭ ئەقلى،ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ.بۇلاردىن باشقا بالىنىڭ بەدىنى مۇكەممەل بولمىسا،مۇسكۇللارنىڭ ئوزۇقلىنىشى ناچار بولسا بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ناچار بولىدۇ.
3)بالىنىڭ كۆرۈش قۈۋۋىتى ناچار بولسا كىتاپ ئوقۇشى قىيىنلىشىدۇ.قۇلىقى ئېغىرراق بولسا دەرس ئاڭلىشى قىينلىشىدۇ.بولۇپمۇ تۇغما خاراكتىرلىك كۆرۈش قۇۋۋىتى،قۇلىقىنىڭ ئاڭلىشى ناچار بولسا ئەھۋال تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ.
4)كىتاپ ئوقۇش ئىقتىدارى كېچىكىش:نورمال ئىككى ئايلىق بولغاندا بالا مېڭىۋاتقان ئادەمگە دىققەت قىلىپ قارىيالايدۇ.ئۈچ ئايلىق بولغاندا ئۆزىنىڭ قوللىلىرىغا قارىيالايدۇ.ئۈچ ياشقا كىرگەندە رەسىملەرنى تونىيالايدۇ.يەتتە ياشقا كىرگەندە كىتاپ كۆرۈپ خەت يازالايدۇ.ئەگەر بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ناچاررراق بولسا،كىتاپ ئوقۇش ئىقتىدارى نورمال بالىلارغا نىسبەتەن كېچىكىدۇ.ئەلۋەتتە ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ ناچار بولىدۇ.
5)ئۆگىنىش قالايمىقان بولۇپ ئىدىيىسىنى بىر يەرگە يىغالماسلىق:بەزى بالىلار ھېلى بۇنى ئويلىس،ھېلى ئۇنى ئويلاپ ئىدىيىسىنى بىر يەرگە يىغالمايدۇ.تەپەككۈر قىلىشى زىيادە تۇراقسىز بولىدۇ.ئۆگىنىش جەريانىدىمۇ داۋاملىق خاتالىقلار تۈز بېرىپ تۇرىدۇ.خوشال بولغاندا تاپشۇرۇقلارنى ياخشى ئىشلەيدۇ.لېكىن ئادەتتە قەلەم تەۋرىتىشكىمۇ ھورۇنلۇق قىلىدۇ.بۇ خىل ئەھۋاللار بالا چوڭ بولغانسىرى تۈزۈلۇپ كېتىدۇ.
6)مىجەزى: بالىلارنىڭ مىجەزى سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.ئەپسۇسلىنارلىقى بەزى بالىلار كىچىكىدىن تارتىپلا ئوقۇش بىلەن ئانچە خۇشى بولمايدۇ.مەكتەپتە ئوقۇش،تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەشكە قىزىقمايدۇ.نەتىجىدە ئۆگىنىش نەتىجىسىناچار بولىدۇ.
7) بەزىبىر نېرۋا ۋە روھىي كېسللىكلىرى بار بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچار بولىدۇ.
8)باشقا كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرى:قان تەركىبىدە گلۇكوزا تۆۋەن بولسا،دائىم چۆچۆپ تارتىشىش،دۆۋىلىنىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،بۇنىڭ بىلەن ئەقلي ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىشىشىىنى پەيدا قىلىدۇ.نېرۋا سىستېمىسىنىڭ كېسەللىكلىرى بەسىلەن،مىڭە ياللۇغى،مېنىنگىت بىلەن ئاغرىغان ياكى بېشى زەخمىلەنگەن بالىلار ئەسلىدە ناھايىتى سالامەت بولسىمۇ لېكىن،كېيىن ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋانلەپ كېتىدۇ.تۇتقاق كېسىلى ۋە باشقا سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان تاتىشىپ دۆۋىلىنىش ئۇزۇن ۋاقىت داۋام قىلىۋەرسە ئوكسىگىن يېتىشمەسلىك خاراكتىرىدىكى مىڭە زەخمىلىنىشىنى پەيدا قىلىپ،بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرستىدۇ.
2.ئائىلىدىكى ئامىللار:
بالىلار كىچىگىدىن تارتىپلا ئائىلىدە ياشىغانلىقى ئۈچۈن،چوڭلارنىڭ كىچىككىنە بىرەر ھەرىكىتىمۇ بالىلارغا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
1)ئائىلىدىكىلەرنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى بالىلارغا نىسبەتەن ئۈلگە بولىدۇ.مەسلەن،گۈل ئۆستۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان ئائىلىدىكىلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى گۈلنى ياخشى كۆرىدۇ.ئائىلىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى،بىرەر نەرسىگە ئامراقلىقى قاتارلىقجر بالىلارغا كىچىكىدىن تارتىپلا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ.
2)ئائىلىدىكىلەرنىڭ بالىلار ئۆگىنىشىگە بولغان پوزىيىسىسى:بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە نىسبەتەن مۇكاپاتلاش،رىغبەتلەندۈرۈش پوزىتىيىسىنى تۇتىدۇ.بەزىلەرنىڭ ھېچقانداق كارى بولمايدۇ.بەزى ئائىلىكلەر بالىلىرىنى ياخشى ئۆگىنىدىغان،تاپشۇرۇقلارنى ياخشى ئىشلەيدىغان ئادەتكە كۆندۈرۈپ،تەربىيلەيدۇ.بەزى ئاتا – ئانىلارنىڭ كارى بولمايدۇ.بەزىلەر بالىلىرىنىڭ كۆپرەك نېمە ئۈچۈن؟دەپ سوئال سورىشىغا رىغبەتلەندۈرىدۇ.ھەمدە سەۋرىچانلىق بىلەن جاۋاپ بېرىپ چۈشەندۈرىدۇ.بەزى ئاتا – ئانىلار بالىنىڭ سوئال سورىشىدىن زېرىكىدۇ،ياخشى كۆرمەيدۇ.بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلىرى تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە ئۇلارنى يېتەكلىمەي،چۈشەندۈرمەيلا ھەممىسىگە ئارىلىشىۋالىدۇ،بالا ياخشى ئۆگىنىشكە ئامالسىز قالىدۇ.
3)ئائىلىدىكىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
4)ئائىلە ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى ئۆگىنىشنىڭ تەسىرى:يەكشەنبە،بايرام،دەم ئېلىش ۋاقىلىرىد بالىلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلش،ئويناش،كىنو كۆرۈش،يېلېۋىزور نومۇرلىرى كۆرۈش،ھېكايە ئېيتىش قاتارلقلار بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتىنى ئلگىرى سۈرىدۇ.
5)ئائىلىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى:ئەتراپتىكى مۇھىتمۇ بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.لېكىن بۇ مۇتلەق بولمايدۇ.
3.مەكتەپتىكى ئامىللار:
1)ئوقۇتۇش،تەربىيلەش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولماسلىقى:بەزى ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنى تەقدىرلەش،توغرا رىغبەتلەندۈرۈش ئورنىغا ئەكىسچە قورقىتىش،سوغۇق كۈلۈش،جازالاش ۋە تەنە سۆز قىلىش قاتارلىق ناتوغرا ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ.بۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
2)دەرس سۆزلەش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولماسلىقى:بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئۆتمەكچى بولغان دەرىسنىڭ مەزمۇنىنى ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ،ياكى دەرىسى قوپال،چۈشنىكسىز سۆزلەيدۇ – دە بالىلار ياخشى ئۆگىنەلمەيدۇ.
3)ئۇزۇن ۋاقىت دەرىسكە قاتناشماسلىق: مەكتەپكە كەلمەي ياكى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن دەرىستىن قېلىپ ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېتىشەلمەي،نەتىجىدە ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
4)كۆپ مەكتەپ ئالمىشىش: مەكتەپنى كۆپ ئالماشسا بالىلارنىڭ روھىي ھالىتى تۇراقسىز بولۇپ قالىدۇ.شۇنداقلا ئوقۇتۇش سۈرئىتى،مەزمۇنى،ئۇسۇللىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.يۇقىرىقى نۇرغۇنلىغان ئامىللاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى،كۆپىنچە سەۋەبلەرنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.مەكتەپ ۋە ئائىلىدىكىلەر زىچ ماسلاشقاندىلا بالىلارنىڭ .ۆگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان يۇقىرىقى ئامىللارنى تۈزەتكىلى ۋە كەمچىلىكلەرنى يەڭگىلى بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى چوقۇم يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.