مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1639 رەت   / مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

مالايسىيالىق تەتقىقاتچىلار مۇنداق يەكۈنگە ئىگە بولدى : تاماقنى ئۇزاققىچە يۇتماي تۇرۇۋېلىشمۇ بىر يامان ئادەت ، بۇنداق يامان ئادەتكە كۈنۈپ قالغان بالىلارنىڭ چىشىنى ئاسانلا قۇرت يەيدۇ . تەتقىقاتتىن ئايان بولۇشىچە ، ئەگەر يېمەكلىك ئېغىزدا يېرىم سائەتتىن ئارتۇق تۇرۇپ قالسا ، چىش ئارىسىدىكى مىكروبلار جانلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇۋالىدىكەن . بۇنىڭ بىلەن چىشقا قۇرت چۈشۈش خەتىرى ئېشىپ كېتىدىكەن . 

   مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى : زىياپەت سورۇنىغا ئوخشاش پەۋقۇلئاددە ئەھۋالدىن باشقا چاغدا ، بالىلارنىڭ ھەر ۋاخلىق تاماقنى يەپ بولۇش ۋاقتى 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك . ئۇنىڭدىن باشقا ، يېمەكلىكنىڭ ئېغىزدا تۇرۇش ۋاقتى يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتسە ، يېمەكلىك تەمى ئۆزگىرىپلا قالماستىن ، بالىلارنىڭ تاماق خالىماسلىق بولۇپ قېلىشىغىمۇ سەۋەب بولىدۇ . بۇنى ئەلۋەتتە يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش دېيىشكە بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەمى ئۆزگىرىپ سوۋۇپ قالغان تاماق يەنە ھەزىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ ، يامانلاشسا ئۈچەي ۋە ئاشقازان كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ . 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.